يېڭىئېرىق يېزىسى دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. يېڭىئېرىق يېزىسى (ئاۋات ناھىيەسى)
  2. يېڭىئېرىق يېزىسى (خوتەن ناھىيەسى)
  3. يېڭىئېرىق يېزىسى (يېڭىشەھەر ناھىيەسى)
ئاۋات ناھىيەسى

يېڭىئېرىق يېزىسى

يېڭىئېرىق يېزىسى

يېڭىئېرىق يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاۋات ناھىيەسىگە جايلاشقان. ئومۇمىي كۆلىمى 616 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى يېڭىئېرىق يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 616 كۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 英艾日克乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئاۋات ناھىيەسى
نوپۇسى 27864 ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يېڭىئېرىق يېزىسى يېڭىئېرىق يېزىسى ئاۋات ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي شىمالىغا 26 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، شەرقىي جەنۇبى تارىم ياغاچ تولاق يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي شىمالى ئاقسۇ ئايكۆل بازىرى بىلەن قوشنا، شىمالدا ئاقسۇ شەھىرىگە 56 كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇ يېزىنىڭ يېرىنىڭ شىمالى ئېگىز، جەنۇبى پەس. شەرقتىن غەرىبكە كەڭلىكى 14 كېلومىتىر، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 44 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 616 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 85 مىڭ 400 مو، ئوتلاق كۆلىمى 18 مىڭ 500 مو، ئورمان 9500 مو، باغ كۆلىمى 17 مىڭ 900 مو.

يېڭىئېرىق يېزىسىيېڭىئېرىق يېزىسىغا قاراشلىق 22 كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى بار: پاۋانلا كەنتى، چاچى كەنتى، تۇلىۋاي كەنتى، ئۆستەڭ ئارال كەنتى، تۆگمەنبېشى كەنتى، لاتىلىق كەنتى، تورا كەنتى، يەكلى كەنتى، ئارا ئايماق كەنتى، بايلا كەنتى، ئۈستۈنكى توغرائۆستەڭ كەنتى، تۆۋەنكى توغرائۆستەڭ كەنتى، شاقۇر كەنتى، ئۈستۈنكى لەڭگەر كەنتى، تۆۋەنكى لەڭگەر كەنتى، كەكرىبۇيا كەنتى، قوشقۇدۇق كەنتى، قوۋۇرغا كەنتى، سۇ يايدى كەنتى، سەككىزىنچى ليەن كەنتى، بەشپۇتاق كەنتى، كۆتۈرمە كودى كەنتى،سۆگەتئېرىق كەنتى. 

يېڭىئېرىق يېزىسىيېڭىئېرىق يېزىلىق پارتكوم، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا جەمئىي 62 خىزمەتچى بۇلۇپ، ئەمەلىي خىزمەتتىكى كادىرلار 53. پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىلىرى 20 ئادەم بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە پارتكوم بەنزىسى 11 ئادەم، پارتكوم، ھۆكۈمەت گىرەلەشمە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان كىشى ئۈچ؛ پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئىچىدە يېشى ئەڭ چوڭى 50 ياش، ئەڭ كىچىكى 26 ياش، ئوتتۇرىچە يېشى 37 ياش؛ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى رەھبەرلىك بەنزىسىدە بەش ئادەم، ئوتتۇرچە يېشى 30.4 ياش. پارتكوم ئاستىدا 23 كەنت پارتىيە ياچېيكىسى، سەككىز ئورگان، پونكىت، پارتىيە ياچېيكىسى بار، پارتىيە ئەزاسى 966 نەپەر بولۇپ، ئۈچ پېشقەدەملەر 135، ئىتتىپاق ئەزالىرى 1039 ئادەم. يېزىلىق ھۆكۈمەت پاۋانلا كەنتىدە، يېزىغا قاراشلىق 23 كەنت ئاھالە كومىتېتى، 90 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار، ئاھالىلەر 5961 ئائىلە، 27864 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 26269 ئادەم، خەنزۇ 1507 ئادەم، خۇيزۇ 71، جۇاڭزۇ سەككىز ئادەم. 

