قاپارتمىلىق تېرە ياللۇغى

قاپارتمىلىق تېرە ياللۇغى

تېرىدە سۇلۇق قاپارتقۇ، چوڭ قاپارتقۇ، قىزىل داغ، ئەسۋە، يەلتاشما قاتارلىق كۆپ خىل تېرە زەخىملىرىنى ئاساس قىلغان سوزۇلما خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى.

غەرب تېبابىتى نامى قاپارتمىلىق تېرە ياللۇغى
يۇقۇملىنىشى يۇقۇملۇق ئەمەس
خەنزۇچە نامى 疹样皮炎
يۇقۇملىنىش يولى يۇقمايدۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سارغۇچ سەپرا خىلىتىدىن بولىدۇ.

سارغۇچ سەپرا خىلىتى تەبىئىي سەپرا خىلىتىدىن تەبىئەت جەھەتتە ئاجىز بولغاچقا قان ئېقىم ئارقىلىق تېرىلەرگە تەسىر قىلىپ، سۇيۇق قىسمى تەر بەزلىرى ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتىدۇ، بىراق قويۇق قىسمى توپلىنىپ قالىدۇ. قويۇق قىسمىنىڭ يېغىلىپ توپلىنىۋېرىش نەتىجىسىدە يەرلىك ئورۇننى غىدىقلاپ، ماددا ئالمىشىشىنى بۇزۇپ بۇ كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

قاپارتمىلىق تېرە ياللۇغىئەڭ دەسلەپكى تېرىدىكى زەخىملەر بولسا قىزىل داغ، ئەسۋە، يەل تاشما، سۇلۇق قاپارتمىلاردىن ئىبارەت. ئەمما غۇژمەك بولۇۋالغان ئۇششاق سۇلۇق قاپارتقۇلارنى ئاساس قىلىدۇ. سۇلۇق قاپارتقۇلار قىزىل داغ ئۈستىدە  تۇرىدۇ ياكى نورمال تېرىدە يۈز بېرىدۇ. تېرە زەخمىسى ھالقا شەكىلدە ياكى تەرتىپسىز شەكىلدە تىزىلغان بولىدۇ. چاچما ھالدىكى چوڭ قاپارتمىلار ئاندا − ساندا ئۇچرايدۇ. قاپارتما دىۋارى چىڭ بولۇپ سەل قېلىن كېلىدۇ. تىكەنلىك قاتلامنىڭ بوشاپ كېتىشى مەنپىي بولىدۇ. قاتتىق قىچىشىدۇ. ھەمىشە قاشلاش سەۋەبىدىن ھۆل تەمرەتكىدەك بولۇپ كېتىدۇ ياكى قېلىنلايدۇ. زەخىمە ئورنىدا رەڭ پىگمېنتى چۆكۈش ھادىسىسى بولىدۇ. تېرە زەخمىسى قول − پۇتلارنىڭ سىرتقى تەرىپىدە بولىدۇ. جىنسىي ئەزا، ساغرا قىسىم، قولتۇق ئارقا تەرىپى، ئىكى مۈرە، يۈز، كۆكرەك، باش تېرىسى قاتارلىق ئورۇنلاردىمۇ ئۇچرايدۇ. ئېغىز ئىچى شىللىق پەردىلىرىنىڭ زەخىملىنىشى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. ئېغىز بوشلۇق، يۇتقۇنچاقتا سۇلۇق قاپارتقۇلارنىڭ پەيدا بولۇشى ئاندا − ساندا ئۇچراپ ئوڭاي ساقىيىپ كېتىدۇ.

1. كۆپ شەكىللىك تېرە زەخمىسى، غۇژمەك بولۇۋالغان كىچىك سۇلۇق قاپارتمىلارغا ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

2. تېرە زەخىملىرى ھالقا شەكىلدە تىزىلىش بىلەن بىرگە ئوڭاي سۈركۈلىدىغان ئورۇنلاردا توپ پەيدا بولىدۇ。

3. قاتتىق ھەم ئۇزۇن مۇددەت قىچىشىشقا ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

1. كېسەللىك جەريانى ئۇزاق ھەمىشە تەكرار قوزغىلىدۇ。

1. سارغۇچ سەپرا خىلىتىغا قارىتا مۇنىزىچ، مۇسھىل بېرىلىدۇ.

2. ئاساسىي داۋالىغۇچى دورىلار بېرىلىدۇ.

سارغۇچ سەپراغا سەپرا ۋە بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچىنى قائىدىلىك بىرلەشتۈرۈپ 100 مىلىلىتىردىن كۈنىگە ئۈچ قېتىم ماددا پىشقۇچە بېرىلىدۇ. ئاندىن 100 مىللىلىتىر مەتبۇخى ھېلىلىگە بەش گرام ئايارەج لوغانزىيانى قوشۇپ، كۈنىگە بىر قېتىم 5~3 كۈنگىچە بېرىپ ماددا تەنقىيە قىلىنىدۇ.

ئاساسىي داۋالاش مەقسىتىدە ئىترىفىل چۆبچىن 10 گرامدىن ئىككى ۋاق، مەجۈنى ئەفتىمۇن بەش گرامدىن ئىككى ۋاق بېرىلىدۇ.

سىرتىدىن زەمچە ئۈچ گرام، مامرانچىن بەش گرام، رەۋەن ئۈچ گرام، ۋاڭ ئۇرۇقى 10 گرام، موزا 10 گرام. دورىلارنى سوفۇپ قىلىپ سىرتىدىن سېپىلىدۇ.

قاپارتما ئىچىدىكى سۇيۇقلۇقلار قۇرۇپ قېتىشقاندىن كېيىن يەرلىك ورۇندىكى زەخىمە يۈزىدە سارغۇچ رەڭلىك قەقەچ ھاسىل قىلىدۇ. قەقەچلەرنى چۈشۈرۈش مەقسىتىدە گۈل يېغى ياكى %10 لىك مەلھىمى كبىرىتنى سۈرتۈپ (كۈندە بىر قېتىم) 30-45  قىچە كۈن نۇرىغا قاقلىنىدۇ.

بەلغەم خىلىتىنى كۆپەيتكۈچى، غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى غىزالاردىن پەرھىز قىلىنىدۇ[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=954

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#