ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش قانۇنى

ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش قانۇنى

ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش قانۇنى 1993-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلىيىتى دائىمىي ھۆكۈمىتىنىڭ 3-سانلىق يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1993-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 10-نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن جاكارلانغان، 1993- يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان. 

ئۇيغۇرچە نامى ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش قانۇنى
ماقۇللانغان ۋاقتى 1993-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 1993- يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
خەنزۇچە نامى 反不正当竞争法
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 1993-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى
ھۆججەت جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 10-نومۇرلۇق پەرمانى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بىرىنچى باب ئومۇمىي پرىنسىپ 

1-ماددا بۇ قانۇن سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئادىل رىقابەتنى رىغەتلەندۈرۈش ۋە قوغداش، ناتوغرا رىقابەتلىشىش قىلمىشلىرىنى توسۇش، تىجارەتچىلەر ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن تۈزۈپ چىقىلدى. 

2-ماددا تىجارەتچىلەر بازار سودىسدا ئىختىيار قىلىش، باراۋەر بولۇش، ئادىل بولۇش، سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى، سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى، ئومۇم ئېتىراپ قىلغان سودا ئەخلاقىغا رىئايە قىلىشى لازىم. 

بۇ قانۇندا دېيىلگەن ناتوغرا رىقابەت تىجارەتچىلەرنىڭ مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، باشقا تىجارەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈپ، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. 

بۇ قانۇندا دېيىلگەن تىجارەتچىلەر تاۋار تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ياكى ئېلىش خاراكتېرىدىكى مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان (تۆۋەندە تاۋار دېگىنىمىز مۇلازىمەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، قانۇنىي ئىگە، باشقا ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) قانۇنىي ئىگە، باشقا ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنى كۆرسىتىدۇ. 

3-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، ناتوغرا رىقابەتلىشىش قىلمىشلىرىنى توسۇپ، ئادىل رىقابەتلىشىش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت ۋە شارائىت يارىتىپ بېرىشى لازىم. 

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى ناتوغرا رىقابەتلىشىش قىلمىشلىرىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرىدۇ ؛ قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا باشقا تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشى بەلگىلەنگەن بولسا، شۇ بەلگىلىمە ئاساس قىلىنىدۇ. 

4-ماددا دۆلەت بارلىق تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىڭ ناتوغرا رىقابەتلىشىش قىلمىشى ئۈستىدىن ئىجتىمائىي نازارەت قىلىشىنى رىغبەتلەندۈرىدۇ، قوللايدۇ ۋە قوغدايدۇ. 

دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خىزمەتچىلىرى ناتوغرا رىقابەت قىلمىشلىرىنى قوللىسا ۋە قانات ئاستىغا ئالسا بولمايدۇ.

ئىككىنچى باب ناتوغرا رىقابەتلىشىش قىلمىشى

5-ماددا تىجارەتچىلەر بازار سودىسىدا تۆۋەندىكىدەك ناتوغرا ۋەستىلەرنى قوللىنىپ، رىقابەت رەقىبلىرىگە زىيان يەتكۈزسە بولمايدۇ:

(1) ئالدامچىلىق قىلىپ، باشقىلار تىزىمغا ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىدىن پايدىلىنىش؛ 

(2) داڭدار تاۋارلارنىڭ خاس نامى، ئوروسى، بېزىكىنى ئۆز ئالدىغا ئىشلىتىپ ياكى داڭدار تاۋارلارنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان نام، ئورو، بېزەكلەرنى ئىشلىتىپ، باشقىلارنىڭ داڭلىق تاۋارلىرى بىلەن ئارىلىشىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، سېتىۋالغۇچىلارنى شۇ داڭدار تاۋار ئوخشايدۇ، دېگەن خاتا قاراشقا كەلتۈرۈپ قويۇش؛ 

(3) باشقىلارنىڭ كارخانا نامى ۋە ئىسىم-فامىلىسىدىن ئۆز ئالدىغا پايدىلىنىپ، كىشىلەرنى شۇ تاۋار دېگەن قاراشقا كەلتۈرۈپ قويۇش؛ 

(4) تاۋىرىغا گۇۋاھلىق بەلگىسى، داڭلىق مەھسۇلات بەلگىسى قاتارلىق سۈپەت بەلگىلىرىنى ئويدۇرۇپ ئىشلىتىش ياكى ساختىلىق قىلىپ ئىشلىتىش، ئىشلەنگەن ئورۇننى يالغاندىن كۆرسىتىش، تاۋارنىڭ سۈپىتىگە كىشىدە خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قويىدىغان ساختا بەلگىلەرنى قويۇش. 

