ئانادالۇسىيە

ئانادالۇسىيە رايونى

ئىسپانىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان رايون، ئۇ غەربىي جەنۇب تەرەپتە ئاتلانتىك ئوكيان، شەرقىي جەنۇب تەرەپتە يەر ئوتتۇرا دېڭىز سۇلىرى بىلەن يۇيۇلۇپ تۇرىدۇ. جەنۇبىي جەبىلتارىق بوغۇزى ئارقىلىق ئافرىقا قىتئەسىدىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى ئانادالۇسىيە
چەتئەلچە نامى Andalucía
خەنزۇچە نامى 安达卢西亚
تۈرى ئىسپانىيە ئەڭ جەنۇبىدىكى تارىخىي جۇغراپىيىلىك رايونى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئانادالۇسىيە رايونىئىسپانىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان رايون، ئۇ غەربىي جەنۇب تەرەپتە ئاتلانتىك ئوكيان، شەرقىي جەنۇب تەرەپتە يەر ئوتتۇرا دېڭىز سۇلىرى بىلەن يۇيۇلۇپ تۇرىدۇ. جەنۇبىي جەبىلتارىق بوغۇزى ئارقىلىق ئافرىقا قىتئەسىدىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. بۇ رايوننىڭ جەنۇبىدا ياۋروپانىڭ ئەڭ جەنۇبىي نۇقتىسى بولغان تارىغا تۇمشۇقى بار. ئاندالۇسىيە 1833-يىلىدىن بۇرۇن بىر رايون بولۇپ، شۇ يىلدىن باشلاپ سەككىز ئۆلكىگە بۆلۈنگەن. ئۇلار: ۋېلۋا، خائېن، ئالمېرىيە، كادىز، كاردوۋا، گرانادا، مالاگا، سېۋىليالاردىن ئىبارەت. ئاندالۇسىيە رايونىنىڭ يەر مەيدانى 87 مىڭ 3 يۈز كۋادرات كىلومېتر، ئاھالىسى 10 مىليون ئەتراپىدا. ئۇ ئىسپانىيىنىڭ ئەڭ چوڭ رايونلىرىنىڭ بىرى. ئاندالۇسىيە مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ ئاندالۇسىيە تۈزلەڭلىك رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، مەملىكەتنىڭ مۇھىم دېھقانچىلىق رايونى ھېسابلىنىدۇ. بۇ جايدا كوررىدا بۇقىلىرى، ۋالىرىيە ئاتلىرى بېقىلىدۇ. تۈزلەڭلىكنىڭ جەنۇبىدا ئاندالۇسىيە تاغلىرى بار. بۇ تاغنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 600 كىلومېتر، شۇ تاغلىققا جايلاشقان مولاسىن چوققىسىنڭ ئېگىزلىكى 3748 مېتر بولۇپ، ئىسپانىيە بويىچە ئەڭ ئېگىز چوققا ھېسابلىنىدۇ. ئاندالۇسىيە تېغى ئىسپانىيىنىڭ جەنۇبىدا يەر ئوتتۇرا دېڭىز قىرغىقىنى بويلاپ شەرقتىن غەربكە ئەگرى-توقاي ھالەتتە سوزۇلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#