- شازاندىرا ()
- شازاندىرا (ئۆسۈملۈك)
شازاندىرا
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بۇ شازاندىرا ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان، ياغاچلانغان، پېلەك غوللۇق، ئېگىزلىكى 5 ~ 8 مېتىر ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈك بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى شار شەكىللىك، رەڭگى سۆسۈنگە مايىل قىزىل، سىرتى ئادەتتە چاڭلار بىلەن قاپلانغان، مېۋىسى گۆشلۈك، مايلىق، ئىچىدە ئۇرۇقى بار، تەمى ئاچچىق، ئازراق پۇراقلىق بولۇپ،« شازاندىرا » نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ .
ئېلىمىزنىڭ شەرقىي شىمال، شىمالىي جۇڭگو ۋە شەرقىي جەنۇبىي جۇڭگو قاتارلىق جايلاردىن،رايۇنىمىزنىڭ غۇلجا،ئالتاي قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ.
مېۋىسى تەركىبىدە %3 ئۇچۇچان ماي بار، قۇرۇق مېۋىسىنىڭ تەركىبىدە %12 لىمون كىسلاتاسى، %10 لىك ئالما كىسلاتاسى، شازاندىرا ماددىسى، بار. ئۇرۇق تەركىبىدە تەخمىنەن %33 ياغ بار.
1.مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنى قوزغىتىدۇ. 2. يۈرەك قان تومۇرلىرىنى كېڭەيتىدۇ. 3. نەپەسنى قوزغاش تەسىرىگە ئىگە. 4.بالىياتقۇ سىلىق مۇسكۇلىنى قوزغىتىدۇ. 5. ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. 6.ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىشىنى نورماللاشتۇرىدۇ.
يۆتەل، دەم سىقىش، كۆپ تەرلەش، يۈرەك قوزغىلىش، ئۇيقۇسىزلىق، ئېغىز قۇرۇش، بۆرەك ئاجىزلىقى، سېرىقلىق چۈشۈش، جىگەر كېسەللىكى، ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئىچ سۈرۈش، نېرۋا ئاجىزلىق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
1. شازاندىرادىن 9~15 گرام ئېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا شېكەر قوشۇپ، قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، نېرۋا ئاجىزلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 2. پېچەكگۈل بىلەن شازاندىرادىن 15 گرامدىن، چىلان مېغىزى، ئارچا ئۇرۇقىدىن توققۇز گرامدىن ئېلىپ قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، نېرۋىنى تىنچلاندۇرىدۇ.
3. شازاندىرا، چاكاندا، جىنكېۋىزىدىن توققۇز گرامدىن ئېلىپ، قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، زىققە كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
ئاشقازاننىڭ كىسلاتالىقى ئىشىپ كەتكەنلەر ۋە يۆتەلنىڭ باشلىنىشىدائىشلەتمەسلىك لازىم.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.