- كۆك ئامۇت ()
- كۆك ئامۇت (خام دورا)
كۆك ئامۇت
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بۇ سورتنىڭ ياۋروپا نەشپۈتى ۋە نوگايئامۇت قاتارلىق تۈرلىرىدىن باشقا چىلگە جاغدا تۈرلىرىمۇ بار .
ياۋروپا نەشپۈتى
ياۋروپا نەشپۈتى يەنە بىر ئىسمى نوگايئامۇت ، كۆك ئامۇت قاتارلىقلار بار . يوپۇرماق تاشلايدىغان غوللۇق دەرەخ، ئېگىزلىكى 15 مېتىر . دەرەخ قوۋزىقى قارامتۇل قوڭۇر ، يىرىك داڭگالسىمان يېرىلىش . دەرەخ تاجى كەڭ كۇنۇس شەكىللىك ، تىك يۇقىرىغا شاخلىرى كۆپ ، دائىم تىكەنلىك قىسقا شاخلىق . يۇمران شاخلىرىنىڭ رەڭگى ساغۇچ قوڭۇر رەڭلىك , يۇمران شاخلىرى تۈكسىز ياكى سەل قىسقا تۈكلۈك . يوپۇرمىقى ئېللىپىس ياكى تۇخۇم شەكىللىك .
قاپاق ئامۇت
كۆك ئامۇتقاپاق ئامۇت دۆلىتىمىزدىكى شەندۇڭ يېرىم ئارىلى ، لىياۋ نېڭ , سون تاي , خەينەن ، شەنشى ، جياڭشى ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ، گەنسۇ ، سىچۇەن ، چىڭخەي، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى ، جياڭسۇ قاتارلىق ئۆلكە ( شەھەرلىك ، ئاپتونوم رايون ) لەرنىڭ ھەممىسىدە ئاز مىقداردا ئۆستۈرۈلىدۇ. يەنە بىر نامى بالدۇر نەشپۈت. مېۋە پوستى بىر قەدەر قېلىن.
كۆك ئامۇت سورتى جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە ئىلى رايۇنلىردا كۆپرەك ئۆستۈرۈلىدۇ . دەرىخى ئېگىز كۈچلۈك ، ئەگرى - بۈگرى ئۆسىدۇ . مېۋە بىخلىرى ئاساسەن شاخ ئۇچلىرىغا جايلاشقان ، بىر يىللىق نوتىللىرىنىڭ ئۇچىدا مۇنچاقسىمان چىچەك بىخى ھاسىل قىلىدۇ . يوپۇرمىقى سوزۇنچاق ، قىرى سىدام كېلىدۇ . كۆچىتى 7-8 يىلدا مېۋىگە كىرىدۇ . مەھسۇلاتى يۇقىرى ، ساقلاشقا چىداملىق ( لېكىن نەم ئامباردا قارا چىكىملىشىپ داغلىشىۋالىدۇ ، قالايمىقان ئۆرۇگەندە تۇتقان ئورۇن قاردايدۇ ، قۇرۇق ئامباردا قۇم بىلەن ساقلىنىدۇ ) شامال ۋە بورانلاردا تۆكۈلمەيدۇ ، كېسەللىككە ، زىيانداش ھاشاراتلارغا ۋە سوغۇققا چىداملىق.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
ياردەم تورى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.