چارباغ بازىرى

چارباغ بازىرى

چارباغ بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ غەربىي بويلاپ شەھەر رايونى بىلەن بولغان ئارىلىقى 12 كىلومېتىر كېلدىغان جايغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى چارباغ بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
نوپۇسى 17 مىڭ ئادەم
ماشىنا كودى 新Q
خەنزۇچە ئاتىلىشى 恰尔巴格镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسى
تېلېفون رايون نۇمۇرى 0998

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چارباغ بازىرى قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ غەربىي بويلاپ شەھەر رايونى بىلەن بولغان ئارىلىقى 12 كىلومېتىر كېلدىغان جايغا جايلاشقان. قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ يېتىملىقۇم يېزىسى، غوجائېرىق يېزىسى  شاخاپ يېزىسى، ساي ۋات يېزىسى بىلەن قوشنا، تىزناپ دەرياسى پۈتۈن بازاردىكى 315-دۆلەت يولى، چىپان يولىنى پۈتۈن بازارنى كىسىپ ئۆتىدۇ. بازارغا قاراشلىق مەمۇرىي كەنت، بىر باغۋەنچىلىك مەيدانى، ئۇمۇمىي نوپۇسى 17 مىڭ ئادەم.

چارباغ بازىرىچارباغ بازىرىغا قاراشلىق 14 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ، بۇلار: سەيشەنبە بازار كەنتى، چارىباغ كەنتى، ئاياغ يىتىمئۈرۈك كەنتى، ئوتتۇار يىتىمئۈرۈك كەنتى، باش يېتىمئۆرۈك كەنتى، قاراباغ كەنتى، قوشئېرىق باش كەنتى، شەنبە بازار كەنتى، بەشبەگ كەنتى، ئارامەھەللە كەنتى،جېمۇجۇمۇ كەنتى، دۆڭچا كەنتى، چىلانلىق كەنتى، خېينى كەنتى، جېمۇجۇمۇ ئورمانچىلىق مەيدانى، شېھىتلىك باغۋەنچىلىك مەيدانى قاتارلىقلار.

2007-يىلى پۈتۈن بازار يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 102 مىليون 206 مىڭ 700 يۈەن، 2-، 3-كەسىپلەرنىڭ قىممىتى 3 مىليون 974 مىڭ 400 يۈەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 3884 يۈەن. چارباغ بازىرى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى ئۆزگىچە، يېرى مۇنبەت، سۇ مەنبەسى مول، سۇ سۈپىتى ياخشى، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى تولۇق، قاتنىشى قولاي. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا كۆپ چىقىدىغىنى كېۋەز، شال، بۇغداي، ۋە ھەرخىل مېۋە قاتارلىق مۇۋاپىق باغۋەنچىلىك، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق، ساياھەتچىلىك تەرەققىياتى يۇقىرى.

چارباغ بازىرىچارباغ بازىرى نۆۋەتتە ئىككى خىل قۇش باقمىچىلىق مەيدانى ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش بازىسى، تىرىشىپ 2008- يىلىغا كەلگەندە مىڭلىغان قوي، چۈجىلەرنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرغان. 8 كەنت دېھقانلارنىڭ ھەممىسى چۈجە بېقىش، پۈتۈن بىر يىلدىكى باقمىچىلىقى 100 دىن يۇقىرى ھەمدە ياخشى تۇخۇم توخۇسى ئۆستۈرۈش چوڭ ئائىلىلىرىدىن 6 كەنت. تۇخۇم توخۇسى باقمىچىلىق تەجرىبىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك تەشۋىق قىلىپ ۋە كېڭەيتىپ جەمئىي 20 ئائىلە، 500 دىن ئارتۇق تۇخۇم توخۇسى باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسى ئىگە بولغان.

چارباغ بازىرىدىن مېۋە-چېۋە كۆپ چىقىدۇ، شاپتۇلى يىراق-يېقىنغا تونۇلغان، ھەمدە ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا سېتىلىدۇ. خۇشبۇي، شىرنىلىك شاپتۇلىدىن قۇرۇق تاغ ئاق 100-نومۇر، قۇرۇق تاغ ئاق 200-نومۇر، قۇرۇق تاغ ئاق 300-نومۇر، قىزىل شاپتۇل، ئەنجۈر شاپتۇل، ئالتۇن شاپتۇل قاتارلىقلار بار بۇلۇپ، تۇپرىقى مۇۋاپىق بولغاچقا شاپتۇل چوڭ، رەڭگى ئوچۇق، بولۇپمۇ ئالتۇن شاپتۇل بىر چوڭ، تاتلىق، ساقلاشقا چىداملىق، يىللىق مەھسۇلات مىقدارى تەخمىنەن 2000 توننا ئەتراپىدا ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 5 مىليون يۈەن.

چارباغ بازىرى ئورتاق لاپاس 817 گە، 8 كەنتنىڭ قىزىلمۇچ تېرىلىش تارىخىنى 80-يىللىرىدىن سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. مەھسۇلاتلار ئۈرۈمچى، شىزاڭنىڭ ئالى رايونى قاتارلىق جايلارغا سېتىلىدۇ. 

چارباغ بازىرى 2001-يىلى ياڭاق بازىسى قۇرۇلۇشىنى باشلىغان بۇلۇپ، نۆۋەتتە ئاللىقاچان يېتىشتۈرۈلگەن ياڭاق 3.1 گېكتار، مېۋە بەرگەن چىلانلىق كۆلىمىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ، ياڭاق بازىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەنگەن. 2007-يىلى ياڭاق ئومۇمىي مەھسۇلاتى 2180 توننا بولۇپ، 2008-يىلى 3000 توننا ياڭاق ئومۇمىي مەھسۇلاتى بۆسۈش ھاسىل قىلىغان. چارباغ بازىرى قەغەز ياڭىقى ئاساسلىق سورتلىرى «شىنفېڭ»، «شىنگۇاڭ»، «شىنشىڭ 2-نۇمۇر» «175»، «185»، «343» قاتارلىقلار بۇلۇپ، چوڭ، پوستى نېپىز، مېغىزلىق، تەمى ياخشى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.

2006-يىلى ۋىلايەت دەرىجىلىك مەدەنىي ئورۇن دېگەن نامغا ئېرىشكەن. شۇ يىلى 7-ئايدا «بەشتە ياخشى يېزا-بازار پارتكومى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن.

2007-يىلى ناھىيەلىك پارتكوم تەرىپىدىن «تىنچ-ئامان يېزا-بازار» دېگەن نامغا ئېرىشكەن.[0]



ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#