بۆرەك ئورۇقلاش

بۆرەك ئورۇقلاش

بۇ كېسەللىك، بۆرەك مىجەزى بۇزۇلۇش، ئۇزاق داۋاملاشقان بۆرەك زەئىپلىكى، جىنسىي ئالاقىنىڭ كۆپ بولۇشى ۋە قەنت سىيىش كېسەللىكىنىڭ تەسىرىدە بۆرەكنى قاپلاپ تۇرغان ياغلارنىڭ سىزىپ كېتىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان 

زىيادە ئورۇقلاش، ماغدۇرسىزلىق، سۈيدۈك كۆپىيىش ۋە ئاغرىتىپ كېلىش، بەل ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىغان كېسەللىكتۇر.

غەرب تېبابىتى نامى بۆرەك ئورۇقلاش
كېسەللىك سەۋەبى بۆرەك مىجەزى بۇزۇلۇش،بۆرەك زەئىپلىكى
ئاساسلىق ئالامىتى زىيادە ئورۇقلاش، ماغدۇرسىزلىق، سۈيدۈك كۆپىيىش

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۆرەك ئورۇقلاشسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، بۆرەك مىجەزى بۇزۇلۇش، ئۇزاق داۋاملاشقان بۆرەك زەئىپلىكى، جىنسىي ئالاقىنىڭ كۆپ بولۇشى ۋە قەنت سىيىش كېسەللىكىنىڭ تەسىرىدە بۆرەكنى قاپلاپ تۇرغان ياغلارنىڭ سىزىپ كېتىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: زىيادە ئورۇقلاش، ماغدۇرسىزلىق، سۈيدۈك كۆپىيىش ۋە ئاغرىتىپ كېلىش، بەل ئاغرىش، باش ئاغرىش، كۆز تورلىشىش، سۈيدۈك تۇتالماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

 كۆز رەڭگى ئولتۇرۇپ كېتىش، باشنىڭ ئارقا تەرىپى يەڭگىل ئاغرىش، بەل ئاغرىش، سۈيدۈك رەڭگى ئاق، سۈزۈك كېلىش، سۈيدۈك تۇتالماسلىق،جىنسى ئىقتىدارى ئاجىزلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.[0]

1-رېتسېپ

تەركىبى: بادام مېغىزى، ياڭاق مېغىزى، نارجىل، چىلغوزا، پىستە مېغىزى، پىندۇق مېغىزى، ھەببە تۇلخوزرا 50 گىرامدىن، ھەسەل دورىلارنىڭ تەڭ مىقدارىدا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 40 گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

2-رېتسېپ

تەركىبى: تەرەنجىبىن 100 گىرام، كالا سۈتى بىر لىتىر.

تەييارلاش ئۇسۇلى: تەرەنجىبىننى ئېرىتىپ، سۈيىنى ئېلىپ، قاينىتىلغان سۈتنىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ، قويۇلغۇچە قاينىتىپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 50 گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

3-رېتسېپ

بۆرەك ئورۇقلاشتەركىبى: پىستە مېغىزى، پىندۇق مېغىزى، بادام مېغىزى، ھەببە تۇلخۇزرا مېغىزى، ياڭاق مېغىزى، چىلغوزا مېغىزى، ھەببى زەلەم مېغىزى، ماھى روبيان، خولىنجان، شاقاقۇل، قىزىل بەھمەن، ئاق بەھمەن، سېرىق تۇدەرى، قىزىل تۇدەرى، زەنجىۋىل، كۈنجۈت مۇقەششەر، دارچىن 15 گىرامدىن، سۇمبۇل، سۆئدى كۇپى، قەلەمپۇر، كاۋاۋىچىن، ھەببى قەلقەل ئۇرۇقى، بېدە ئۇرۇقى، ھەلىيۇن ئۇرۇقى، ئەرمۇدۇن ئۇرۇقى، دۇرۇنەج ئەقرەبى، زورەنبات توققۇز گىرامدىن، جويۇز، بەسباسە، داۋالە، پىلپىل ئالتە گىرامدىن، سۆئلەپ، يېڭى نارجىل، قۇشقاچ مېڭىسى، كۆكنار ئۇرۇقىنىڭ ئېغى 30 گىرامدىن، قۇرۇتۇلغان بۇقا ئالىتى، سۆرۈنجان، بوزىدان، پىننە، زەپەر، مەستىكى 12 گىرامدىن، ئۇدخام سەككىز گىرام، تىللا ۋاراق 30 تال، كۈمۈش ۋاراق 50 تال، ئەنبەر تۆت گىرام، ئىپار ئىككى گىرام، ھەسەل 136 گىرام، مەرۋايىت، كەھرىۋا، مارجان، ھېقىق يەمەن، قىزىل ياقۇت 16 گىرامدىن.

تەييارلاش ئۇسۇلى: مېغىز دورىلاردىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، مەرۋايىت، مارجان، ئەنبەر، كەھرىۋا، زەپەر، ھېقىق، ياقۇت دورىلارنى ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇلۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. 

باشقا ئۇسۇللار

1) سەۋەبىگە قارىتا چارە قىلىنىدۇ. قەنت سىيىش كېسەللىكىدىن كېلىپ چىققان بولسا، ئاساسلىق كېسەللىك داۋالىنىدۇ. بۆرەك مىجەزىنىڭ بۇزۇلۇشى ۋە ياللۇغلىنىشتىن كېلىپ چىققان بولسا، مۇناسىپ چارە قىلىنىدۇ. جىنسىي ئالاقە بىر مەزگىل چەكلىنىدۇ.

