قاشتېشى

قاشتېشى

قاشتېشى بولسا  ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان قاشتېشى دەل شۇ  ئاشقازان قاتارلىق ئەزالارنى قۇۋۋەتلەش، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش خۇسۇسىيىتى بار.

ئۇيغۇرچە نامى قاشتېشى
ئەرەبچە نامى ھەجىرۇل يەشەب، سەنگى يەشەب
ئىنگلىزچە Bowlder
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇقو9ڭ
خەنزۇچە ئاتىلىشى 玉石
پارسچە نامى ھەجىرۇل يەشەب، سەنگى يەشەب
ئوردۇچە نامى ھەجىرۇل يەشەب، سەنگى يەشەب

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قاشتېشىقاشتېشى بولسا ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان قاشتېشى بۇلۇپ،سۈزۈك ياكى يېرىم سۈزۈك پارقىراق، قاتتىق، ۋەزنى ئېغىر بولۇپ، كۆك، ئاق، سېرىق، يېشىل رەڭلەردىكى تاشتىن ئىبارەت. تاغ رايونلىرىدىكى قاشتېشى كانلىرىدىن قاشتېشىنى قېزىپ يىغۋىلىنىدۇ . شىنجاڭ خوتەن، چىڭخەي، جىلىن، لياۋنىڭ قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ.

يۈرەك، مېڭە، جىگەر، تال، بۆرەك، ئاشقازان قاتارلىق ئەزالارنى قۇۋۋەتلەش، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش خۇسۇسىيىتى بار.

خاس تەسىرى

يۈرەك مۇسكۇلىنى قۇۋۋەتلەش، ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش.

ئەكىس تەسىرى

كۇشتە قىلماي ئىشلىتىلسە دوۋساقنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ.

قاشتېشى1. 1 گرام قاشتېشىنى كۇشتە قىلىپ، بېھى شەربىتى بىلەن قوشۇپ ئىچسە، يۈرەك ئاجىزلىقى، يۈرەك سېلىش، سەپرادىن بولغان ئىچى سۈرۈش، ئاشقازان ۋە جىگەر ئاجىزلىقى، تۇتقاقلىق كېسىلى، ئۇنۇتقاقلىق، مالىخۇلىيا، ھىستېرىيە قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

2. قاشتېشىدا داغمال سۈيى تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە، رەئىس ئەزالارنى قۇۋۋەتلەش بىلەن بىرگە كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ.

دورىلىق ئورنى

كۈشتە قىلغان جىسمى

مىقدارى

2~1  گرام

ساقلاش

 يېپىشىۋالغان قۇم توپا ۋە باشقا ئارىلاشمىلار چىقىرىپ ساقلىنىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى

 ھەسەل

ئورۇنباسارى

ياقۇت

مۇپەررىھى يەشەب،مۇپەررىھى ياقۇت، خېمىرى مەرۋايىت.

تاجسىمان قان تومۇرىنىڭ قېتىشىشى، ھەر خىل يۈرەك كېسەللىكلىرى، نېرۋا كېسەللىكلىرى، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)

ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=301

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#