Facebook شىركىتى

Facebook شىركىتى

Facebook شىركىتىنى 2004-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى مارك زاكېربېرگ ۋە ئۇنىڭ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ياتاقدىشى بىرلىكتە قۇرغان ئىجتىمائىي ئالاقە تور مۇلازىمىتى تور بېكىتى.

ئۇيغۇرچە نامى Facebook شىركىتى
شىركەت تىپى ئىجتىمائىي ئالاقە تور مۇلازىمىتى
باش شىتابى ئامېرىكا كالفورنىيە شتاتى مېنلو باغچىسى
قۇرۇلغان ۋاقتى 2004-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى
توربېكىتى http://www.facebook.com/
خەنزۇچە نامى 脸书
كەسپ تەۋەلىكى ئالاقە تور مۇلازىمىتى
قۇرغۇچىسى مارك ئېللىئوت زاكېربېرگ
يىللىق ئوبوروتى 3 مىليارد 710 مىليون

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

Facebook شىركىتىFacebook شىركىتىنى 2004-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى مارك زاكېربېرگ ۋە ئۇنىڭ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ياتاقدىشى بىرلىكتە قۇرغان. Facebook نىڭ ئەزالىرى ئەڭ دەسلەپتە خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەنلا چەكلەنگەن، كېيىن ئاستا-ئاستا كېڭىيىپ بوستون رايونىدىكى بىر قىىسم تەرەققىي قىلىۋاتقان مەكتەپلەر ۋە ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى باشقا ساۋاقداشلارمۇ ئىشلىتەلىگەن. كېيىن بارا-بارا باشقا ئۇنىۋېرسىتېت ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قوشۇلىشىنىمۇ قوللىغان ھەمدە كېيىن 13 ياش ۋە 13 ياشتىن يۇقىرى ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئىشلىتىشىگە ئېچىۋېتىلگەن.  ھازىر Facebook شىركىتى 13 ياشقا توشقان ھەرقانداق ئابونىتنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇشىغا يول قويىدۇ.

Facebook شىركىتىزاكېربېرگ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا باكلاۋېرلىقتا ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، 2003-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى «Facemash» ناملىق تور بېكەت پروگراممىسىنى تۈزگەن، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ گېزىتى «The Harvard Crimson» گە ئاساسەن، «Facemash» مەكتەپنىڭ تور بېكىتىدىن رەسىم يىغىپ، ھەر ئىككى پارچە رەسىمنى بىرىكتۈرۈپ ئابونىتلارغا «قىزىق نۇقتا» دىكى رەسىمنى تاللاتقۇزدى.

بۇ ئىقتىدارنى تۈزۈش ئۈچۈن، زاكېربېرگ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كومپيۇتېر تورىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەخسىي ياتاق كارتىسىدىكى رەسىمىنى كۆچۈرۈپ چىقتى. ئەينى چاغدا خارۋاردنىڭ ئوقۇغۇچىلار «Facebook» ى يوق ئىدى، بىراق ھەر بىر ئىنىستىتۇتنىڭ 1980-يىللىرىدىكى تەمىنلىگەن رەسىمى قەغەز رەسىم خاتىرىسى ئىدى. تورغا چىقىپ 4 سائەت ئىچىدە «Facemash»  تور بېكىتى 450 زىيارەتچىنى جەلپ قىلدى. بارلىق رەسىملەر جەمئىي 22 مىڭ قېتىم كۆرۈلدى.

«Facemash» ناھايىتى تېزلا نۇرغۇن مەكتەپ توپلىرىنىڭ مۇلازىمېتىرلىرىدا تارقىلىشقا باشلىدى، بىراق نەچچە كۈنلەردىن كېيىن مەكتەپ تەرىپىدىن مەجبۇرىي تاقىۋېتىلدى. ئەينى چاغدا مەكتەپ ئۇنى بىخەتەرلىككە بۇزغۇنچىلىق قىلدى، نەشر ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلدى، باشقىلارنىڭ مەخپىيەتلىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلدى، دەپ ئەيىبلەپ جازالىدى. بۇ ئەيىبلەش ۋە جازالار كېيىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. شۇ ئوقۇش مەۋسۇمىدە زاكېربېرگ «Facemash» پىلانىنى ئاساس قىلىپ، سەنئەت تارىخى مەۋسۇملۇق ئىمتىھانىدىن ئىلگىرى ئىجتىمائىي ئالاقە كىتاب ئوقۇش قورالىنى قۇردى. ئۇ 500 پارچە رىم تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك سۈرەتنى تورغا يوللىدى، ھەر بىر پارچە سۈرەتنىڭ ئاستىدا بىر پىكىر ۋە باھا يوللايدىغان رامكا بار ئىدى. ئۇ تور بەتنى ساۋاقداشلىرى بىلەن ھەمبەھىرلىدى، كۆپلىگەن ئادەملەر بۇ تور بېكەتتىن پايدىلىنىپ خاتىرىلىرىنى ھەمبەھىرلىدى.

