زاغۇن ئۇرۇقى

زاغۇن ئۇرۇقى

زاغۇن ئۇرۇقى بۆرەك، دوۋساق،باھنى قۇۋەتلەش، سۇت ۋە مەنى كۆپەيتىش، ھەزىمنى ياخشىلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى.


ئۇيغۇرچە نامى زاغۇن ئۇرۇقى
ئەرەبچە نامى جىرجىر
ئىنگلىزچە Indian mustard Seed
چىقىش ئورنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەبىئىتى 3 ـ دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق
خەنزۇچە ئاتىلىشى 芝麻菜子 zhi ma cai zi
پارسچە نامى تىرەتيزك
ئوردۇچە نامى ناراميرا
ۋاقتى كۈز

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۇسۇملۇك زاغۇننىڭ پىشقان ئۇرۇقى بولۇپ، بۇ ئۇسۇملۇكنىڭ ئۇرۇقى «زاغۇن ئۇرۇقى» ،يېغى «زاغۇن يېغى»،نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

شەكلى 

ئۇرۇقى شار شەكىللىك،سۇس قوڭۇر رەڭلىك،پاقىراق،ئۇيۇل بولىدۇ.

دورىلىق ئورنى 

ئۇسۇملۇكنىڭ ئۇرۇقى «زاغۇن ئۇرۇقى» ،يېغى «زاغۇن يېغى»،نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئۈنۈملۈك تەركىبى

ئۇرۇقى تەركىبىدە پىروتىن ( Prothn ) ،ياغ قاتارلىقلار بار .

بـاھ  ئـاجىزلـىغـى، قـورسـاق ئـېـسـىـلـىش، ئىشتىھاسىزلىق، سۇيدۇك ۋە ھېيىز توسۇلۇپ قېلىش، سەپكۇن، بەھەق، ئاق كىسەل قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

بۆرەك، دوۋساق،باھنى قۇۋەتلەش، سۇت ۋە مەنى كۆپەيتىش، ھەزىمنى ياخشىلاش، يەل تارقىتىش، سۈيدۈك ۋە ھېيىزنى راۋان قىلىش، يەرلىك ئورۇننى قىزارتىش ،تېرىگە جۇلا بېرىش.

خاس تەسىرى

بۆرەك ۋە باھنى قۇۋۋەتلىگۈچى دورا.

ئورۇنباسارى 

ھەببى رىشات

ئەكىس تەسىرى

ئىسسىق مىزاج كىشىلەرنىڭ بېشىنى ئاغىرتىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى

كاسىنە، سىمىز ئۇت ئۇرۇقى، سىركە

ۋەكىل خاراكتېرلىك پىششىق دورا ياسالمىسى

لوبۇبى كەبىر

1.زاغۇن ئۇرۇقى 5 گرام، سۇئىلەپ 10 گرام،ناۋات 15 گىرام، سۇفۇف قىلىپ يىسە باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ.

2.زاغۇن ئۇرۇقى 5 گرام، ئاقاقىيا 7 گرام قائىدە بويىچە سوقۇپ سىيادان يېغىغا ئارلاشتۇرۇپ چاپسا بەرەس، بەھەققە مەنپەئەت قىلىدۇ.

3. مۇۋاپىق مىقداردىكى زاغۇننى تالقان قىلىپ،ئۇنىڭغا ئازراق تۇز ۋە تۇخۇم قوشۇپ ئىچىپ بەرسە باھنى قۇۋەتلەيدۇ.

يىغىش 

كۈز پەسلىدە ئۇرۇقى پىشقاندا چۆپىنى ئورىۋېلىپ يېغۋىلىنىدۇ .

ساقلاش 

سوقۇپ ئۇرۇقى ئايرىپ قۇرۇتۇپ ساقلىنىدۇ.

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار 

ئىسسىق مىزاجدىكىلەرگە دىققەت قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ.[0]

ئىسسىق مىزاج كىشىلەرنىڭ بېشىنى ئاغىرتىدۇ.

سوقۇپ ئۇرۇقى ئايرىپ قۇرۇتۇپ ساقلىنىدۇ

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=240

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#