ئاقدامار ئارىلى

ئاقدامار ئارىلى

ئاقدامار ئارىلى ۋە چىركاۋى شەرقىي ئانادولۇدىكى زىيارەت قىلىشقا تېگىشلىك ساياھەت مەركەزلىرىنىڭ بىرسى بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاقدامار ئارىلىدا بىر ئەرمېنىيە راھىبخانىسى بىلەن چوڭ بىر چىركاۋمۇ بار بولۇپ، ئاقدامار ئارىلى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە نۇرغۇنلىغان ئەپسانىلەرگە مەزمۇن قوشقان ئۆزگىچە جاي بولۇپمۇ ھېسابلىنىدۇ. ۋان ۋىلايىتىمىزگە قاراشلىق گەۋاش ناھىيەسىگە يېقىن قىرغاقتىن ئانچە ئۇزاق بولمىغان ئارالغا كېمىلەر ئارقىلىق يېتىپ بارغىلى بولىدۇ. ئارال ۋە ئارالدىكى چىركاۋ دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم ساياھەت مەركەزلىرىدىن بىرسى بولۇپ، كەڭلىكى 70 مىڭ كىۋادىرات مېتىر ۋە ئۇزۇنلۇقى 3 كېلومتېر قىرغاق شەھىرىگە ئىگە. ئارالنىڭ غەربىي قىسمىدا 80 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تىك قىيالار ۋە ئىنسانلارنى ھەيران قالدۇرىدىغان چوقىلار ۋان كۆلىنى ماكان تۇتقان مىڭلىغان بېلىق ئالغۇچلارنىڭ ئۇۋۇسى ھېسابلىنىدۇ. بىرلا ۋاقىتتا مىڭلىغان بېلىق ئالغۇچنىڭ كۆككە كۆتۈرۈلىشى تولىمۇ گۈزەل بىر مەنزىرە پەيدا قىلىدۇ.

«ئاقدامار» دېگەن ئىسىمنىڭ بۇ يەردىكى چىركاۋدا تۇرۇشلۇق راھىبنىڭ قىزىنىڭ بىر ياش بىلەن تىللارغا داستان بولغان ئىشقى–مۇھەببەت ھېكايىسىدىن كەلگەن دەپ رىۋايەت قىلىنىدۇ. رىۋايەتتە بايان قىلىنىشىچە، بىر ياش تامارا ئىسىملىك بۇ قىز بىلەن ئارالدا مەخپىي ئۇچرىشىپ مۇھەببەتلىشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. تامارا ھەر كۈنى كۈن قايرىلغان ھامان پەنەر يېقىپ قىرغاقتا ساقلاپ تۇرغان يېگىتكە ئىشارەت بېرىدۇ. پەنەر نۇرىنى كۆرگەن يېگىتى پەنەر تەرەپكە قاراپ ئۈزۈپ ئۆتۈپ، قىز بىلەن ئۇچرىشىدۇ. بۇ ئەھۋاللارنى بايقاپ قالغان راھىپ قاتتىق غەزەپلىنىدۇ ۋە قىزىنى بۇ ئىشىق ئۆتىدىن قوتقۇزۇشنى ئويلايدۇ. ۋان كۆلىدە دېڭىزدىن قېلىشمايدىغان دەرىجىدە بوران چىقىدىغان بولۇپ، ئۇنداق چاغلاردا خۇددى كۆلنىڭ يۈزى كۆككە تەگمەكچى بولۇۋاتقاندەك چوڭ دولقۇنلار كۆتۈرىلىدۇ. بىر كۈنى ئەنە شۇنداق بورانلىق بىر كىچىدە تامارا يېگىتنىڭ ئۈزۈپ ئۆتەيمەيدىغانلىقى ئويلاپ فەنەر ياقىدىغان جايغا چىقمايدۇ. راھىپ پۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ، دەرھال پەنەر يېقىپ قىرغاقتا ساقلاپ تۇرىدۇ. پەنەر نۇرىنى كۆرگەن يېگىت «تامارا مەن بىلەن كۆرۈشۈشنى خالايدىكەن» دېگەنلەرنى ئويلاپ، دەرھال پەنەر تەرەپكە قاراپ ئۇزۇشنى باشلايدۇ. راھىپ ئۆز ئورنىدا جىم تۇرماستىن پەنەرنى بىردەم ئۇ ياقىغا-بىر دەم بۇ ياقىغا يۆتكەيدۇ. چوڭ دولقۇنلارغا قارشى سۇ ئۇزىۋاتقان يېگىت پەنەرنىڭ داۋاملىق ئورۇن ئالماشتۇرغانلىقى سەۋەبىدىن ھېلى ئۇياققا، ھېلى بۇ ياققا قاراپ ئۈزۈپ ئاخىرى چارچىغانلىقتىن سۇغا غەرق بولىدۇ ۋە «ئاھ تامارا!» دېگىنىچە ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ. رايون خەلقى «ئارالنىڭ ئىسمى دەل ئەشۇ <ئاھ تامارا> دېگەن سۆزدىن كەلگەن دەپ قارايدۇ.

