ئالتۇن كېسەك تۆت دۆلەت

ئالتۇن كېسەك تۆت دۆلەت
<ئالتۇن كېسەك تۆت دۆلەت> :برازىلىيە ، رۇسىيە ، ھىندىستان ۋە جۇڭگودىن ئىبارەت يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان تۆت ئىقتىسادى گەۋدە دۆلىتىنى كۆرسىتىدۇ .

ئۇيغۇرچە نامى ئالتۇن كېسەك تۆت دۆلەت
ئەزا دۆلەت برازىلىيە ، رۇسىيە ، ھىندىستان ۋە جۇڭگو
خەنزۇچە نامى 金砖五国

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئالتۇن كېسەك تۆت دۆلەت<ئالتۇن كېسەك تۆت دۆلەت> : برازىلىيە ، رۇسىيە ، ھىندىستان ۋە جۇڭگودىن ئىبارەت يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان تۆت ئىقتىسادى گەۋدە دۆلىتىنى كۆرسىتىدۇ . تۆت دۆلەتنىڭ ئىنگىلىزچە ناملىرىنىڭ باش ھەرىپىنى قىسقارتىپ يازغاندا BRICs بولىدۇ ، ئوقۇلۇشى <كېسەك> (birck) بىلەن ئوخشاپ كىتىدىغان بولغاچقا شۇنداق ئاتىغان . بۇ يىل 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تۆت دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى ۋاشنگتوندا ئېچىلغان 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ دۇنيا پۇل - مۇئامىلە ۋە ئىقتىساد يۇقىرى قاتلامدىكىلەر يىغىنىدا قاتناشتى .

نېمە ئۈچۈن بۇ تۆت دۆلەت بىر قاتاردا قويۇلىدۇ ؟ ئادەتتە ، بۇ گاۋشىڭ شىركىتىنىڭ 2003 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئېلان قىلغان< BRICs بىلەن بىللە ئارزۇ قىلىش > تېمىسىدىكى دۇنياۋىي ئىقتىساد دوكلاتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىلىدۇ . دۇكلاتتا : 2050 - يىلىغا بارغاندا دۇنيانىڭ ئىقتىسادى ۋەزىيىتى قاتتىق رەتلىنىدۇ . جۇڭگو ، ھىندىستان ، برازىلىيە ، رۇسىيىلەر ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە بىلەن بىللە دۇنياۋىي يېڭى ئالتە چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇپ قەددىنى كۆتۈرىدۇ ، دەپ كۆرسىتىلگەن .

ئالتۇن كېسەك تۆت دۆلەتنۆۋەتتە <ئالتۇن كېسەك تۆت دۆلەت> نىڭ تاشقى پېرېۋوت ئومومى زاپىسى تەخمىنەن 3 تىرليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ ، ئىقتىسادىي ئومومى مىقدارى تەخمىنەن ئامېرىكىنىڭكىدىن يېرىمىغا تەڭ كىلىدۇ . ھازىرقىدەك ئامېرىكىدىكى ئىككىلەمچى قەرز كېرزىسى يەر شارى خارەكتىرلىك پۇل - مۇئامىلە كىرزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا ، گەرچە ئىقتىسادمۇ تەسىرگە ئۇچرىغان بولسىمۇ ، لېكىن <ئالتۇن كېسەك تۆت دۆلەت> نىڭ ئەمەلىي كۈچى ۋە يوشۇرۇن كۈچى يەنىلا دۇنيانى ئۆزىگە يېڭىچە نەزەر بىلەن قاراتماقتا .


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

مەنبە : <يىرىم ئايلىق سۆھبەت> 2008 - يىللىق 24 - سانى .

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#