ئەنزۇرۇت
ئەنزۇرۇت جاراھەت پۈتتۈرۈش، قان توختىتىش، ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، توسالغۇلارنى ئېچىش، ئاغرىق پەسەيتىش، يەل تارقىتىش، ئىششىق قايتۇرۇش، يارىلارنى قۇرۇتۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بۇ پۇرچاق ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك ئەنزىروت دەرىخىنىڭ يېلىمى بولۇپ، «ئەنزىرۇت» نامىدا دورا ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. دانىچىسىمان ياكى تالقانسىمان شەكىلدە، رەڭگى قىزىلغا مايىل سېرىق، تەمى ئاچچىق كېلىدۇ .
زەھىرى بار بولۇپ، ئادەتتە سىرتتىن ئىشلىتىلىدۇ. ئىچىدىن ئىچكەندە 15 گرام دىن ئېشىپ كەتسە زەھەرلىنىش ھەتتا ئادەم ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. زەھەرسىزلەندۈرگەندىن كېيىن ئەرەب يىلىمى، بادام يېغى بىلەن قوشۇپ ئىشلىتىش كېرەك، يالغۇز ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.
يىرىڭلىق جاراھەتلەر، بوغۇم ئاغرىقى، ئولتۇرغۇچ نېرۋا ئاغرىقى، ھەر خىل ناسور، يىرىڭلىق چاقا، سىبلىس، قۇلاق ئاغرىقى، قۇلاق ئېقىش، كۆز ياشاڭغۇراش، ھەر خىل قاناشلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
1. 3 گرام ئەنزىرۇت تالقىنىنى ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئىچسە، قۇلاق يىرىڭداش، قان ئېقىش ۋە قۇلاق ئاغرىقىغا شىپا بولىدۇ.
2. ئەنزىرۇت، مامرانچىنى، مەرۋايىت، سۈرمىلەرنى 3 گرامدىن ئېلىپ، سوفۇپ تەييارلاپ، كۆزگەتارتسا كۆز ياشاڭغۇراشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. 3. مۇقەل، ھېلىلە، بەلىلە، ئامىلە، توربۇتتىن 7 گرامدىن، ئەنزىروتتىن 3 گرام ئېلىپ، سوقۇپ سوفۇپ تەييارلاپ ئىچسە، بۇۋاسىر تۈگۈنچىلىرىنى يوقىتىدۇ.
ھەرقانداق ۋاقىتتا دەرەخ تۆشۈكلىرىدىن چىققان يىلىمنى يىغىۋېلىپ قۇرۇتۇپ قۇرغاق جايدا ساقلىنىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى
http:// دىن باشلانسۇن تور ئادرېسى:http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=446
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.