ھەيدەرپاشا پويىز ئىستانسىسى

ھەيدەرپاشا پويىز ئىستانسىسى

ھەيدەرپاشا پويىز ئىستانسىسى 1908–يىلى ياسالغان بولۇپ، ھازىر ئۇ ئوسمانلى خەلىپلىكى بىلەن گېرمانىيە نىڭ يېقىنلىشىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم سېمۋوللىرىدىن بىرسى ھېسابلىنىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ھەيدەرپاشا پويىز ئىستانسىسى
خەنزۇچە نامى 海达尔帕夏火车站

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 گېرمانىيە بىلەن ئوسمانلى خەلىپى ئوتتۇرىسىدا 1890–يىلىدىن ئېتىبارەن يېقىنلىشىش باشلانغان ئىدى. ئوسمانلى خەلىپىلىكى كەڭ كەتكەن تېررىتورىيەسىدە قاتناشنىڭ سۈرئىتىنى تېزلاشتۇرۇش، زامانىۋىي تەرەققىياتقا ماسلىشىش، سودا ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە خەلىپىلىكنى تېخىمۇ ئاسان ئىدارە قىلغىلى بولىدىغان ھالغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تۆمۈر يولى لىنىيەلىرىنى ياساش قارارى ئالغان ئىدى. تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى جەھەتتە ئەنگلىيە بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدا كەسكىن رىقابەت باشلاندى. بۇ رىقابەتتە گېرمانىيە ئۇتۇپ چىقتى. ئوسمانلى خەلىپىلىكى ئەنگلىيەنىڭ خەلىپىلىكنى پارچىلاش نىيىتى بارلىقى ھەمدە گېرمانىيەنىڭ تەكلىپىنىڭ تېخىمۇ مۇناسىپ بولغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنى گېرمانىيە گە ھۆددىگە بەردى. بۇ مەزگىلدە تەختتە ئولتۇرغان يىراق كۆرەر سۇلتان 2 ئابدۇلھەمىت خان گېرمانىيە ئېمپىراتورى كايزەر ۋىلھەم بىلەن يېقىن دوستلۇق ئورناتتى. گېرمانىيە ئېمپىراتورى كايزەر ئىستانبۇل دا 3 قېتىم زىيارەتتە بولدى. 1898–يىلى ئېلىپ بارغان 2–زىيارىتىدە تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىغا ۋەدە بەردى. بۇ جەرياندا گېرمانىيە دە ياسىلىپ ئىستانبۇل غا ئەۋەتىلگەن گېرمانىيە چەشمىسى سۇلتان ئەھمەت مەيدانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئەينى چاغدا ئوسمانلى زېمىنى ھېسابلىنىدىغان باغداتتىمۇ تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى باشلاندى. ئوسمانلى خەلىپىلىكى پۇقرالىرىنىڭمۇ قوللاپ–قۇۋەتلىشى بىلەن داۋاملاشقان تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى دۆلەتنىڭ مۇھىم نىشانلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. ھەيدەرپاشا پويىز ئىستانسىسى ئىستانبۇل دىن باغداد قىچە بولغان تۆمۈر يولىنىڭ باشلانغۇچ نۇقتىسى بولۇپ بەلگىلەندى. پويىز ئىستانسىسى قۇرۇلۇشى  1906–يىلى باشلىنىىپ، گېرمانىيە لىك ۋە ئىتالىيە لىك ئۇستىلارنىڭ ھەسسە قوشۇشى بىلەن 1908–يىلى پۈتۈپ چىقتى ۋە  رەسمىي قاتناشنى باشلاندى. ئاسىيا قىتئەسىنىڭ غەربكە ئېچىلغان چوڭ درۋازىسى ۋە ئاخىرىقى بېكىتىگە ئايلانغان پويىز ئىستانسىسى ئىستانبۇل نىڭ كادىكۆي رايونىغا سېلىندى. پويىز ئىستانسىسىنىڭ سىرتىدا ئىستانبۇل بوغۇزىغا ياسالغان تام توسقۇلار ئارقىلىق پورتنىڭ دېڭىز دولقۇنلىرىغا ۋە شىۋىرغانلىرىغا قارشى بىخەتەرلىكى كۈچەيتىلدى.  بۇ يەردىكى ھەيدەرپاشا پورتى ئارقىلىق ئىستانبۇل نىڭ ياۋروپا تەرىپىگە دېڭىز يولى بىلەن ئۆتكىلى بولىدۇ.