6-ماددا جامائەت كارخانىسى ياكى قانۇن بويىچە ئۆزگىچە ئورۇندا تۇرىدىغان باشقا تىجارەتچىلەر باشقىلارنىڭ ئۆزى بەلگىلەپ بەرگەن تىجارەتچىلەردىن تاۋار سېتىۋېلىشىنى بەلگىلەپ بېرىپ، باشقا تىجارەتچىلەرنىڭ ئادىل رىقابەتلىشىشىنى چەتكە قاقسا بولمايدۇ. 

7-ماددا ھۆكۈمەت ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق تارماقلار مەمۇرۇىي ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىپ، باشقىلارنىڭ ئۆزى بەلگىلەپ بەرگەن تىجارەتچىلەردىن تاۋار سېتىۋېلىشىغا چەك قويۇپ، باشقا تىجارەتچىلەرنىڭ نورمال تىجارەت پائالىيىتىنى چەكلىسە بولمايدۇ. 

ھۆكۈمەت ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق تارماقلار مەمۇرىي ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىپ، باشقا جايلارنىڭ تاۋارلىرىنىڭ ئۆز جايىدىكى بازارلارغا كىرىشىنى چەكلىسە ياكى ئۆز جايىنىڭ تاۋارلىرىنى باشقا جايلارنىڭ بازارلىرىغا چىقىرىشىنى چەكلىسە بولمايدۇ. 

8-ماددا تىجارەتچىلەرنىڭ پۇل-مال بېرىپ ياكى باشقا ۋاسىتىلەر بىلەن پارا بېرىپ ئۆز تاۋىرىنى ساتسا ياكى تاۋار سېتىۋالسا بولمايدۇ. ھېساب سىرتىدا قارشى تەرەپتىكى ئورۇن ياكى شەخسلەرگە يوشۇرۇن شېرىنكانە بەرگۈچىلەر پارا بەرگەن قاتاردا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؛ قارشى تەرەپتىكى ئورۇن ياكى شەخسلەر ھېساب سىرتىدا يوشۇرۇن شېرىنكانە قوبۇل قىلسا پارا ئالغان قاتاردا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. 

تىجارەتچىلەر تاۋار سېتىش ياكى سېتىۋېلىشتا قارشى تەرەپكە ئاشكارا ئۇسۇلدا باھانى مەلۇم دەرىجىدە چۈشۈرۈپ بەرسە، ۋاستىچىگە تاپان ھەققى بەرسە بولىدۇ. تىجارەتچى قارشى تەرەپكە چۈشۈرۈپ بەرگەن باھا، ۋاستىچىگە بەرگەن تاپان ھەققى ھېسابقا ئەينەن كىرگۈزۈلۈشى لازىم. چۈشۈرۈپ بەرگەن تاپان ھەققىنى قوبۇل قىلغۇچى تىجارەتچى ئەينەن ھېسابقا كىرگۈزۈشى لازىم. 

9-ماددا تىجارەتچىلەر ئېلان ياكى باشقا ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ، تاۋارنىڭ سۈپىتى، تەركىبى، ئىقتىدارى، ئىشلىتىلىش ئورنى، ئىشلەپچىقارغۇچى، ئۈنۈم بېرىش ۋاقتى، ئىشلەنگەن جايى قاتارلىقلار توغرىسىدا خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىدىغان ساختا تەشۋىقات ئېلىپ بارسا بولمايدۇ. 

ئېلان تىجارەتچىلىرى ئېنىق بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغان ئەھۋالدا، ساختا ئېلاننى ۋاكالىتەن بېجىرىپ، لايىھىلەپ، ياساپ، ئېلان قىلىپ بەرسە بولمايدۇ. 

