بەلىلە
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
قان تازىلاش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، ئاشقازان، مېڭە ۋە كۆزنى قۇۋۋەتلەش، ئاساسلىقى غەيرىي تەبىئىي سەپرا ۋە سەۋدا خىلىتلىرىنى سۈرۈپ چىقىرىش
مېۋىسىنىڭ ئېتىل ئالكاھۇل بىلەن ئاجرىتىۋېلىنغان قىسمىدا ستوستېرول (Sitocsterol - B)، ئاتسىدوم گاللىكوم (Gallic acid)، ئاتسىدوم ئىللاگكوم (Ellayhc acid)، ئېتىل گاللات (Ethiylgallate)، ئاتسىدوم خىبولكوم (Chebulayic acid) ۋە قەنت خىلىدىكى ماددىلار بار.
ئۇندىن باشقا بەلىلىدىن يۈرەكنى كۈچەيتكۈچى بىر خىىل سېتروئىد ناملىق ساپونىن تەركىبى ئايرىۋېلىنغان.
سۇس يېشىلغا مايىل سېرىق رەڭدە، تۈكلۈك ئۇرۇقچىسى سۇس سېرىق رەڭدە، ئۇرۇقى بىر دانە كېلىدۇ.
ئېلىمىزنىڭ شەرقىي جەنۇب ئۆلكىلىرىدىن ھەم ۋتىنام، تايلاند، ھىندىستان، بېرما، ھىندىنوزىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن چىقىدۇ.
1. ئوت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
2. قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدۇ.
3. ئىششىق تارقىتىدۇ، يۆتەل پەسەيتىدۇ.
1. بەلىلىنى ئېغىزغا سېلىپ شۈمۈپ سۈيىنى يۇتۇپ بەرسە، زىققا ۋە يۆتەلگە پايدا قىلىدۇ.
2 . بەلىلىنى چالا پىشۇرۇپ، ھەر ئاخشىمى ئىككى گرامدىن يەپ بەرسە، ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ ئاجىزلىقىدىن بولغان ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ.
3. بەلىلىنى سوقۇپ سۇپۇپ تاييارلاپ كۆزگە تارتسا ياكى ئۇنىڭ سۈيى بىلەن كۆزنى يۇيۇپ بەرسە، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ.
4. بەلىلە 10 گرام، ئۇستقۇددۇس 7 گرام، لاچىندانە، سۇمبۇل بەش گرامدىن، قائىدە بويىچە سوقۇپ سۇپۇپ قىلىپ ئىچىپ بەرسە، نېرۋا ئاجىزلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.