Facebook شىركىتىئابونىت پەقەت تىزىمغا ئالدۇرغاندىن كېيىن ئاندىن Facebook نى ئىشلىتەلەيدۇ، تىزىمغا ئالدۇرغاندىن كېيىن ئۇلار شەخسىي ھۆججەت قۇرۇپ، باشقا ئابونىتلارنى قوشۇۋالالايدۇ، ئۇچۇر يوللىيالايدۇ ھەمدە باشقا ئابونىتلار شەخسىي ھۆججىتىنى يېڭىلىغان چاغدا ئاپتوماتىك ھالدا ئۇچۇرغا ئېرىشەلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئابونىت قىزىقىشى ئوخشاش بولغان توپلارغا قوشۇلالايدۇ، بۇ توپلار خىزمەت ئورنى، مەكتىپى ۋە باشقا ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن بۆلۈنگەن. ئابونىت يەنە دوستلىرىنى ئوخشاش بولمىغان تۈرلەرگە ئايرىپ باشقۇرالايدۇ، مەسىلەن، «خىزمەتداش» ياكى «دوستلار» دېگەندەك. 2012-يىلى 9-ئايغىچە Facebook شىركىتى نىڭ ئاكتىپ ئەزاسى ئون نەچچە مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن. 2012-يىلىغا قەدەر Facebook ھەر يىلى 180 بايت سانلىق مەلۇمات يوللىغان ھەمدە 24 سائەت ئىچىدە 0.5 بايت سۈرئەت بىلەن كۆپەيگەن.

Facebook شىركىتى2007-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى، مىكروسوفت 240 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا Facebook شىركىتى نىڭ ئومۇمىي قىممىتى بويىچە ھېسابلىغاندا 15 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا توغرا كېلىدىغان %1.6 پاي ھوقۇقىنى سېتىۋالدى. مىكروسوفتنىڭ پاي سېتىۋېلىش شەرتى تور بېكەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان خەلقئارالىق ئېلان ھوقۇقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 2008-يىلى 10-ئايدا Facebook شىركىتى ئىرېلاندىيەدىكى دۇبلىندا خەلقئارالىق باش شتابىنى قۇردى. 2009-يىلىدىن كېيىن، Facebook شىركىتى نىڭ ئېقىم مىقدارى مۇقىم ئېشىپ ماڭدى. 2003-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى Facebook نى زىيارەت قىلغان ئادەم سانى گۇگولنىڭكىدىن ئېشىپ كەتتى.

2010-يىلى 3-ئايدا، SecondMarket شىركىتىنىڭ دوكىلاتىغا ئاساسلانغاندا، Facebook شىركىتىنىڭ بازار باھاسى 41 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولغان؛ eBay دىن ئېشىپ گۇگول بىلەن Amazon.com دىن قالسىلا ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئىنتېرنېت شىركىتىگە ئايلانغان.

2011-يىلى 3-ئايدا Facebook شىركىتى ھەر كۈنى 20 مىڭ شەخسىي ھۆججەت بەت يۈزىنى ئۆچۈرگەن، بۇ بەت يۈزلىرى ئەخلەت ئۇچۇر، مۇۋاپىق بولمىغان مەزمۇن ياكى بولمىسا 13 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ بەت يۈزى ئىكەن. بۇFacebook شىركىتى نىڭ ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن قوللانغان ھەرىكەتلىرىنىڭ بىرى. 2011-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا Facebook شىركىتى باش شتابىنى قۇياش مىكرو سىستېمىسىنىڭ ئورنى كالفورنىيە شتاتىدىكى مېنلو باغچىسى (Menlo Park) غا يۆتكەپ كېلىشنى پىلانلىدى. DoubleClick ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولىشىچە، 2011-يىلى 6-ئايدا Facebook نىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانى بىر تىرىليونغا يېتىپ، DoubleClick ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن تىزىملىكتىكى زىيارەت قىلغان ئادەم سانى ئەڭ كۆپ تور بېكەتكە ئايلانغان. 2011-يىلى 12-ئايدا ئېلان قىلىنغان نىلسېن مېدىيا تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، Facebookشىركىتى ئامېرىكىدىكى گۇگولدىن كېيىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان زىيارەت قېتىم سانى كۆپ تور بېكەت بولغان.

Facebook شىركىتى 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى تۇنجى قېتىم ئوچۇق-ئاشكارا پاي توپلىغان، كېلىشكەن باھاسى ھەر بىر پاينىڭ 38 ئامېرىكا دوللىرى بولغان، شىركەتنىڭ شۇ چاغدىكى بازاردىكى قىممىتى 104 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولغان.

2014-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى Facebook شىركىتى 19 مىليارد نەق پۇل ۋە پايچەك بىلەن رېئال ۋاقىتلىق ئالاقە يۇمشاق دېتال شىركىتى WhatsApp نى سېتىۋېلىشقا قوشۇلغان.