10-ماددا تىجارەتچىلەر تۆۋەندىكى ۋاستىلەرنى قوللىنىپ، سودا مەخپىيەتلىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلسا بولمايدۇ: 

(1) ئوغرىلاش، پايدىغا قىزىقتۇرۇش، تەھىت سېلىش ياكى باشقا ناتوغرا ۋاسىتىلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق ھوقۇققا ئىگە كىشىنىڭ سودا مەخپىيەتلىكىنى قولغا چۈشۈرۈۋېلىش؛ 

(2) يۇقىرىقى ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ قولغا چۈشۈرۈۋالغان ھوقۇققا ئىگە كىشىنىڭ سودا مەخىپىيەتلىكىنى ئااشكارىلاش، ئىشلىتىش ياكى باشقىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا رۇخسەت قىلىش؛ 

(3) ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ ياكى ھوقۇققا ئىگە كىشىنىڭ سودا مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش توغرىسىدىكى تەلىپىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆزى ئىگىلىگەن سودا مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش، پايدىلىنىش ياكى باشقىلارنىڭ پايدىلىنشقا رۇخسەت قىلىش. 

 ئۈچىنچى كىشىنىڭ ئېنىق بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك ئەھۋالدا ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن قانۇنغا خىلاپ قىلىشلار ئارقىلىق باشقىلارنىڭ سودا مەخپىيەتلىكىنى قولغا كىرگۈزۈۋېلىشى، پايدىلىنىشى ياكى ئاشكارىلىشى سودا مەخپىيەتلىكىگە دەخلى-تەرۇز يەتكۈزگەنلىك دەپ قارىلىدۇ. 

بۇ ماددا دېيىلگەن سودا مەخپىيەتلىكى جامائەتكە بىلدۈرۈشكە تېگىشلىك بولمىغان، ھوقۇققا ئىگە كىشىگە ئىقتىسادىي مەنپەئەت كەلتۈرىدىغان، ئەمەلىي قوللىنىش خاراكتېرىگە ئىگە بولغان ھەمدە ھوقۇققا ئىگە كىشى مەخپىي تۇتۇش تەدىبىرى قوللانغان تېخىكا ۋە تىجارەت ئۇچۇرىنى كۆرسىتىدۇ. 

11-ماددا تىجارەتچىلەر رىقابەت رەقىبىنى چەتكە قېقىشنى مەقسەت قىلىپ، تاۋارنى تەننەرخىدىن تۆۋەن باھادا ساتسا بولمايدۇ. 

تۆۋەندىكى ئەھۋاللار ناتوغرا رىقابەتلىشىش قىلمىشىغا ياتمايدۇ:

(1) ھۆل، تىرىك تاۋارلارنى سېتىش؛ 

(2) ئۈنۈملۈك ۋاقتى پات ئارىدا توشىدىغان تاۋارلار ياكى بېسىلىپ قالغان تاۋارلارنى بىر تەرەپ قىلىش؛ 

(3) پەسىل خاراكتېرلىك باھا چۈشۈرۈش؛ 

(4) قەرز قايتۇرۇش، كەسىپ ئۆزگەرتىش، ئىش توختىش سەۋەبلىك تاۋارنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈپ سېتىش. 

12-ماددا تىجارەتچىلەر تاۋار ساتقاندا سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا تاۋار تاۋار قوشۇپ ساتسا ياكى باشقا نامۇۋاپىق شەرت قويسا بولمايدۇ. 

13-ماددا تىجارەتچىلەر تۆۋەندىكىچە مۇكاپاتلىق سېتىش بىلەن شۇغۇللانسا بولمايدۇ: 

(1) يالغاندىن مۇكاپاتنى بار دەپ مۇكاپاتنى قەستەن ئىچكى قىسىمدىكى بەلگىلەنگەن خادىملارغا چىقىرىپ بېرىدىغان ئالدامچىلىق ئۇسۇلىنى قوللىنىپ مۇكاپاتلىق سېتىش؛ 

(2) مۇكاپاتلىق سېتىش ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ سۈپىتى ناچار تاۋارلارنى قىممەت سېتىش؛ 

(3) چەك تارتىش شەكلىدىكى مۇكاپاتلىق سېتىشنىڭ ئەڭ يۇقىرى ماكاپات سوممىسى 5000 يۈۋەندىن ئېشىپ كېتىش.

