مېڭە ئالدى لىپىلدىقى

مېڭە ئالدى لىپىلدىقى ۋە مېڭە كەينى لىپىلدىقى

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ جەمئىي ئىككى لىپىلدىقى بولۇپ، بىرى مېڭە ئالدى لىپىلدىقى يەنە بىرى مېڭە كەينى لىپىلدىقى دېيىلىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى مېڭە ئالدى لىپىلدىقى
خەنزۇچە نامى 脑前囟

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ جەمئىي ئىككى لىپىلدىقى بولۇپ، بىرى مېڭە ئالدى لىپىلدىقى يەنە بىرى مېڭە كەينى لىپىلدىقى دېيىلىدۇ. كۆزىتىشكە ئاسان ھەم ئادەتتە كىشىلەر بىلىدىغىنى مېڭە ئالدى لىپىلدىقى بولۇپ، باش چوققىسىنىڭ ئالدى قىسمىغا جايلاشقان، چوققا سۆڭەك بىلەن ماڭلاي سۆڭەك قىرى شەكىللەندۈرگەن رومبا شەكىللىك بوشلۇق، باشقا قىسىملارغا قارىغاندا سەل ئولتۇرۇشقان، يۇمشاق، قول بىلەن سىيلىغاندا بوش ھەرىكەتلەنگەنلىكىنى سېزىشكە بولىدۇ. مېڭە كەينى لىپىلدىقى باشنىڭ كەينىگە، گەجگە سۆڭەك بىلەن ئىككى پارچە چوققا سۆڭەكنىڭ ئارىسىغا جايلاشقان بولۇپ، چوققا سۆڭەك بىلەن گەجگە سۆڭەك قىرلىرى شەكىللەندۈرگەن ئۈچبۈرجەك شەكىللىك بوشلۇق. مېڭە ئالدى لىپىلدىقىنىڭ ئىككى قىرىدىن ئوتتۇرا نۇقتىغىچە بولغان ئارىلىقى 5.1 ~ 0.2 سانتىمېتىر، كېيىن باش سۆڭىكىنىڭ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ چوڭىيىپ بارىدۇ، ئالتە ئايلىق بولغاندا 5.2 ~ 3 سانتىمېتىرغا يېتىدۇ. ئالتە ئايلىقتىن كېيىن بارا-بارا سۆڭەكلىشىپ كىچىكلەيدۇ، 1 ~ 5.1 ياش ئەتراپىدا ئېتىلىدۇ. بوۋاقلار يېڭى تۇغۇلغاندا مېڭە كەينى لىپىلدىقى ئىنتايىن كىچىك ياكى ئېتىلگەن بولۇپ، ئەڭ كېچىككەندىمۇ تۇغۇلۇپ ئالتە ھەپتىدىن سەككىز ھەپتىگىچە ئېتىلىپ بولىدۇ.

مېڭە ئالدى لىپىلدىقى ۋە مېڭە كەينى لىپىلدىقى كۆزىتىشكە ئاسان ھەم ئادەتتە كىشىلەر بىلىدىغىنى مېڭە ئالدى لىپىلدىقى بولۇپ، باش چوققىسىنىڭ ئالدى قىسمىغا جايلاشقان، چوققا سۆڭەك بىلەن ماڭلاي سۆڭەك قىرى شەكىللەندۈرگەن رومبا شەكىللىك بوشلۇق، باشقا قىسىملارغا قارىغاندا سەل ئولتۇرۇشقان، يۇمشاق، قول بىلەن سىيلىغاندا بوش ھەرىكەتلەنگەنلىكىنى سېزىشكە بولىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#