گېئو فىزىكا ئۇرۇشى

گېئو فىزىكا ئۇرۇشى

گېئو فىزىكا ئۇرۇشى ھازىرقى زامان گېئو فىزىكا تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، يەر تەۋرەش، دېڭىز تاشقىنى، قارا يامغۇر، قويۇق تۇمان، مۆلدۈر، تاغ گۈمۈرلۈش، سىيرىلىپ كۆچۈش، لايلاتقا ئېقىنى قاتارلىقلارنى سۈنئىي پەيدا قىلىپ، تەبىئەتنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ، مەلۇم ھەربىي مەقسەتكە يېتىدىغان ئۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. 

نامى گېئو فىزىكا ئۇرۇشى
خەنزۇچە نامى 地球物理战

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

گېئو فىزىكا ئۇرۇشىگېئو فىزىكا ئۇرۇشى ھازىرقى زامان گېئو فىزىكا تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، يەر تەۋرەش، دېڭىز تاشقىنى، قارا يامغۇر، قويۇق تۇمان، مۆلدۈر، تاغ گۈمۈرلۈش، سىيرىلىپ كۆچۈش، لايلاتقا ئېقىنى قاتارلىقلارنى سۈنئىي پەيدا قىلىپ، تەبىئەتنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ، مەلۇم ھەربىي مەقسەتكە يېتىدىغان ئۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. 

مەسىلەن، تۇمان، تۆۋەن بۇلۇت قاتلىمى ۋە چاقماق ئارقىلىق ئاۋىئاتسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسەتكىلى بولىدۇ؛ يۇقىرى بوشلۇقتىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرا قەۋىتىدىن پايدىلىنىپ، زەربە دولقۇنىنىڭ بۇزغۇنچىلىق دائىرىسىنى كېڭەيتكىلى بولىدۇ؛ ھۆل-يېغىندىن پايدىلىنىپ دەريا سۇلىرىنى تاشقۇزۇش، يوللارنى پاتقاقلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ماشىنىلاشقان قىسىملارنىڭ ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسەتكىلى بولىدۇ

گېئو فىزىكا ئۇرۇشى گېئو فىزىكىۋى ئۇرۇش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، قارشى تەرەپنىڭ جانلىق كۈچى ۋە تېخنىكىلىق ھەربىي ياراغلىرىنى يوقاتقىلى، ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، سۈنئىي يامغۇر ياغدۇرغاندا، بۇلۇتقا يېڭى تىپتىكى خىمىيىۋى دورا چېچىۋېتىلسە، ياغقان يامغۇر كىسلاتالىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ، قارشى تەرەپنىڭ رادار، تانكا، زەمبىرەك، ئاپتوموبىل ۋە قورال-ياراغ قاتارلىق تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلىرىنى چىرىتىدۇ؛ راكېتانى توشۇغۇچى قۇرۇلما قىلىپ، فرېئون ياكى ئازوت ئوكسىدلىرىنى15 −20 كىلومېتىر ئېگىزلىك ئارىلىقىدىكى تۆۋەن قويۇقلۇقتىكى ئوزون قاتلىمىغا چىقارغاندا، ئۇنىڭدا ۋاقىتلىق«كامار» پەيدا بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن قۇياشنىڭ ئۇلترا بىنەپشە نۇرى بىۋاسىتە يەرگە چۈشۈپ، قارشى تەرەپ توپلاشقان رايوندىكى ئاشكارا ئادەم ۋە جىسىملارنى تالاپەتكە ئۇچرىتىدۇ. بەزىلەر ئاتموسفېرا قەۋىتىگە ئىسسىقلىق ياكى نۇر سۈمۈرىدىغان ماددىلارنى قويۇپ بېرىپ، دۈشمەن رايونىنىڭ ھاۋا تېمپېراتۇرىسىدا جىددىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، قارشى تەرەپ قىسىملىرىنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ئاجىزلىتىدۇ. چاقماق چېقىشنى كونترول قىلغاندا، چاقماق ئىئونوسفېرادا تۆۋەن چاستوتىلىق ئېلېكتروماگنىت دولقۇنىنى ھاسىل قىلىپ، قارشى تەرەپتىكىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسى ۋە ھەرىكەت ئىقتىدارى قاتارلىقلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

گېئو فىزىكا ئۇرۇشى تەيفېڭ بورىنىدىن پايدىلىنىپ دېڭىز ئۇرۇشى ۋە قۇرۇقلۇققا چىقىش، قۇرۇقلۇققا چىقىشقا تاقابىل تۇرۇش جەڭ ھەرىكەتلىرىگە توسالغۇلۇق قىلغىلى بولىدۇ. 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە بەزى قىسىملار سوۋۇتۇش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، «چۆكمەيدىغان مۇز پاراخوت» نى ياساپ چىققان؛ نۇرنىڭ سۇنۇشىدىن پايدىلىنىپ «سۈنئىي ئاي» نى شەكىللەندۈرۈپ، قىسىمنىڭ كېچىدە يۈرۈشىگە ئاسانلىق تۇغدۇرغان. 1943-يىلى ئامېرىكا ئارمىيىسى ئىتالىيىنىڭ ۋولتاير دېڭىز قىرغىقىدا5 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا، 6.1 كىلومېتىر ئېگىزلىكتە تۇمان قەۋىتى شەكىللەندۈرۈپ، قىسىمنىڭ دەريادىن ئۆتۈشىنى مۇھاپىزەت قىلغان.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#