ۋىليام رامساي

ۋىليام رامساي

ئەنگلىيەلىك خىمىك ۋىليام رامساي 1852-يىل 10-ئاينىڭ 2-كۈنى گلاسگوۋدا تۇغۇلغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ۋىليام رامساي
دۆلەت تەۋەلىكى ئەنگلىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى 1852-يىل 10-ئاينىڭ 2-كۈنى
كەسپى خىمىيە ئالىمى
چەتئەلچە نامى William Ramsay
خەنزۇچە ئاتىلىشى 威廉·拉姆塞
يۇرتى گلاسگوۋ
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1916-يىل 7-ئاينىڭ 23-كۈنى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى توبنىن ئۇنىۋېرسىتېتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ۋىليام رامسايئەنگلىيەلىك خىمىك ۋىليام رامساي 1852-يىل 10-ئاينىڭ 2-كۈنى گلاسگوۋدا تۇغۇلغان. ۋىليام رامساي بالىلىق دەۋىرىدىن تارتىپلا تىرىشىپ ئۆگەنگەن بولۇپ، 13،14 ياش ۋاقتىدىلا فرانسۇزچە، ئىتالىيانچە، نېمىسچە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇيالايدىغان بولغان. بىر قېتىم، ئۇ توپ تېپىمەن دەپ پۇتىنى جاراھەتلەندۈرۋېلىپ، دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغاندا، تاسادىپىي خىمىيە توغرىسىدىكى بىر كىتابنى كۆرۈپ قالىدۇ، بۇ كىتاب قانداقتۇ بىر سېھرىي كۈچ بىلەن ئۇنى مەپتۇن قىلىۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ۋىليام رامساي خىمىيىنى تەتقىق قىلىش قارارىغا كېلىدۇ. بىر ئېغىز ئۆينى تەجرىبىخانا قىلىپ سەرەمجانلاشتۇرۇپ، ئۆزى يالغۇز ئەتىدىن-كەچكىچە تەجرىبىخانىغا كىرىۋېلىپ، تەجرىبە بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەر پات-پات ئىشىكتىن ماراپ ئۇنىڭ بوتۇلكىنى توختىماي ئۇياقتىن بۇياققا يۆتكەپ يۈرگەنلىكىنى كۆرىدۇ. ئۇنىڭ ئولتۇرغان ئۆيى بىرخىل كۈچلۈك پۇراقنىڭ دەستىدىن ئادەم تۇرغۇسىز بولۇپ كېتىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئۆز ئالدىغا 4 يىل تەتقىقات ئېلىپ بارىدۇ. 1869-يىلى ۋىليام رامساي گلاسگوۋ ئۇنىۋېرسىتېتىگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن. 

ۋىليام رامساي ئۆزىنىڭ زور كەشپىياتلىرى بىلەن، 1904-يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا كىرىشكەن. 1912-يىلى يازلىق تەتىلدىن كېيىن، ئۇ 25 يىل دەرس بەرگەن لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئايرىلىپ پېنسىيىگە چىققان. ئائىلىسىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، داۋاملىق ئىلمىي تەتقىقات ئىشى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ 1916-يىل 7-ئاينىڭ 23-كۈنى ۋاپات بولغان.

ئۇنىۋېرسىتېتتا خىمىيىنى ئۆگەنگەندىن تاشقىرى، فىزىكىنىمۇ تەتقىق قىلىدۇ. ئۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا بىر يىل ئوقۇپ بۇ مەكتەپنىڭ بەرگەن بىلىمىنىڭ ئۆز تەلىپىنى قاندۇرالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىپ كېتىدۇ. ئۇ ۋەتىنىدىن چىقىپ، ئاۋال گېرمانىيەدىكى ھېيدېلبېرگقا بارىدۇ. كېيىن توبنىن ئۇنىۋېرسىتېتىگە يۆتكىلىدۇ. ئۇ پروفېسسورنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھارماي-تالماي ئۆگىنىدۇ. ئۇ دائىم دادىسىغا يازغان خېتىدە مۇنداق دەپ يازغان: مەن بۈگۈن ئەتتىگەن سائەت 5 يېرىمدا ئورنۇمدىن تۇردۇم، سائەت 6 دىن 7 گىچە بىر سائەت دەرس تەكرارلىدىم ۋە ئەتتىگەنلىك تاماقنى يەۋالدىم. سائەت 7 دىن 8 گىچە بىر سائەت دەرس ئوقۇدۇم، 8 دىن 9 غىچە يەنە بىر سائەت دەرس ئوقۇدۇم. سائەت 9 دىن چۈشتىن كېيىن سائەت 3 كىچە خىمىيە تەجرىبىخانىسىدا تەجرىبە قىلىش بىلەن بولدۇم (ئىش ۋاقتىنى تېجەپ قىلىش ئۈچۈن، چۈشتە ئازراق بىر نېمە يەۋالدىم، سائەت 6 بولمىغىچە كەچلىك تاماق بېرىلمەيدۇ) سائەت 3 تىن 5 كىچە دەرس تەكرارلىدىم، 5 تىن 6 گىچە بىر سائەت دەرس ئۆتۈلدى. ئاندىن كېيىن كەچلىك تاماق بولدى، ھازىر سائەت 8، مەن يەنە دەرس تەكرارلايمەن». ئۇ ئۇزۇن ئۆتمەي، «تولۇئول كىسلاتاسى ۋە نىترولا تولۇئول كىسلاتاسى» دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. 