2) بۆرەكنى سەمرىتىدىغان چارىلەر قىلىنىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بادام مېغىزى، ياڭاق مېغىزى، نارجىل، چىلغوزا، پىستە مېغىزى، پىندۇق مېغىزى، ھەببى تۇلخوزرا قاتارلىقلاردىن باراۋەر مىقداردا ئېلىپ، سوقۇپ تاسقاپ، دورىلارنىڭ ۋەزنى بىلەن تەڭ مىقداردا ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئېلىپ قويۇپ، 30 گرامدىن كۈندە 3 ۋاخ يېيىشكە بېرىلىدۇ.

3) بىمارنىڭ مىجەزى ئىسسىق بولسا، خەشخاش ئۇرۇقى، قاپاق ئۇرۇقى، چىگىت مېغىزىنىڭ ھەر بىرىدىن 10 گرامدىن ئېلىپ، 300 مىللىلىتىر قاينىتىلغان كالا سۈتى بىلەن ئىچكۈزۈلىدۇ، بۇنى كەم دېگەندىمۇ بىر ئايدىن ئارتۇق داۋاملاشتۇرۇش لازىم.

4) بىمارنىڭ مىجەزى سوغۇق بولسا، داۋائىلتەرەنجىۋىل بېرىلىدۇ.

نۇسخىسى: تەرەنجىۋىلدىن 100 گرام، كالا سۈتىدىن 1 لىتىر تەييارلاپ، سۈتنى قاينىتىپ، ئۈستىگە ئېرىتىپ سۈزۈلگەن تەرەنجىۋىل سۈيىنى قۇيۇپ، قويۇلغۇچە قاينىتىپ، 50 گرامدىن كۈندە 3 ۋاخ ئىچىشكە بېرىلىدۇ. 

5) ئىلىتىلغان توخۇ تۇخۇمىنى ھەر كۈنى ناشتىدا يېگۈزسە بولىدۇ. 

6) غاز ياكى ئۆردەك يېغى بىلەن بۆرەك ئۇدۇلى ياغلاپ بېرىلىدۇ. 

(خوتەن ھۆكۈمالىرىنىڭ تەجرىبىسىدىن ئۆتكەن)

155-نۇسخا: قىزىلگۈل گۈلقەنتى

تەركىبى: قىزىلگۈل 1 كىلوگرام، شېكەر 4 كىلوگرام.

تەييارلىنىشى: يېڭى ئېچىلغان قىزىلگۈلنى ئۈزۈپ، ئەخلەتلىرىنى ئىلغاپ، تاسقاپ، تۆۋەن تەرىپىدىن ئاق يېرىنى كېسىۋېتىپ، 1 ھەسسە گۈلگە 4 ھەسسە شېكەر ياكى ھەسەلنى ئۆزىگە ئالغۇدەك ئوبدان ئارىلاشتۇرۇپ، ئاندىن ئەينەك شېشىگە قاچىلاپ، ئاغزىنى مەھكەم بېكىتىپ، 40 كۈن ئاپتاپتا تۇرغۇزۇلىدۇ. ئاپتاپتا تۇرغۇزغان ۋاقتىدا كۈندە 1 قېتىم ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. ئەگەر دورا قۇرۇپ قېتىپ قالسا، ئەرەقى گۇلابتىن بىر ئاز قۇيۇپ ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. تەبىئىتى مۆتىدىل، ھەسەل بىلەن تەييارلانغىنى ئىسسىق ھەم قۇرۇق.

تەسىرى: ئاشقازان، مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ، كېسەللىك سەۋەبىدىن بولغان بەدەندىكى ھۆللۈكلەرنى قۇرۇتىدۇ، غىزادىن كېيىن يېسە ئاشقازاندىكى بۇخاراتلارنى توسىدۇ.

ئىشلىتىلىشى: ئاشقازان، نېرۋا كېسەللىكلىرى، مۇپاسىل، پالەچ ھەم بەدەندىكى يۆتكىلىپ ئاغرىيدىغان يەللەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

ئىشلىتىلىش مىقدارى: كۈندە 1 قېتىم 5-8 گرام بېرىلىدۇ.[1]


ئالدى بىلەن سەۋەبىنى يوقىتىش، ئۇنىڭدىن كېيىن بۆرەكنى سەمرىتىش چارىلىرىنى قوللىنىش بىلەن بىرگە داۋائى تەرەنجىبىن، لوبوبى كەبىر، لوبوبى سەغىر بېرىش مەنپەئەتلىكتۇر.

غىزاسىغا: چالا پىشۇرۇلغان تۇخۇم، ھالۋا ، بۆرەك ياغلىرىدا ئېتىلگەن شويلا بېرىش، گۆش، سەۋزە،چامغۇر بىلەن شورپا سېلىپ بېرىش، قېتىق سۈزمىسىگە ھەسەل قوشۇپ ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق بۆرەكنى سەمرىتىش كېرەك.

پەرھىزى: ناۋات،شىكەر،كەرەپشە،تۇرۇپ،لازا،ئاچچىقسۇ،تاۋۇز قاتارلىق بەدەننى قىزىتىۋېتىدىغان ياكى ماينى ئېرىتىۋېتىدىغان يىمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگىدىن ئېلىندى 

http://www.4tadu.com/?p=785

1.

تىجارەت تورىدىن ئېلىندى 

http://www.tijaret.com/buy/show.php?itemid=64

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#