ئىشلەمچى يېزىسى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئىشلەمچى يېزىسى 1984-يىلى ئونسۇ ناھىيەلىك جام گۇڭشېسىدىن ئايرىلىپ چىقىپ تەسىس قىلغان،جەنۇب -شىمالى مۇھىم قاتناش يولى « 314 » دۆلەت يولىنىڭ ئىككى تەرىپىگە جايلاشقان، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى كەلكۈن چۆكۈندىسى تۈزلەڭلىككە جايلاشقان،ئاقسۇ شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 18 كىلومېتىر، ئونسۇ ناھىيەسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 17.5 كىلومېتىر، ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان، شەرقتە جام بازىرى بىلەن قوشنا، غەربتە نام دىھقانچىلىق مەيدانى ۋە سۆگەتئىرىق ئورمانچىلىق مەيدانى بىلەن چېگرىلىنىدۇ، جەنۇبتا قىزىل بازىرى بىلەن چېگرالىنىدۇ، شىمال تەرىپى تاغلاق چارۋىچىلىق فېرمىسى بىلەن چېگرالىنىدۇ، يېزا تەۋەسىدىكى ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 375 كۇۋادىرات كىلومېتىر جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 25 كىلومېتر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 15 كىلومېتىر، 10 مەمۇرىي كەنت، بىر بىنەم تېرىقچىلىق ـ ئۇرۇقچىلىق مەيدانى، 45 كەنت ئاھالىلەر گۇرۇپپىسى بار يېزىدا جەمئىي 2693ئائىلە بار، نوپۇسى 13068 ئادەم ، بۇنىڭ ئىچىدە كۆچمە نوپۇس 1091 ئادەم، ئومۇمىي ئەمگەك كۈچى 5223 ئادەم، ئاھالىسى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان.
تېرىلغۇ يەر كۆلىمى، 138 مىڭ 800 مو، بۇنىڭ ئىچىدە دېھقان 30 يىللىق ھۆددىگە ئالغان يەر 35 مىڭ 700 مو، تاۋار يەر 52 مىڭ 800 مو. ئىشلەمچى يېزىسى يېرىم دېھقانچىلىق، يېرىم چارۋىچىلىق ئىقتىسادنى ئاساس قىلىدۇ، يېزا ئىگىلىكىدە بۇغداي، كېۋەزئاساس قىلىنىدۇ؛ باغۋەنچىلىكتە چىلان، ياڭاق ئاساس قىلىنىدۇ؛ چارۋىچىلىقتا كالا، قوي ئاساس قىلىنىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.