سەبدىگۈل
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلىنى ئېچىلغاندا ئۈزۈۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
ھۆل سوغۇق.
يەل ھەيدەش، ئىسسىقنى تارقىتىش، جىگەرنى تازىلاش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش، چاقا-جاراھەتلەرنىڭ زەھىرىنى تازىلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
سەبدىگۈل، پۇنۇس، جىنتىيانا، ئەگرىسۇنا، ئاق چۇغلۇقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 15 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، زۇكامداپ قىزىپ، باش ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى سەبدىگۈلنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، زۇكام، قىزىتما، باش ئاغرىقى، كۆز قىزىرىش، گال ئاغرىش، باش قېيىش ۋە قۇلاق ئاغرىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. سەبدىگۈلدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، دەملەپ چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە، زۇكام، قىزىتما، كۆز تورلىشىش ۋە جىگەر ھارارىتى ئۆرلەشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.