خاندىغاتى موڭغۇل يېزىسى

خاندىغاتى موڭغۇل يېزىسى

خاندىغاتى موڭغۇل يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئالتاي شەھىرىگە جايلاشقان،ئالتاي شەھىرىدىكى بىردىنبىر موڭغۇل مىللىي يېزىسى.

ئۇيغۇرچە نامى خاندىغاتى موڭغۇل يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 900 كۋادرات كىلومېتىر
جۇغراپىيەلىك ئورنى ئالتاي شەھەر رايونى بىلەن بولغان ئارىلىقى 32 كىلومېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 汗德尕特蒙古族乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئالتاي شەھىرى
نوپۇسى 4093 ئادەم
داڭلىق مەنزىرە نۇقتىسى لاما دىنى ئىبادەتخانىسى، ۋۇجىژچۈەن بۇلىقى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

خاندىغاتى موڭغۇل يېزىسىخاندىغاتى موڭغۇل يېزىسى ئالتاي شەھىرىدىكى بىردىنبىر موڭغۇل مىللىي يېزىسى، شەھەرنىڭ شەرقىي قىسمىغا، جۇڭگو-موڭغۇلىيە چېگرىسىغا جايلاشقان، پۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 900 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، قارمىقىدىكى سەككىز مەمۇرىي كەنتنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 4093 ئادەم. پۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 900 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 8000 مو، ئوتلاق 9000 مو. لاما دىنى ئىبادەتخانىسى، ۋۇجىژچۈەن بۇلىقى قاتارلىق ئۆزگىچە ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى ۋە مول تۆمۈر كېنى بار، ياقۇت بىلەن داڭ چىقارغان. 

خاندىغاتى موڭغۇل يېزىسىخاندىغاتى موڭغۇل يېزىسى قارمىقىدا سەككىز مەمۇرىي كەنت بار، بۇنىڭ ئىچىدە 6 دېھقانچىلىق كەنتى، ئىككى چارۋىچىلىق كەنتى بار، نوپۇسى 4093 ئادەم، موڭغۇل، قازاق، خەنزۇ قاتارلىق ئالتە مىللەت ئولتۇراقلاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە موڭغۇللار 1268 ئادەم، ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %3 نى ئىگىلەيدۇ؛ قازاق 1760 ئادەم، %43 نى ئىگىلەيدۇ؛ خەنزۇ 982 ئادەم، %24 نى ئىگىلەيدۇ؛ باشقا مىللەتلەر %2 نى ئىگىلەيدۇ. 

خاندىغاتى موڭغۇل يېزىسىخاندىغات موڭغۇل يېزىسى ئويمانلىق بولۇپ، ئالتاي شەھەر رايونى بىلەن بولغان ئارىلىقى 32 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 62 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى تەخمىنەن 26 كىلومېتىر كېلىدۇ. شەرقىي جەنۇب ئىككى تەرىپى بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى بىلەن چېگرىداش، غەربتە شىرىكشىي يېزىسى چېگرلىنىدۇ، شىمالدا ۋۇشىلى تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە توغرا كېلىدۇ، تاغلىق يەرنى ئاساس قىلغان.

خاندىغاتى موڭغۇل يېزىسىيېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، خاندىغاتى موڭغۇل يېزىسى چارۋىچىلىق يېڭى كەنتى بەرپا قىلىش نىشان قىلىپ، چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىياتى ئۈزلۈكسىز تېزلىتىپ، چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرگەن. چارۋا نەسلىنى ياخشىلاش قەدىمىنى ئۈزلۈكسىز تېزلىتىپ، پادا قۇرۇلمىسىنى پائال ياخشىلاش، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، چارۋىچىلىقنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، گۆش مىقدارى ۋە چارۋىنىڭ چىقىم قىلىنىش نىسبىتى جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، سان-سۈرئەت تىپىدىن سۈپەت پەزىلىتىگە تەدرىجىي ئۆزگەرتكەن. پىلانلىق ھالدا ئوت-چۆپ سەرپىيات مىقدارى چوڭ، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى تۆۋەن بولغان يەرلىك سېرىق كالا، ئات ۋە تۆگىلەرنى شاللىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، دېھقانچىلىق رايونلىرىدا چارۋا بېقىش كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، زور بىر تۈركۈم باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسىنى قوللاپ يار-يۆلەك بولغان.

خاندىغاتى موڭغۇل يېزىسىخاندىغاتى موڭغۇل يېزىسى كۆپ قېتىم ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ئالتاي شەھىرىنىڭ تەقدىرلىشىگە ئېرىشكەن. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بويىچە «ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى»، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار يېزا»، شۇنىڭدەك رايون دەرىجىلىك، شەھەر دەرىجىلىك «ئىككى مەدىنىيلىك قۇرۇلۇشىدىكى ئىلغار يېزا» قاتارلىق نۇرغۇن شان-شەرەپكە ئېرىشكەن، 2002-يىلى يەنە ئالتاي شەھىرى بويىچە «قوش ئىلغار مەدىنىيلىك قۇرۇلۇشىدىكى بىرىنچى يېزا-بازار» بۇلۇپ باھالىنىپ، ئالتاي شەھىرىدىكى بىر تال يۇلتۇز بولۇپ قالغان. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#