يېڭىئېرىق يېزىسىيېڭىئېرىق يېزىسىنىڭ كىلىماتى قۇرغاق، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى پەقەت 45.6 مىللىمېتىر، قىروسىز مەزگىلى 190 كۈن، ناھىيە تەۋەسىدە قاپلىما قۇملۇقى بار، بۇ يېزا ناھىيەنىڭ غەربىي شىمال قىسمىدىكى شامال رايونىغا جايلاشقان بۇلۇپ، قۇم-بوران، مۆلدۈرنىڭ تەسىرىگە كۆپ ئۇچرايدۇ، شۇڭا يىللاردىن بۇيان ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تەبئىي ئاپەت يۈز بېرىدۇ. خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا،1977-يىلى 7-ئايدا بىر قېتىم مۆلدۈر يېغىپ، پۈتۈن يېزىنىڭ كېۋەزلىرى زىيانغا ئۇچرىغان، ئۈزۈم يوپۇرمىقى پۈتۈنلەي تۆكۈلۈپ كەتكەن، ئاپەت ئەھۋالى خېلى ئېغىر بولغان. 1975-يىلىدىن بۇيان، يېزا بويىچە ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 55 كىلومېتىر كېلىدىغان ئاساسلىق ئىككى غول ئۆستەڭ، 32 ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 60 كىلومېتر كېلىدىغان تارماق زەيكەش قېزىلىپ، يۈرۈشلەشكەن سۇ ئىنشائاتى سۇغىرىش-زەي چىقىرىش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلغان. بۇ يېزىنىڭ كۆپ قىسىم كەنتلەردە چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان كۆل 20 گە يەتكەن، 15 مىڭ مو ئەشمە كۆل، 300 مو لەڭگەر كۆل بۇلۇپ، بېلىقچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئىستىقبالى پارلاق.

يېڭىئېرىق يېزىسىيېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، يېڭىئېرىق يېزىسى 50 مىڭ مو ئەتراپىدا كېۋەز تېرىش كۆلىمىنى ئاساسىي جەھەتتىن ساقلاپ، 20 مىڭ مو ئەتراپىدا بۇغداي تېرىغان. ھازىر بار بولغان مېۋىلىك باغ ئومۇمىي كۆلىمى 17900 مو، ئۈنۈم ھاسىل قىلىنغان باغ كۆلىمى 5600 مو. 2006-يىلى يېڭى تىكىلگەن چىلان 4500 مو، ياڭاق 800 مو بولۇپ، نۆۋەتتە ئۆسۈش ئەھۋالى بىر قەدەر ياخشى، كۆچەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە تۇتۇش نىسبىتى %85 تىن ئاشىدۇ، ئەڭ يۇقىرى ئەي بولۇش نىسبىتى %98 كە يەتكەن. 

يېڭىئېرىق يېزىسى دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ، ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن بۇغداي، قوناق، شال ، كېۋەز، قىچا، ئارپىبەدىيان، مۇچ؛ بۇنىڭ ئىچىدە پاختا مو بېشى مەھسۇلاتى ئەھۋالى : ساپ پاختا 120 كىلوگرام/ مو، ئۇزۇن تالالىق پاختا 80 كىلوگرام/ مو بولغان. 2005-يىلى يېزا بويىچە يېزا ئىقتىسادىي ئومۇمىي كىرىمى16927 تۈمەن يۈەنگە، دېھقانلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 3270 يۈەنگە يەتكەن. دېھقانلارنىڭ كىرىمى پاختا تېرىشنى ئاساس قىلىدۇ، باقمىچىلىق، باغۋەنچىلىك قوشۇمچە قىلىنىدۇ. 

يېڭىئېرىق يېزىسىيېڭىئېرىق يېزىسىنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. مەدەنىيەت ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلىپ، يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ، 21 كەنت دەرىجىلىك باشلانغۇچ مەكتەپ ناھىيە، يېزا دەرىجىلىك مالىيە سېلىنمىسى ۋە شاڭخەينىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرىنىڭ تۈرتكىسىدە ئاساسىي جەھەتتىن يېڭىدىن قۇرۇلغان ۋە ئۆزگەرتىلگەن. بىر يېزا رادىيو-تېلېۋىزىيە پونكىتى بۇلۇپ، 11قانالدا ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ، پۈتۈن يېزا دائىرىسىدە « ھەممە كەنتكە يەتكۈزۈش » يولغا قويۇلغان؛ يېزىدا بىر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ بار، 45 سىنىپ، ئوقۇغۇچىسى 2281 نەپەر؛ باشلانغۇچ مەكتەپ 17، 149 سىنىپ، ئوقۇغۇچىسى 4192 نەپەر؛ دېھقان-چارۋىچىلار تېخنىكا مەكتىپى بىر. يېزا بويىچە ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر 386 نەپەر. باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش تارىخىنىڭ لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى %100 كە، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش تارىخىنىڭ لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى %100 كە يەتكەن. داۋالاش-ساقلىق ساقلاش خىزمىتى ئومۇمىيۈزلۈك ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، يېزىلىق دوختۇرخانا بىر، دورا ۋەكالىتەن سېتىش نۇقتىسى ئىككىگە يەتكەن، ھەممە كەنتتە داۋالاش پونكىتى تەسىس قىلىنغان، ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىشىغا ناھايىتى زور قولايلىق يارىتىلغان، يېزا سەھىيە خىزمىتى نەتىجىسى ئالاھىدە كۆرۈنەرلىك بۇلۇپ، ئىلگىرى « ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك سەھىيە جەھەتتىن ئۈلگىلىك يېزا - بازار » بولۇپ باھالانغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#