قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى

قارا مايلى تېغى تەبئىي مۇھاپىزەت رايونى

قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى 1982-يىلى قۇرۇلغان، ئومۇمىي كۆلىمى 1733000 گېكتار كېلىدۇ. شىنجاڭ نىڭ جۇڭغار ئويمانلىقى دىكى قارامايلى، ئۆلۈم سىمۋولى بولغان چۆل، تاشقى قىياپىتى قارىغاندا ئىنتايىن جىمجىت، بۇ يەر ياۋايى ھايۋانلارنىڭ جەننىتى. 

ئۇيغۇرچە نامى قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى
جۇغراپىيەلىك ئورنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
كۆلىمى 1733000 گېكتار
ئاساسلىق ھايۋانلار جۇڭغار قۇلانى، پوقاق بۆكەن
خەنزۇچە نامى 卡拉麦里自然保护区
كىلمات تىپى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق ئىقلىمىغا تەۋە
قۇرۇلغان ۋاقتى 1982 يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قارا مايلى تېغى تەبئىي مۇھاپىزەت رايونىقارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى 1982-يىلى قۇرۇلغان، ئومۇمىي كۆلىمى 1733000 گېكتار كېلىدۇ. شىنجاڭ نىڭ جۇڭغار ئويمانلىقى دىكى قارامايلى، ئۆلۈم سىمۋولى بولغان چۆل، تاشقى قىياپىتى قارىغاندا ئىنتايىن جىمجىت، ئەگەر ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ باقمىسا، زادىلا ھېس قىلغىلى بولمايدۇ، بۇ يەر ياۋايى ھايۋانلارنىڭ جەننىتى. قارامايلى تەسەۋۋۇر قىلغىنىمىزدىن كۆپ چىرايلىق. جۇڭگودىكى 2-چوڭ قۇملۇق قۇربان توڭغۇت قۇملۇقى نىڭ يادرولۇق رايونى ھېساپلىنىدۇ، بۇ يەردە ھاياتلىق يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ. كەچ كۈزدە شالاڭ يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر قۇملۇق چۆلدىكىگە ئوخشاش سارغىيىپ كېتىدۇ، بۇيەرگە ئاياغ باسقان ئادەمنىڭ ئىزى، ياۋا توشقانىڭكىدىن يەنىلا ئاز. 

قارا مايلى تېغى تەبئىي مۇھاپىزەت رايونىقارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ گۇچۇڭ، جىمىسار، فۇكاڭ، كۆكتوقاي، چىڭگىل، بۇرۇلتوقاي قاتارلىق ئالتە ناھىيە چېگرىسى ئىچىدە، شىنجاڭ نىڭ شىمالىي تەرىپىدىكى قۇربان توڭغۇت چوڭ قۇملۇقى جۇڭغار ئويمانلىقى نىڭ شەرقىي گىرۋىكىگە، بۇلغانغان لۇنگۇ دەرياسىنىڭ جەنۇبىغا، بەيتىك تېغىنىڭ غەربىي قىسمىغا، قۇربان توڭغۇت چۆللۈكىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان. 2005-يىلى، 2007-يىلى ۋە 2008-يىلى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم قارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ دائىرىسى تەڭشەلگەن، ھازىر مۇھاپىزەت رايونىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 14235.58 كۋادىرات كىلومېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە يادرولۇق رايون 4894.09 كۋادىرات كىلومېتىر، بۇففېر رايونى 5720.58 كۋادىرات كىلومېتىر، تەجرىبە رايونى 3620.91 كۋادىرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

