ياۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى

ياۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى

ياۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسى(غەربىي ياۋروپا ئورتاق بازىرى) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ياۋروپادىكى ئاساسلىق كاپىتالىستىك دۆلەتلەردىن تەشكىللەنگەن.

ئۇيغۇرچە نامى ياۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى
باشقا نامى غەربىي ياۋروپا ئورتاق بازىرى
باش ئىشتاپى بريۇسسېل
خەنزۇچە  انمى 欧洲经济共同体
ئورنى ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسى ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ياۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسىياۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسى(غەربىي ياۋروپا ئورتاق بازىرى) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ياۋروپادىكى ئاساسلىق كاپىتالىستىك دۆلەتلەردىن تەشكىللەنگەن ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي تەشكىلات. 1957-يىلى3-ئايدا فرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، گوللاندىيە، بېلگىيە، ليۇكسىمبورگ قاتارلىق دۆلەتلەر رىمدا «ياۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسىنى قۇرۇش ئەھدىنامىسى» نى ئىمزالىغان، 1958-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمىي قۇرۇلغان. ئەنگلىيە، دانىيە، ئىرېلاندىيە، گرېتسىيە، ئىسپانىيە ۋە پورتۇگالىيىلەرمۇ ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ بۇ تەشكىلاتقا قاتناشتى، ھازىر ئەزا دۆلىتى 25 كە يەتتى(2004-يىلى).

ياۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسىياۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئامېرىكىنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ، دۇنيا ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %1.22 ىنى ئىگىلەيدۇ. تاشقى سودا ۋە ئالتۇن تاشقى پېرېۋوت زاپىسى ئومۇمىي سوممىسى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.

ياۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسىياۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسىنىڭ مەقسىتى ئورتاق بازار بەرپا قىلىش ئارقىلىق، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، ئىچكى قىسىمدا ئورتاق ئىقتىسادىي سىياسەتنى يولغا قويۇش، تاموژنا بېجى قورغىنىنى بىكار قىلىش، بازارنى ئەركىنلەشتۈرۈپ، ئورتاق گەۋدىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىقتىسادنى تەڭپۇڭ ئاشۇرۇش؛ سىرتقا قارىتا بىردەك پوزىتسىيە قوللىنىش، باشقا كۈچلۈك دۆلەتلەر بىلەن بولغان رىقابەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، دۇنيا ئىقتىسادى ۋە سىياسىسىدىكى ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت. 

ياۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسىئورتاق گەۋدە قۇرۇلغاندىن تارتىپ 1968-يىلى 7-ئايغىچە ئاساسىي جەھەتتىن ئىچكى قىسىمدا سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ تاموژنا بېجى ۋە چەكلىمىلەرنى بىكار قىلدى، سىرتقا قارىتا ئورتاق تاموژنا بېجى نىسبىتى ۋە ئورتاق سودا سىياسىتىنى يولغا قويدى. 70-يىللاردىن بۇيان، ئىقتىسادنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئاساسىدا، سىياسىينى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا ئىشلاردا «بىر تەلەپپۇزدا سۆزلەش» نى تەكىتلەپ كەلدى. 1992-يىل 11-ئاينىڭ 1-كۈنى ياۋروپانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى «ماستىرخېت شەرتنامىسى» كۈچكە ئىگە بولۇپ، «ياۋروپا ئىتتىپاقى» نىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكى جاكارلاندى.

ياۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسىئورتاق گەۋدىنىڭ ئاساسلىق ئاپپاراتى ئاساسەن مىنىستىرلار كېڭەش مەجلىسى، كومىتېت، ياۋروپا پارلامېنتى، ياۋروپا سوت مەھكىمىسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەزا دۆلەتلەر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ياكى باشلىقلار يىغىنى قەرەللىك ئۆتكۈزىدۇ.

بۇ تەشكىلات1975-يىلى دۆلىتىمىز بىلەن رەسمىي مۇناسىۋەت ئورناتقان، 1978-يىلى جۇڭگو-ياۋروپا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى سودا كېلىشىمى تۈزۈلدى، 1981-يىلى دۆلىتىمىزگە سودىدا ئەڭ ئېتىبار بېرىش ئىمتىيازى بېرىلدى.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#