ۋىليام رامساي ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ گلاسگوۋ ئۇنىۋېرسىتېتىدە ۋە برىسىس ئۇنىۋېرسىتېتىدە پروفېسسور بولىدۇ. بۇ چاغدا، ئۇلارنىڭ سېلىشتۇرما ئېغىرلىقىنى تەتقىق قىلىشقا بەل باغلايدۇ ھەمدە سۇيۇقلۇقلارنىڭ قايناش نۇقتىسىغا يەتكەن ۋاقتىدىكى ھەجمى ۋە گازلارنىڭ سۇيۇقلۇقلارغا بولغان بېسىمىنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشىدۇ. 1887-يىلى لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىگە يۆتكىلىپ، ئۇ يەردە تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق، سۇيۇقلۇقلارنى ئۆلچەش قانۇنىيىتىنى ۋە فورمۇلاسىنى تاپقان.

ۋىليام رامساي ئەڭ زور تۆھپىسى ئارگون ۋە گېلىي قاتارلىق ئىنېرت گازلارنى كەشپ قىلغانلىقىدىن ئىبارەت. 1895-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى ئايالىغا يازغان خېتىدە ئۇ مۇنداق دېگەن: «ساڭا ھاياتىمدىكى ئەڭ زور، ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان بىر خەۋەرنى يەتكۈزەي. مەن بىر خىل يېڭى گازنى ۋە كوم لامپىنىڭ ئىچىگە قويۇپ، يورۇقلۇق يولى ئەينىگى بىلەن كۈزىتىپ، بىر خىل ئىنتايىن يورۇق سېرىق سىزىقچىلارنى كۆردۈم ۋە بۇنىڭ بىر خىل يېڭى ماددا ئىكەنلىكىنى بىلدىم». يېڭى گاز ماگنىي، ئوكسىگېن ياكى باشقا ماددىلار بىلەن قوشۇلۇپ، خىمىيىۋى بىرىكمە ھاسىل قىلمىغانلىقتىن، ۋىليام رامساي بۇنداق گازغا «ئارگون» دەپ نام بەرگەن. بۇ ھورۇن دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان سۆز. كېيىن ئۇ ئارگون گازىنى داۋاملىق تەھلىل قىلىدۇ. دەسلەپ، ئۇ ئارگون گازىنى ئېغىر، يېنىك دېگەن ئىككى قىسىمغا بۆلۈش مۇمكىنلىكىنى سېزىپ، سانسىز قېتىم تەجرىبە قىلغاندىن كېيىن، ئاخىرى ئارگوندىن يېنىك بولغىنى نېئون (يېڭى دېگەن مەنىدە) دەپ، ئارگوندىن ئېغىر بولغىنى كرىپتون (يوشۇرۇن دېگەن مەنىدە) دەپ، ئايرىپ چىقىدۇ. كېيىن، ئۇ يەنە كىسېون (ئاز ئۇچرايدىغان دېگەن مەنىدە) نى تاپقان. 

1. « ئانئورگانىك خىمىيە سىستېمىسى » 

2. « ئاتمۇسفىرادىكى گاز جىسىم » 

3. « ھازىرقى زامان خىمىيەسى » 

4. « ئېلېمېنت ۋە ئېلېكتىرون » 

ۋىليام رامساي ئۆزىنىڭ زور كەشپىياتلىرى بىلەن، 1904-يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. [1][0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#