قارا مايلى تېغى تەبئىي مۇھاپىزەت رايونىقارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ شەرقىي قىسمى شېغىللىق چۆل، ئوتتۇرا قىسمى قارامايلى تېغى، غەربىي قىسمى قۇملۇق . قارامايلى تېغى شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان بولۇپ، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى 20-40 كىلومېتىر، ئادەتتە دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1000 مېتىر بولۇپ، نىسپىي ئېگىزلىك پەرقى 500 مېتىرغىمۇ يەتمەيدۇ. شىمال تەرىپى پەس تاغ، ئېدىرلىق، يانتۇلىقى كىچىكرەك، نىسپىي ئېگىزلىك پەرقى ئاران نەچچە ئون مېتىر كېلىدۇ. تاغ جەنۇبىدىكى ئايرىم جايلاردا قۇم بارخانلىرى شەكىللەنگەن. قوغداش رايونى قۇملۇقى بولسا قۇربانتۇڭغۇت قۇملۇقىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئالتە چوڭ بولغان ئوتتۇرا سۈرئەتلىك كۆچمە قۇم قىرلىرى ۋە كەڭ كۆلەمدىكى كاتەكچىسىمان بارخانلار زەنجىرىدىن ئىبارەت. تاغلىق يەر، ئېدىرلىق يالانما سۇپىسى بىلەن قۇملۇقنىڭ چېگرىلىنىدىغان جايدا شەكىللەنگەن چوڭ قۇملۇق بولغاچقا «سېرىق ساھىل» دەپ ئاتالغان. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃2.38؛ يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 159.1 مىللىمېتىر، پارلىنىش مىقدارى مىللىمېتىر 2090.4، ھاۋا كىلىماتى قۇرغاق. 

قارا مايلى تېغى تەبئىي مۇھاپىزەت رايونىئۆسۈملۈكلەر تاغ توپىنىڭ جەنۇبى ۋە غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، سۆكسۆك، ئاق سۆكسۆك زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ. غەربىي يېرىم قۇم بارخانلىرىغا قىسقا يوپۇرماقلىق ئىتسىيگەك چۆللەشكەن ئوتلاق، قۇملۇق، ھەمدە ئاز مىقداردا قامراق تارقالغان. يەنە باشاقلىق ئوت قاتارلىقلار مۇ بار بولۇپ، ئاساسەن سېلەۋ، قۇملۇق سىلوسى، ئاق سېلو، تېرېسكەن، تەسكەن، قۇملۇق ئەمىنى قاتارلىقلار. قۇم بارخانلىرى ئۈستىدە يەنە تاش لويلا، كىچىك چۆل ئەمىنى قاتارلىقلارمۇ بار.

دۆلەتنىڭ 3-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ئۆسۈملۈكلىرىدىن سۆكسۆك، ئاق سۆكسۆك قاتارلىقلار بار.

قارا مايلى تېغى تەبئىي مۇھاپىزەت رايونىقارامايلى تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا ھايۋانلاردىن موڭغۇلىيە قۇلانى، ئارقار (چىشىسى)، بوغۇز بۆكەن، ئوتلاق ياۋا مۈشۈكى، قىزىل تۈلكە، بوز تۈلكە، ئاسىيا سېسىق كۆزەنى، ئوتلاق توشقىنى ۋە كۆپ خىل غاجىلىغۇچىلار بار. يەنە قۇش تۈرلىرىدىن سېرىق بۈركۈت، ئالا قۇيرۇق دېڭىز بۈركۈتى، قارىغۇجا، چوڭ دوغداق، كىچىك دوغداق ۋە يەر بېغىرلىغۇچىلار بار.

دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋانلىرىدىن : موڭغۇل ياۋا ئېشىكى، شۇڭقار، ئالا قۇيرۇق دېڭىز بۈركۈتى، چوڭ دوغداق، كىچىك دوغداق قاتارلىقلار بار؛ 2-دەرىجىلىك قوغدىلدىغانلاردىن : مۈشۈك، ئارقار (چىشىسى)، سۇماترا بۆكىنى، قارىغۇجا، تاغىل قورساق كىچىك دوغداق قاتارلىقلار بار. نەسلى قۇرۇپ كەتكەن ھايۋانلاردىن ياۋا ئات، قاڭشارلىق بۆكەن بار.

موڭغۇل ياۋا ئېشىكى : دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان بولۇپ، تەبئىي مۇھاپىزەت رايونىدا 1000 تۇياقتىن ئارتۇق بار. ئۇ چوڭ تۇياقلىق تىپ، سىرتقى كۆرۈنۈشى قېچىر، تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2 مېتىر ئەتراپىدا، ئېگىزلىكى 1.2 مېتىر، بەدەن ئېغىرلىقى تەخمىنەن 260 كىلوگرام. بوينىدا يالىسى بار بولۇپ، قۇڭۇر قارا رەڭدە، يالىسىنىڭ بەلبېغى تار، يۇڭى قىسقا ھەم تۈز. قۇيرۇقى توم ھەم ئۇزۇن، ئۆتكۈر يۇڭىلىرى ئۇزۇنراق، سارغۇچ قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ.[0] 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#