شىنجاڭدىكى ياۋايى تالالىق ئۆسۈملۈكلەر
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ياۋايى تالالىق ئۆسۈملۈكلەر ئۆسۈملۈك تېنىدە زور مىقداردا تالا توقۇلمىلىرى بار ئۆسۈملۈكلەردۇر . بۇنداق ئۆسۈملۈكلەر شىنجاڭدا بىر قەدەر مول ، بولۇپمۇ قومۇش ، چىغ ۋە ياۋا كەندىرنىڭ مەھسۇلات مىقدارى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ . ياۋايى تالالىق ئۆسۈملۈكلەر ئومۇمەن قەغەزچىلىك سانائىتىگە ئىشلىتىلىدۇ ، مەسىلەن : قومۇش ، چىغ ، چوڭ گۈللۈك كەندىر ، قۇلماق ، تار يوپۇرماقلىق قارىغان ، قېرىقىز ، سېرىق گۈللۈك ئەمەن ، تار يوپۇرماقلىق يېكەن ، كەڭ يوپۇرماقلىق يېكەن ، تەڭگە باش ، نىجىم ، بىيدايىق ، ئارپىغان ، ئايراۋۇق ، چوڭ يوپۇرماقلىق دېيېئۇكىىيە ئوتى ، ئىتقوناق ، ئاق ئوت ، پايزا ، چىغىرتماق ( پىچان) قاتارلىقلار . بۇلار يەنە ئۆرۈش ، توقۇش ، كۇلا - ئارقان ئېتىش ، سۈنئىي تالالىق پەنەركە ياساش ، رەخت توقۇمىچىلىقى قاتارلىقلارغىمۇ ئىشلىتىلىدۇ ، مەسىلەن : قارىياغاچ ، كەندىر ، خەنجەرسىمان يوپۇرماقلىق قارىغان ، چۈچۈكبۇيا ، يۇلغۇن ، چىڭگىلىك ، لوپنۇر كەندىرى قاتارلىقلار .[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.