14-ماددا تىجارەتچىلەر ساختا پاكىت ئويدۇرۇپ تارقىتىپ، رىقابەت رەقىبىنىڭ سودا ئىناۋىتى، سودا ئابرويىغا زىيان يەتكۈزۈسە بولمايدۇ. 

15-ماددا خېرىدار بولغۇچىلار تىل بىرىكتۈرۈپ خېرىدار بولسا، خىدارىدار بولسا، خېرىدارلىق ئۆستۈرۈۋەتسە ياكى تۆۋەنلىتىۋەتسە بولمايدۇ. 

خېرىدار بولغۇچى بىلەن خېرىدار چاقىرغۇچى تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ رىقابەت رەقىبىنىڭ ئادىل رىقابەتلىشىشىنى چەتكە قاقسا بولمايدۇ.

ئۈچىنىچى باب نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش 

16-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش تارماقىلىرى ناتوغرا رىقابەت قىلمىشلىرىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرسە بولىدۇ. 

17-ماددا نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ تارماقلىرى ناتوغرا رىقابەت قىلمىشلىرىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتە، تۆۋەندىكى ھوقۇقلارنى يۈرگۈزۈشكە ھوقۇقلۇق: 

(1) بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە تەكشۈرۈلىدىغان تىجارەتچى بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بار كىشىلەردىن، گۇۋاھچىلاردىن سوئال سوراش ھەمدە ئىسپات ماتېرىياللىرى ياكى ناتوغرا رىقابەت قىلمىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا ماتېرىياللارنى بېرىشنى تەلەپ قىلىش؛ 

(2) ناتوغرا رىقابەت قىلمىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېلىشىم، ھېساب دەپتىرى، تالون، ھۆججەت، خاتىرە، كەسپىي خەت-ئالاقە، تېلېگرامما ۋە باشقا ماتېرىياللارنى تەكشۈرۈش، كۆپەيىتىۋىلىش؛ 

(3) مۇشۇ قانۇننىڭ 5-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ناتوغرا رىقابەت قىلمىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك مال-مۈلۈكلەرنى تەكشۈرۈش، زۆرۈر تېپىلغاندا تەكشۈرۈلىدىغان تىجارەتچىگە شۇ تاۋارنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە سانىنى ئېنىق دېيىشنى، سېتىشنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى، تەكشۈرۈشنى كۈتۈشنى، بۇ مال-مۈلۈكلەرنى يۆتكەش، يوشۇرۇن، يوقىتىۋېتىشكە بولمايدىغانلىنى بۇيرۇش. 

18-ماددا نازارات قىلىپ تەكشۈرۈش تارماقلىرىنىڭ خىزمەتچىلىرى ناتوغرا رىقابەت قىلمىشلىرىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرگەندە كىنىشكىسىنى كۆرسىتىشى كېرەك. 

19-ماددا نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش تارماقلىرى ناتوغرا رىقابەت قىلمىشلىرىنى نازارات قىلىپ تەكشۈرگەندە، تەكشۈرۈلىدىغان تىجارەتچى، مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بار كىشى ۋە گۇۋاھچى مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار ۋە ئەھۋاللار بىلەن ئەينەن تەمىنلىشى لازىم. 

تۆتىنچى باب قانۇن جاۋابكارلىقى

20-ماددا تىجارەتچىلەردىن بۇ قانۇندىكى بەلگىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، دەخلى-تەرۇزگە ئۇچرىغۇچى تىجارەتچىگە زىيان كەلتۈرگەنلەر زىياننى تۆلەش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. دەخلى-تەرۇزگە ئۇچرىغۇچى تىجارەتچىنىڭ زىيىنىنى ھېسابلاش قىيىن بولغاندا، دەخلى-تەرۇزگە ئۇچرىغۇچىنىڭ دەخلى-تەرۇز قىلغان مەزگىلدە دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈپ ئالغان پايدىسى تۆلەم سوممىسى قىلىنىدۇ ھەم تىجارەتچى دەخلى-تەرۇزگە ئۇچرىغان ناتوغرا رىقابەت قىلمىشىنى تەكشۈرتۈش ئۈچۈن تۆلىگەن مۇۋاپىق راسخوتنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم. 

قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتى دەخلى-تەرۇزگە ئۇچرىغان تىجارەتچى ناتوغرا رىقابەت قىلمىشىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغاندا ، خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ. 

21-ماددا ئالدامچىلىق قىلىپ باشقىلار تىزىمغا ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىدىن پايدىلانغان، باشقىلارنىڭ كارخانا نامى ياكى ئىسىم-فامىلىسىنى ئۆز ئالدىغا قوللانغان، گۇۋاھلىق بەلگىسى، داڭلىق مەھسۇلات بەلگىسى قاتارلىق سۈپەت بەلگىلىرىنى ئويدۇرۇپ ئىشلەتكەن ياكى ساختىلىق قىلىپ ئىشلەتكەن، ئىشلەنگەن ئورۇننى يالغاندىن كۆرسەتكەن، تاۋارنىڭ سۈپىتىگە كىشىدە خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قويىدىغان ساختا بەلگىلەرنى قويغان تىجارەتچىلەر «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنى» دىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە جازالىنىدۇ. 

نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش تارماقلىرى داڭدار تاۋارلارنىڭ خاس نامى، ئوروسى، بېزىكىدىن ئۆز ئالدىغا پايدىلىنىپ ياكى داڭدار تاۋارلارنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان نام، ئورو، بېزەكلەرنى ئىشىتىپ، باشقىلارنىڭ داڭدار تاۋارلىرىغا ئارىلىشىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، سېتىۋالغۇچىلارنى شۇ داڭدار تاۋار ئوخشايدۇ، دېگەن خاتا قاراشقا كەلتۈرۈپ قويغان تىجارەتچىلەرنى قانۇنسىز قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، ئۇلارنىڭ قانۇنغاخىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قىلمىشىغا قاراپ قانۇنسىز تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئۈچ ھەسسىسدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلسا بولىدۇ؛ ساختا، ناچار تاۋارلارنى سېتىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 

22-ماددا پۇل-مال بېرىش ياكى باشقا ۋاسىتىلەر بىلەن پارا بېرىپ ئۆز تاۋىرىنى ساتقان ياكى تاۋار سېتىۋالغۇچىلاردىن جىنايەت شەكىللەندۈرۈگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش تارماقلىرى قىلمىشىغا قاراپ 10 مىڭ يۈۋەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ، قانۇنسىز تاپاۋىتى بولسا مۇسادىرە قىلىنىدۇ. 

23-ماددا جامائەت كارخانىسى ياكى قانۇن بويىچە ئۆزگىچە ئورۇندا تۇرىدىغان باشقا تىجارەتچىلەر باشقىلارنىڭ ئۆزى بەلگىلەپ بەرگەن تىجارەتچىلەردىن تاۋار سېتىۋېلىشىنى بەلگىلەپ بېرىپ، باشقا تىجارەتچىلەرنىڭ ئادىل رىقابىتىنى چەتكە قاققان بولسا، ئۆلكە دەرىجىلىك ياكى قارمىقىدا رايون بولغان شەھەر دەرىجىلىك نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش تارماقلىرى قانۇنسىز قىلمىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قىلمىشىغا قاراپ 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ. بەلگىلەپ بېرىلگەن تىجارەتچى بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، سۈپەتسىز تاۋارلىرىنى قىممەت ساتقان بولسا ياكى كەلسە-كەلمەس ھەق ئالغان بولسا، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش تارماقلىرى. ئۇنىڭ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قىلمىشىغا قاراپ قانۇنسىز تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ. 

24-ماددا نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش تارماقلىرى ئېلان ياكى باشقا ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ، تاۋار توغرىسىدا باشقىلاردا خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىدىغان ساختا تەشۋىقات ئېلىپ بارغان تىجارەتچىلەرگە قانۇنسىز قىلمىشنى توختىتىش، تەسىرىنى تۈگىتىشنى بۇيرۇيدۇ، قىلمىشقا قاراپ 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ. 

نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش تارماقلىرى ئېنىق بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك ئەھۋالدا ساختا ئېلان ۋاكالىتەن بېجىرىپ، لايىھىلەپ، ياساپ، ئېلان قىلىپ بەرگەن ئېلان تىجارەتچىلەرىگە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى توختىتىشنى بۇيرۇيدۇ، قانۇنسىز تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، شۇنداقلا قانۇن بويىچە جەرىمانە قويىدۇ. 

