تۇز

تۇز، دانچىسىمان بولۇپ، ئاق رەڭلىك كرىستال پاراشوك ياكى پارچە،

پۇراقسىز، تەمى تۇزلۇق، سۇدا ئاسان ئېرىيدۇ، ئىلمىي نامى ناترىي خلورىد. 

ئۇيغۇرچە نامى تۇز
تەمى تۇزلۇق
ساقلاش ئۇسۇلى قۇرغاق جايدا ھىم ساقلىندۇ
خەنزۇچە ئاتىلىشى
ئېنگىلىزچە نامى salt

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تەركىبى

ئاش تۇزىبازاردا سېتىلىۋاتقان تۇزلاردىن ئادەتتە يىرىك تۇز، ساپ تۇز، كرىستال تۇز ۋە تۇز قاتارلىقلار بار. يېمەكلىك تۇزى ئادەتتە تاش تۇزى ۋە دېڭىز تۇزى دەپ ئايرىلىدۇ، ئادەتتە يود قوشۇپ ياسىلىدۇ. ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر 100 گرام ساپ تۇز تەركىبىدە 39311 مىللىگرام ناترىي، 2 مىللىگرام ماگنىي بار. تاش تۇزى گېئولوگىيىلىك تەبىئىي قېزىلما بايلىقلىرى ئىچىدە، ناترىي ۋە خلورلۇق ماددىلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، باشقا مىنېرال ماددىلار تەركىبى يوق. دېڭىز تۇزى ئادەتتە شورلۇق بۇلىدۇ، دېڭىز تۇزى تەركىبىدە ئاز مىقداردا مىنېرال ماددىلاربۇلىدۇ. مەسىلەن: كالىتسىي، ماگنىي، قالقان بروملۇق بىرىكمىلەر ۋە باشقا ھەر خىل مىنېرال ماددىلار بار. 

رولى

تۇز كۆپ مىقداردا ناترىي بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئادەم بەدىنى ئۈچۈن ئبيتقاندا ناترىي ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ، ئۇ  ئاقسىل ۋە سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ ئالمىشىشى ۋە نېرۋا ئىمپۇلىسىنىڭ تارقىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇسكۇللارنىڭ قىسقىرىشى، ھورموننىڭ تەڭشىلىشى ۋە ھۈجەيرىلەرنىڭ ئوكسىگېن سەرپىياتىنى كونترول قىلىش، سۈيدۈك مىقدارىنى ھاسىل قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينايدۇ، ئۇسسغاندا شۆلگەي، كۆز يېشى، تەر، ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ۋە ئۆت سۇيۇقلۇقى قاتارلىقلارنى ھاسىل قىلىدۇ. تۇز ھاسىل قىلغان ئاشقازان كىسلاتاسى ئىنتايىن مۇھىم. 

تۇرمۇشتا

تۇزيىرىك تۇزنىڭ تەرلىتىش رولى بار، ئۇ بەدەندىكى كېرەكسىز نەرسىلەرنى چىقىرىش ۋە ئارتۇقچە سۇلارنى يوقىتىش رولىغا ئىگە، تېرىنىڭ ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يۇمشىتىش، تۇز تولۇقلاش ۋە مىنېرال ماددىلارنى تۇلۇقلاش قاتارلىق رولىمۇ بار. 

يۇڭ ئەدىيال ئۈستىدىكى ماي داغلىرىنى تازىلاش ئۈچۈن، بىر ئۈلۈش تۇز ۋە تۆت ئۈلۈش ئىسپىرت  ئېرىتمىسى بىلەن يۇيۇپ، تازا كۈچەپ ئۇۋۇلىسا ماي داغلىرىنى چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ.

داۋالاش جەھەتتە

ئەتىگەندە سۇس تۇز سۈيىدە كۆزىنى يۇيۇپ بەرسە، تراخوما قاتارلىق بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى كېسىلىنى داۋالىغىلى بولىدۇ. يۇيۇنغاندا ئازراق تۇز سۈيى قوشۇپ يۇيۇنسا، تېرە كېسىلىنى داۋالايدۇ. باش ئاغرىغاندا تىلغا ئازراق تۇز سۈركەپ، ئازراق تۇز قوشۇلغان قايناقسۇ ئىچسە باش ئاغرىقىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ. چىش كولىغاندا قان چىقىپ كەتسە، تۇز سۈيى ئارقىلىق دەرھال قان توختاتقىلى بۇلىدۇ. كۆڭلى ئېلىشىپ ھەزىم قىلىش ياخشى بولمىغاندا، سۇس تۇز سۈيى ئىچىپ بەرسە ياخشى بۇلۇپ قالىدۇ. چاي ئىچكەندە ئازراق تۇز قۇشۇپ ئىچسە، گال ياللۇغلىنىش ۋە ئىسسىق ئۆتۈپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلىدۇ. ئازراق تۇز قوشۇلغان قايناقسۇ ئىچسە، گال قۇرۇپ ئاۋاز پۈتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئۈششۈك يارىسىنى ئىسسىق تۇز سۈيىدە يۇيۇپ بەرسە، قىچىشىشنى توختىتىش رولىنى ئوينايدۇ. زەھەرلىك يېمەكلىكنى يەپ سالغاندا، ئازراق تۇز قوشۇلغان قايناقسۇ ئىچسە زەھەر قايتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. قورساق قىسمىغا سوغۇق ئۆتۈپ قالغاندا، يىرىك تۇزنى خالتا ئىچىگە قويۇپ، ئىسسىق ئۆتكۈزسە بۇلىدۇ. سەھەردە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن ھەر كۈنى بىر ئىستاكان سۇس تۇز قوشۇلغان قايناقسۇ ئىچىپ بەرسە، چوڭ تەرەت راۋانلىشىدۇ. ھەمىشە تۇز سالغان قايناقسۇ بىلەن چاچ يۇيۇپ بەرسە، چاچ چۈشۈپ كېتىشنىڭ، چاچ ئازىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. 