ئاقدامار ئارىلى 705 يىلىدا رايونغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان بىر ئەرمېنىيە جەمەتىنىڭ سىياسىي مەركىزى بولغان بولۈپ كېيىنچە يەنە بىر ئەرمەن جەمىتىگە ئۇرۇشتا يېڭىلىشى تۈپەيلى، رايون ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتىدۇ. 9–ئەسىردە رايون ھۆكۈمدارى 1–گاگىك ئەرمەنلەر ۋە مۇسۇلمانلار بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، ئۆزىنىڭ مەركىزىنى مۇشۇ يەرگە قۇرۇپ چىقىدۇ. شۇ چاغدا ئارالدا چوڭ بىر يېزا، چىركاۋ، بازار ۋە پورت بار ئىدى. «تاكى 1535–يىلى ئوسمانلى ئېمپىرىيەسى بىلەن ئىراننىڭ ئۇرۇشى يۈز بەرگەنگە قەدەر ئارالدا كىشىلەرنىڭ ياشىغانلىقى مەلۇم. 16-ئەسىردىن كېيىن مەقەددەس كىرىستقا ئاتاپ سېلىنغان راھىپخانا مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ئاقدامار ئارىلىدىكى چىركاۋدا «1–گاگىك تەرىپىدىن قۇددۇستىن ئېلىپ كېلىنگەن ۋە ھەزرەتى ئەيسا مىخلانغان كىرىستنىڭ بىر پارچىسى بار» دەپ قارىلىدۇ.

چىركاۋ ئوتتۇرا ئەسىر چىركاۋ قۇرۇلۇش سەنئەتىنىڭ نادىر ئۆنەكلىرىدىن بىرسى بولۇپ، قىزىل تاشتىن ياسالغان ئىدى. سىرتقى قىسمىدا تاش ئويمىلىرى بىلەن مۇقەددەس كىتابتىن ھەر خىل تېمىلار يېزىلغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ چىركاۋ ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ئالدىدا تۇرغان مەزگىللەردە ژۇرنالىست ۋە ئاتاغلىق ئەدەبىياتچىلىرىمىزدىن ياشار كامالنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن ئۆرۈلۈپ چۈشۈشتىن ساقلاپ قېلىنىدۇ. بۇ چىركاۋ بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي ئانادولۇنىڭ ساياھەتچىلەرنى ئەڭ كۆپ جەلپ قىلىدىغان يەرلىرىدىن بىرسىگە ئايلانغان.

بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى نەتىجىسىدە بولشىۋىك ئىنقىلابى بىلەن ئىچكى مالىمانچىلىققا پاتقان رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ چېكىنىشى بىلەن ئەرمەنلەرمۇ ۋان رايونىدىن ئايرىلىشقا باشلايدۇ. ئوسمانلى ئېپراتورلىقىنىڭ ھاكىمىيىتى بويىچە «مىللەتى سادىقە» يەنى سادىق مىللەت دەپ نام ئېلىپ كەلگەن رايوندىكى ئەرمەن خەلقى، 1877–يىلىدىكى ئوسمانلى–رۇسىيە ئۇرۇشىنىڭ نەتىجىسىدە رۇسىيەنىڭ كۈشكۈرتىشلىرى بىلەن ئىسيان چىقىرىشقا ئۇرۇنىدۇ. شۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم بىلەن «رۇسىيە ئوسمانلى ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى خىرىستىيانلارنىڭ باش پاناھى» دېگەن ئۇنۋانغا ئېرىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يۈزلىگەن يىل ئوسمانلى ھاكىمىيىتى ئاستىدا بىرلىكتە ياشىغان خەلق ئوتتۇرىسىدا پىلانلىق ھالدا چوڭقۇر ھاڭلار پەيدا قىلىنىدۇ. كېيىنكى يەنە بىر ئۇرۇشتا رۇسىيە خىرىستىيانلارنى قوراللاندۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنى كۈچلەندۈرمەكچى بولىدۇ. نەتىجىدە بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى بويىچە رايوندا ھەر خىل ئىسيانلار باش كۆتۈرۈپ، ئۆزئارا ئۆلتۈرۈش ۋەقەلىرى تۇغدۇرىلىدۇ. ئۇرۇش مەزگىلىدىكى بۇ ئىسيانلارنىڭ ۋەتەننىڭ كەلگۈسىگە ھەمدە ئۇرۇشقا سەلىبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئويلاشقان ئوسمانلى ھاكمىيىتى مەجبۇرىي كۆچۈرۈش سىياسىتىنى يولغا قويىدۇ. خىرىستىيانلار تېخىمۇ بىخەتەر جايلارغا كۆچۈرۈلىدۇ. بۇ جەرياندا بەزى سەلەبىي ۋەقەلەرمۇ يۈز بېرىدۇ. خىرىستىيانلار ئىستانبۇلنىڭ سىرتىدا، ئانادولۇدا قالالمايدىغانلىقىنى ئويلىشىپ، لوزان كېلىشمى ئارقىلىق بىر خەلق ئالماشتۇرۇش ھەرىكىتى باشلىنىدۇ. مىڭلىغان يىلدىن بۇيان ئانادولۇدا مۇسۇلمانلار بىلەن بىرلىكتە ياشىغان خىرىستىيانلارنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمى گىرېتسىيەگە كۆچۈپ، گىرېتسىيەدە تۇرۇشلۇق مۇسۇلمان تۈركلەر ئانادولۇغا ئورۇلاشتۇرىلىدۇ.

2005–يىلىدىن 2007–يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىمىز تۈركىيە–ئەرمېنىيە مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە ئاقدامار چىركاۋىنى قايتىدىن رېمۇنت قىلدۇرغان. 2010–يىلى ئەرمېنىيە پاترىك ۋەكىلى ئارام ئاتەشياننىڭ رەھبەرلىكىدە چىكاۋدا چوڭ مۇراسىم ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ ئارىدىن 95 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئارالدا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى خىرىستىيان دىنى مۇراسىمى بولغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#