25-ماددا نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش تارماقلىرى بۇ قانۇننىڭ 10-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، سودا مەخپىيەتلىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلغانلارغا قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىدىن توختىتىشنى بۇيرۇيدۇ، قىلمىشىغا قاراپ 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ. 

26-ماددا نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش تارماقلىرى بۇ قانۇننىڭ 13-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ مۇكاپاتلىق سېتىش بىلەن شۇغۇللانغان تىجارەتچىلەرگە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشنى بۇيرۇيدۇ، قىلمىشىغا قاراپ 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ. 

27-ماددا تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ خېرىدار بولۇپ، خېرىدارلىق باھاسىنى ئۆستۈرۈۋەتكەن ياكى تۆۋەنلىتىۋەتكەن خېرىدار بولغۇچىلار، خېرىدار چاقىرغۇچى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ رىقابەت رەقىبلىرىنىڭ ئادىل رىقابەتلىشىشىنى چەتكە قاققان خېرىدار بولغاچىلارنىڭ خېرىدارلىققا تاللانغانلىقى ئىناۋەتىسز قىلىنىدۇ. نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش تارماقلىرى قىلمىشىغا قاراپ 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ. 

28-ماددا نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش تارماقلىرى سېتىشنى توختىتىپ تۇرۇش، ناتوغرا رىقابەت قىلمىشىغا مۇناسىۋەتلىك پۇل-مالىنى يۆتكىۋەتمەسلىك، يوشۇرماسلىق، يوقىتۋەتمەسلىك بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلغان تىجارەتچىلەرگە قىلمىشغا قاراپ ساتقان، يۆتىكىۋەتكەن، يوشۇرغان يوقىتىۋەتكەن مال-مۈلۈك باھاسىنىڭ بىر ھەسىسىدىن يۇقىرى، ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ. 

29-ماددا ئالاقىدارلار نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش تارماقلىرى چىقارغان جازا قارارىغا قايىل بولمىسا، جازا قارارىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە بىر دەرىجە يۇقىرى مەسئۇل ئورگانغا قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ قايتا قاراپ چىقىش قارارىغا قايىل بولمىسا، قايتا قاراپ چىقىش قارارىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ، خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ. 

30-ماددا بۇ قانۇننىڭ 7-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، باشقىلارنىڭ ئۆزى بەلگىلەپ بەرگەن تىجارەتچىلەردىن تاۋار سېتىۋېلىشىنى بەلگىلەپ بەرگەن، باشقا تىجارەتچىلەرنىڭ نورمال تىجارەت پائالىيىتىنى چەكلىگەن ياكى رايونلار ئارا نورمال بولغان تاۋار ئوبوروتىنى چەكلىگەن ھۆكۈمەت ۋە شۇ ھۆكۈمەتكە قاراشلىق تارماقلارغا يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان تۈزىتىشنى بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولسا، بىۋاستە مەسئۇل خادىمغا تەڭ دەرىجىلىك ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ. بەلگىلەپ بېرىلگەن تىجارەتچى بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، ناچار تاۋارنى قىممەت ساتقان بولسا ياكى كەلسە-كەلمەس ھەق ئالغان بولسا، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش تارمىقى ئۇنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قىلمىشىغا قاراپ قانۇنغا خىلاپ تاۋەىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ. 

31-ماددا ناتوغرا رىقابەت قىلمىشلىرىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرىدىغان دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خىزمەتچىلەر خىزمەت ھوقۇقىنى كەلسە-كەلمەس ئىشلىتىپ، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرۈمىگەنلەرگە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ. 

32-ماددا ناتوغرا رىقابەت قىلمىشىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرىدىغان دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خىزمەتچىلەر شەخسىي مەنپەئەتنى دەپ ساختىپەزلىك قىلسا، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەن تىجارەتچىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ قەستەن قانات ئاستىغا ئېلىپ سۈرۈشتۈرمىسە، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 

بەشىنچى باب قوشۇمچە پرىنسىپ 

33-ماددا بۇ قانۇن 1993-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغان قويۇلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/4030.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#