خېشى موشىكا

خېشى موشىكا

خېشى موشىكا ئۇرۇگۋاي لىق سىياسىيون، 1935-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى تۇغۇلغان، ئىلگىرى بىر ۋېلىسىپىت مىنىش تەنھەرىكەتچىسى بولۇپ، 2009-يىلى 11-ئايدا ئۇرۇگۋاي زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلانغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى خېشى موشىكا
باشقا نامى José Mujica
تۇغۇلغان ۋاقتى 1935-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى
خەنزۇچە باشقا نامى 佩佩
خەنزۇچە ئاتىلىشى 何塞·穆希卡
دۆلەت تەۋەلىكى ئۇرۇگۋاي
كەسپى سىياسىيون، تەنھەرىكەتچى
ئاساسلىق نەتىجىسى ئۇرۇگۋاي زۇڭتۇڭلىقىغا تەيىنلەنگەن، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئەڭ تەسىر كۈچىگە ئىگە شەخس

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

خېشى موشىكا ئۇرۇگۋايلىق سىياسىيون، 1935-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى تۇغۇلغان، ئىلگىرى بىر ۋېلىسىپىت مىنىش تەنھەرىكەتچىسى بولۇپ، 20-ئەسىرنىڭ 60-ۋە 70-يىللىرى موسىكا «تۇپا ماروس» پارتىزانلار ئەتىرىتىگە قاتناشقان، كېيىن ھەربىي ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، 14 يىللىق ھاياتىنى تۈرمىدە ئۆتكۈزگەن. 2009-يىلى 11-ئايدا ئۇرۇگۋاي زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلانغان.

1985-يىلى ئۇرۇگۋاي خەلق دېموكراتىيەسى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، ئەركىنلىككە ئېرىشكەن موسىكا ئۇرۇگۋاي سىياسىي سەھنىدە يېڭىۋاشتىن جانلانغان.

1995-يىلى موسىكا تۇنجى قېتىم ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان.

2005-يىلدىن 2008-يىلغىچە ئۇرۇگۋاي دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق مىنىستىرى بولغان.

2009-يىلى 11-ئايدا زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان.

2014-يىلى 11-ئايدا ئامېرىكىنىڭ «دىپلوماتىيە سىياسىتى» ژۇرنىلى تەرىپىدىن 2014-يىللىق لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئەڭ تەسىر كۈچىگە ئىگە بەش نەپەر شەخس بولۇپ باھالانغان.

مۇشىكا 2013-يىلدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ئۇرۇگۋاي زۇڭتۇڭلىقىغا تاللانغان.

2015-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى، موسىكا زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىدىن چۈشكەن.[2]

خېشى موشىكا، ئۇرۇگۋاي دۆلىتىگە زۇڭتۇڭ بولغان، ئۇ ھاكىمىيەت باشقۇرغان بەش يىل ئىچىدە خەلقنىڭ ئىنتايىن ياخشى كۆرىشىگە ئېرشكەن بولۇپ، يەر شارىدىكى «ئەڭ كەمبەغەل زۇڭتۇڭ» دەپ نام ئالغان. سىرتلارغا چىققاندا ئەزەلدىن مۇھاپىزەتچى ھەمرا قىلمىغان. ئۇ زۇڭتۇڭ بولغاندىن كىيىنمۇ داۋاملىق ئۆزىنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرغان، بۇ ئۆيىمۇ ئۆز نامىدا بولماستىن ئايالىنىڭ نامىدا ئىكەن. ئۇنىڭ پەقەت بىرلا 87-يىلىنىڭ قوڭغۇز پىكاۋى بار بولغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئۇنىڭ بارلىق مال-مۈلكى تەخمىنەن ئون ئىككى مىڭ يۈئەن قىممىتىدە بولۇپ، ماشىنىسىمۇ كونىراپ كەتكەن، بىراق ساقلاش قىممىتى بار بولغاچ مەلۇم بىر سودىگەر بۇ ماشىنىغا بىر مىليون باھا قويغاندا زۇڭتۇڭ ئۇنى رەت قىلغان.

بۇ زۇڭتۇڭنىڭ ئۆيىگە بېرىش ئۈچۈن بىر نەچچە كەمبەغەللەر ئولتۇراق رايونىدىن ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. گەرچە ئۇ قوشۇلمىغان بولىسمۇ، ھۆكۈمەت تەرەپ يەنىلا ئۇنىڭغا ئىككە نەپەر مۇھاپىزەتچى قوشۇپ قويغان.

ئەمىلىيەتتە ئۇنىڭ ئايلىق مائاشى تەخمىنەن 95 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى ئەتراپىدا بولۇپ، بىراق ئۇ زۇڭتۇڭ بولغان مەزگىلدە مائاشىنىڭ 90 پىرسەنتىنى كەمبەغەللەرگە ئىئانە قىلىۋەتكەن.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ : «مىنىڭ ئىلگىركى تۇرمۇشۇممۇ ياخشى ئىدى. زۇڭتۇڭ بولغانلىقىم ئۈچۇن ئۆزگۈرۇشۈمنىڭ ھاجىتى يوق».

خەلق ئۇنى ئىنتايىن ھىمايە قىلاتتى، بىراق دۈشمەن كۈچلەر بولسا ئۇنى مەسخىرە قىلغان. ئۇ : «مەن كەمبەغەل ئەمەس، ئۆزەمنى كونتىرول قىلىمەن، ھەممە مىنى كەمبەغەل زۇڭتۇڭ دىيىشىدۇ. ئەمىلىيەتتە مەن كەمبەغەل ئەمەس مىنىڭچە ئادەمنىڭ نەپسى قانچە چوڭ بولسا، شۇنچە تويماس بولىدۇ. ماڭا نىسبەتەن ھەممە نەرسە ئىشلىتىشكە يەتسىلا بولدى».

ئەمىلىيەتتە بۇ زۇڭتۇڭ ئىنتايىن تەجرىبىلىك بولۇپ، كەچۈرمىشلىرىمۇ ناھايىتى جىق. ئۇ بۇرۇن تۈرمىدە ياتقان، ئوق تەككەن، ئۆلۈم گىرداۋىدىن قۇتۇلۇپ قالغان. ئۇ دۆلەت باشقۇرغان مەزگىلدە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى %6.6، كەمبەغەللىك نىسبىتى %11.5 تۆۋەنلىگەن. زۇڭتۇڭلىقتىن چۈشۈش ئالدىدا %70 خەلق ئۆزلىرىنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#