ئارقان يول
ئارقان يول بولغاندىن كېيىن، چوڭ-كىچىك، تېنى ئاجىز ساياھەتچىلەرنىڭ ھەرقاندىقى ئۇچما تاغلارغا چىقىپ ساياھەت قىلالايدۇ، تاغقا يامىشىشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. ئارقان يولغا ئولتۇرۇپ جىلغىلاردىن ئۆتكەندىمۇ تاغ قاپتاللىرىنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرىنى تاماشا قىلغىلى، يىراق-يىراقلاردىكى مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلانغىلى بولىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئارقان يول بولغاندىن كېيىن، چوڭ-كىچىك، تېنى ئاجىز ساياھەتچىلەرنىڭ ھەرقاندىقى ئۇچما تاغلارغا چىقىپ ساياھەت قىلالايدۇ، تاغقا يامىشىشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. ئارقان يولغا ئولتۇرۇپ جىلغىلاردىن ئۆتكەندىمۇ تاغ قاپتاللىرىنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرىنى تاماشا قىلغىلى، يىراق-يىراقلاردىكى مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلانغىلى بولىدۇ.
ئارقان يول بېكەت ئۆيى، پولات ئارقان، مېخانىكىلىق ئەسلىھە، ئېلېكتر ئەسلىھەلىرىدىن ئىبارەت تۆت قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ. ئارقاننىڭ ئىككى ئۇچىدا بېكەت ئۆيلىرى بولىدۇ، ئۇ مېھمانلار ۋاگونغا چىقىپ-چۈشىدىغان ھەم خىزمەتچى خادىملار ئۈسكۈنىلەرنى كونترول قىلىدىغان، قۇراشتۇرىدىغان ۋە ئارقاننى مۇقىملاشتۇرىدىغان ئورۇن. ئارقان يولنىڭ ئورۇنلىشىشى ھەرىكەتچان گەرنىزغا ئوخشاپراق قالىدۇ. بەش بارماق توملۇقىدەك بىر تال ئارقان ۋاگوننى كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، ئۇ ۋاگوننىڭ مېڭىش يولى بولىدۇ. بىراق، ئۇ گەرنىزدەك ئاددىي ئەمەس، ئارقاننىڭ بىر ئۇچى يۇقىرى بېكەتكە كىرىپ، ئېگەرسىمان تەگلىكتىن ئۆتۈپ، غالتەككە ئۈچ قېتىم ئورالغاندىن كېيىن، تۈۋرۈككە مۇقىملاشتۇرۇلىدۇ. تۆۋەن بېكەتكە كىرگەن ئۇچى غالتەكسىمان تەگلىكتىن ئۆتۈپ، ئېغىر ئۇمۇتقا مۇقىملاشتۇرۇلىدۇ. بۇ ئۇمۇت نەچچە ئون توننا ئېغىرلىقتا بولۇپ، پولات ئارقاننىڭ چىڭ تارتىلىش ھالىتىنى ساقلاپ تۇرىدۇ.
ۋاگون تارتىش ئارغامچىسىغا تايىنىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. تارتىش ئارغامچىسىنىڭ بىر ئۇچى ۋاگونغا چېتىلىدۇ، يەنە بىر ئۇچى يۇقىرى بېكەتكە كىرىپ، توغرىلاش تۇلۇقى، قوزغىتىش ماتورىغا يۆگەلگەندىن كېيىن، يەنە بىر تەرەپتىكى توغرىلاش تۇلۇقىغا يۆگىلىپ بېكەتتىن چىقىپ، يەنە بىر رېلىستىكى ۋاگون بىلەن چېتىلىدۇ. ئارقاننىڭ ئاخىرى يەنە بىر ۋاگون بىلەن چېتىلغاندىن كېيىن، يەنە بىر ئۇچى تۆۋەن بېكەتكە كىرىپ، توغرىلاش تۇلۇقى، تارتىش ئارقىنىنىڭ ئېغىر ئۇمۇت ساندۇقىدىن ئۆتۈپ، يەنە بىر تەرەپتىكى توغرىلاش تۇلۇقىغا يۆگىلىپ، ئىككى ۋاگوننى ھالقىسىمان تۇتاشتۇرىدۇ. نەچچە توننا ئېغىرلىقتىكى تارتىش ئارقىنىنىڭ ئېغىر ئۇمۇت ساندۇقى تارتىش ئارغامچىسىنى چىڭ تارتىپ تۇرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، قوزغىتىش ماتورىنىڭ ئوڭ-تەتۈر يۆنىلىشتە ھەرىكەتلەندۈرۈشى بىلەن، تارتىش ئارغامچىسى ئىككى ۋاگوننى سۆرەپ، ئىككى ئارقاننى بويلاپ، ئىككى بېكەت ئارىلىقىدا ئالدى-كەينىگە ھەرىكەت قىلىدۇ، بۇ خۇددى يىپنى تارتسا، پەردىنىڭ ئىككى تەرىپى ئېچىلىپ، يېپىلغانغا ئوخشايدۇ.
ئەڭ بۇرۇنقى يولۇچىلار ئارقان يولى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا بارلىققا كەلگەن، ھازىر دۇنيادا مۇنداق ئارقان يول نەچچە ئون مىڭغا يېتىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.