ئىستانبۇل دىن باغدادقا تۇتۇشىدىغان تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى لايىھەسى قىسقىغىنە ۋاقىتتا پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىشى ئارقىلىق خەلقنىڭ قوللاپ–قۇۋۋەتلىشى قولغا كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئىككىنچى قېتىمدا ئىستانبۇل دىن ھىجازغا تۇتۇشىدىغان تۆمۈر يول لايىھەسى باشلىنىپ كەتتى. مۇقەددەس ھەرەمگە تۇتىشىدىغان بىر تۆمۈر لىنىيەسى قۇرۇپ چىقىلدى. ئىستانبۇل دىن  دەمەشىق، ئىئوردانىيە ۋە مەدىنەگىچە مۇشۇ لىنىيە بىلەن بارغىلى بولاتتى. ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن مۇسۇلمانلار مۇقەددەس ھەج ئىبادىتى ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىدىغان قاتناش يولى بارلىققا كەلگەن بولدى. تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى ئەينى چاغدا زامىنىۋىلاشقانلىقنىڭ ئىنتايىن چوڭ نامايەندىسى ئىدى. بۇ پويىز ئىستانسىسى ئاسىيا ۋە ياۋروپا نىڭ بىر–بىرىگە ئۆتىدىغان مەركىزى دەرۋازىسى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىنى يۈزلىگەن يىللارغىچە ساقلاپ كەلدى.

پويىز سەپىرىنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر ئىستانبۇل غا پويىز بىلەن كېلىشتىن ئىنتايىن خوشاللىنىدۇ. پويىز سەپىرىنىڭ ھوزۇرى، ياتاقلىق ۋاگونلىرى ۋە ئاشخانىسى يولىچىلارنى باشقىچە خوشاللىققا چۆمدۈرىدۇ. پويىزدىن چۈشكەندە ئوسمانلى ئېمپىرىيەسىنىڭ كاتتا يادىكارلىقى بولغان ھەيدەرپاشا پويىز ئىستانسىسىنىڭ ھەيۋەتلىك بىناسى كۈتىۋالىدۇ. بىنانىڭ چوڭلۇقى ۋە ئۆزگىچە ھەيۋىتى كۆرگۈچىلەرنىڭ كۆزلىرىنى قاماشتۇرىدۇ. بىنانىڭ ھەر بىر نۇقتىسى كۆرگۈچىلەرگە ئىككى قىتئەنىڭ بىرلەشكەن يېرىدە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. پويىز ئىستانسىسىنىڭ چىقىش ئېغىزىدىلا ئاجايىپ ئېسىل ئىستانبۇل بوغۇزى مەنزىرىسى بار. بىر تەرەپتىن توختىماي تۆت تەرەپكە قاتناۋاتقان پاراخوتلار، ئۇلارغا ئەگىشىپ ئۇچۇۋاتقان بىلىق ئالغۇچلار ۋە سەللا يېراقتا ياۋروپا قىرغىقىنىڭ ئاجايىپ كۆركەم مەنزىرىسى، سول تەرەپتە مارمارا دېڭىزى، ساھىلدا توپكاپى سارىيى، ئاياسوفيا ۋە سۇلتان ئەھمەت جامەسى ھەمدە سەللا ئوڭ تەرەپكە بۇرالغاندا گالاتا مۇنارى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ئۇ يەردىن يەنە بەيئوغلۇنىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ. ھەيدەر پاشا پويىز ئىستانسىسىدىن ئوڭ تەرەپكە سەل ماڭغاندا بوغۇز كۆۋرۈكى ئۇچرايدۇ. 

بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى دىن كېيىن پويىز ئىستانسىسىدىكى قورال ئىسكىلاتىدا بىر سويقەست تۈپەيلى ئوت كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ۋە پويىز ئىستانسىسى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان ئىدى. كېيىنچە قايتا رېمۇنت قىلىنىپ ھازىرقى ھالىغا كەلتۈرۈلدى. 1979–يىلىدىمۇ بوغۇزدا يۈز يەرگەن ماي پاراخوتى پاچىئەسى سەۋەبىدىن ھەيدەرپاشا پويىز ئىستانسىسى قايتا زىيانغا ئۇچرىدى ۋە  قايتا رېمۇنت قىلىندى. 2010 – يىلىدا بولسا، پويىز ئىستاسىسىنىڭ ئۆگزىسىگە ئوت كېتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئۈستىكى 3 قەۋىتى ۋە ئۆگزىسى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى. قىسقىغىنە ۋاقىتتا يەنە قايتا رېمۇنت قىلندى. 2012 – يىلى تۈركىيەدە ئشقا ئاشۇرۇلىۋاتقان تېز سۈرئەتلىك پويىز لايىھەسى قۇرۇلۇش خىزمەتلىرى سەۋەبىدىن  ھەيدەرپاشا پويىز ئىستانسىسى ئىككى يىلىق تاقىۋېتىلدى.

ھازىر ئەنقەرەدىن ئىستانبۇلغا تۇتىشىدىغان تېز سۈرئەتلىك پويىزنىڭ ئاخىرىقى بېكىتى سەل يۇقىرىدا فەندىك بولۇپ بەلگىلەندى.  پات يېقىندا تېز سۈرئەتلىك پويىز بېكىتىنىڭ ھەيدەر پاشاغا ئۇلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە. شۇنداق بولغاندىلا ھەيدەر پاشا پويىز ئىستانسىسى قايتىدىن بۇرۇنقى ئاۋات كۈنلىرىگە قايتقان بولىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#