سانائەت جەھەتتە

1. خىمىيە سانائىتىدە ئىشلىتىلدۇ؛ 

2. بوياق سانائىتىدە ئىشلىتىلدۇ؛

3. ئېرىتىش سانائىتىدە ئىشلىتىلدۇ؛

4. قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى سانائىتى جەريانىدا قولىنىلىدۇ؛

5. ماشىنىسازلىق سانائىتى جەريانىدا ئىشلىتىلىدۇ؛

6. نېفىت سانائىتىدە ئىشلىتىلدۇ؛

7. يېنىك سانائەتنىڭ جەريانىدا قولىنىلىدۇ؛

8. دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە سەرخىل تېخنىكلارنى ياساش جەھەتلەردە ئىشلىتىلدۇ؛

9. چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ئىشلىتىلدۇ؛

يۈرەك-قان تومۇر كېسىلى

نۇرغۇن تەتقىقاتتا ئىسپاتلىشىچە، ئاش تۇزىنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارى بىلەن قان بېسىمىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكى ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىك بۇلدىكەن. ئەڭ دەسلەپكى ھايۋاناتنى تەجرىبە قىلىش جەريانىدا كىشىلەر تۇزنىڭ مىقدارى يۇقىرى بولسا، قان بېسىمىنىڭمۇ يۇقىرى بولدىغانلىقىنى بايقىغان. كىيىن نۇرغۇن كىشىلەر تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، ئەگەر تاماق قىلىش جەريانىدا تۇزنىڭ مىقدارىنى كۆپەيتسە، يۇقىرى قان بېسىم كىلىپ چىقىدىغانلىقىنى بايقىغان؛ لېكىن تۇز ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن، قان بېسىمى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. ئاش تۇزىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى ناترىي خلورىد. ناترىي ئىئونى قوبۇل قىلىش زىيادە كۆپ بولسا ھۈجەيرە قوزغىلىشچانلىقى ئېشىپ، ئارتېرىيە تارىيىش، قان بېسىمى ئۆرلەپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ.

جىگەر بۆرەك كېسەللىكلىرى 

ئاش تۇزى بۆرەك ۋە سۈيدۈك ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىلىدۇ. ھايۋانات تەجرىبىسى ئىشلەش جەريانىدا، كىشىلەر تۇزنىڭ مىقدارىنىڭ سۈدۈكتىكى ئاقسىل مىقدارىدىن كۆپ ئىكەنلىكىنى بايقىغان؛ تۇزنىڭ مىقدارى ئۆرلەپ، سۈيدۈك تەركىبىدىكى ئاقسىل مىقدارى كۆپىيىپ كەتسە، بۇ دەل بۆرەك ئىقتىدارىدا مەسىلە يۈز بەرگەنلىكنىڭ ئىپاىسى بۇلىدۇ. تۇز مىقدارى يۇقىرى بولغان تاماقنى كۆپ يېگەندە، بۆرەك زەخىملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بەلكىم كۆپ يەۋەرسە بۆرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بۇلۇش مۇمكىن.

سۆڭەك ماددىسى شالاڭلىشىش كېسىلى

ئاش تۇزىنىڭ تەركىبىدە ناترىي ئىيونى كۆپ بولۇپ، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بايقىلىشىچە، ناترىي، كالتسىي قاتارلىق مادىلارنىڭ ئادەم بەدىنى بىلەن ماددا ئالماشتۇرۇش ئالاقىسى بۇلدىكەن، ناترىي ئىئونى ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ماددا، يېمەكلىك تۇزى ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولۇپ كەتكەندە كالتسىي كۆپلەپ چىقىپ، سۈيدۈكتىكى كالتسىي سەۋىيىسى ئۆرلەيدۇ، شۇ سەۋەپتىن سۆڭەك نېپىزلەيدۇ ۋە سۆڭەك ماددىسى شالاڭلىشىش كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، سۈيدۈك سۇيۇقلۇقى ئىچىدىكى كالتىسىي ئىئونى كۆپەيسە بۆرەككە تاش چۈشۈش خەۋپ-خەتىرى ئېشىپ كېتىدۇ. [0]

سۆڭەك ماددىسى شالاڭلىشىش 

سۆڭەك ماددىسى شالاڭلىشىش 

سۆڭەك ماددىسى شالاڭلىشىش 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#