2014-يىلى Facebook شىركىتى ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىسى مۇلازىمىتىنى تاقايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

2014-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى، Facebook شىركىتى نەق پۇل ۋە پايچەك بىلەن قۇرۇلغىنىغا پەقەت ئىككى يىل بولغان Oculus VR Inc شىركىتىنى 2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا سېتىۋالغان. بۇ 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى نەق پۇل بىلەن Facebook شىركىتىنىڭ 23 مىليون يۈز مىڭ پاي چېكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ھەجىۋىي رەسىم تېمى

Facebook شىركىتى ھەجىۋىي رەسىم تېمى ئابونىتنىڭ ھۆججەت يۈزىدىكى سۆز قالدۇرۇش تاختىسى، ئۇنىڭ سۆز قالدۇرۇش تاختىسى بىلەن ئوخشىمايدىغان تەرىپى، ھەجىۋىي رەسىم تېمىدىكى مەزمۇن ھەرقايسى دوستلارنىڭ بەت يۈزىگىچە بارىدۇ. كۆپلىگەن ئابونىتلار ھەجىۋىي رەسىم تېمىغا قىسقا ئۇچۇر قالدۇرۇپ قويسا بولىدۇ، ھەجىۋىي رەسىم تېمىغا قالدۇرۇپ قويغان ئۇچۇرنى تەھرىرلىگىلى بولىدۇ. ئابونىتلار دوستلىرى ۋە Facebook رايونىدا ئۆزىلىرىنىڭ قەيەردە، نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقى، ھەتتا كەيپىياتىنى قالدۇرالايدۇ. دوستلىرى ئۇنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ ۋە چۈشىنىپ ئىنكاس قالدۇرالايدۇ.

 ئۇچۇر (Messages):

مەخپى ئۇچۇرلارنى نىشان قىلغان ئابونىتنىڭ ئۇچۇر ساندۇقىغا ئەۋەتكىلى بولىدۇ، ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىسىغا ئوخشاپ قالىدۇ، پەقەت خەت ئەۋەتكەن ۋە تاپشۇرۇۋالغان ئابونىتنىلا كۆرگىلى بولىدۇ.

 قوللاش (Like):

ۋەكىللىك قىلىدىغىنى OOO قوللاش. توردىشىنىڭ ھۆججەت يوللىغۇچىغا بىلدۈرگەن پوزىتسىيىسىنى ئىپادىلەيدۇ، ھۆججەت يوللىغۇچى شەخس، ئىجتىمائىي تەشكىلات، شىركەتلەر بولىشى مۇمكىن. «قوللاش» كونۇپكىسىدىن پايدىلىنىپ تورداشلار شۇ بەت يۈزىگە قارىتا قايىللىقى ۋە پوزىتسىيىسىنى ئىپادىلىيەلەيدۇ.

ئالبۇمنى ھەمبەھىرلەش

Facebook شىركىتى

(Shared Photo Albums): ئابونىتلار يىغقان رەسىملىرىنى ئالبۇم قىلىپ قۇرىدۇ، يېڭى ئىقتىدار پەقەت رەسىم يولىغۇچىنىڭلا تەڭشەش ۋە ئىشلىتىش ئىقتىدارى بىلەن چەكلەيدۇ.

 ئەسكەرتىش بېرىش:

قارشى تەرەپكە ئۇنىڭ ئېسىڭىزدە بارلىقىنى ياكى قارشى تەرەپكە ئۆزىڭىزنى ئېسىدە تۇتىشىڭىزنى ئەسكەرتىدۇ.

تارىختىكى بۈگۈن:

تارىختىكى مۇشۇ كۈننى كۆرسىتىدۇ، سىز شۇ كۈنى Facebook تىكى دوستىڭىزغا نېمە ئىش بولغانلىقىنى ياكى قانداق سۆز قالدۇرغانلىقىنى كۆرەلەيسىز.

پائالىيەت (Events):

Events ئابونىتلارنىڭ دوستلىرىغا نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇرۇش قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئابونىتلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قولايلىق ئېلىپ كېلىدۇ.

تور بېتىدىكى ئويۇن:

تور بېكەتتە نۇرغۇنلىغان ئۈچىنچى تەرەپ بىلەن ھەمكارلىشىپ تەسىس قىلغان ئويۇنلار بار.

ئېلان چىقىرىش

Facebook شىركىتىكىرىمنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى: 1. ئېلان كەسپى؛ 2. ئابونىت پۇل تۆلەيدىغان ئېلان كەسپى؛ 3. ئۈچىنچى تەرەپ ئەپ پروگراممىسى بىلەن بولغان ھەمكارلىق؛[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئوكيان تورى قامۇسى 

http://qamus.okyan.com/index.php?doc-view-6186

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#