ئەڭ چوڭ تاتلىق سۇ بېلىقى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئوسيوتر بېلىقى ئەڭ چوڭ تاتلىق سۇ بېلىقى سانىلىدۇ. ئۇ ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ئادەتتە ئۇزۇنلۇقى 2-3 مېتىر، ئېغىرلىقى 200-400 كىلوگرام كېلىدۇ. ئەڭ چوڭلىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 7.5 مېتىردىن، ئېغىرلىقى 1000 كىلوگرامدىن ئاشىدۇ.
بىر دانە چوڭ ئوسيوتر بېلىقىنى تۇتۇۋالغاندا، ئۇنىڭدىن بىر كالىنىڭ گۆشىدەك گۆش ئالغىلى بولىدۇ. ئېلىمىزدىكى خېيلۇڭجياڭ دەرياسىدا ئوسيوتر بېلىقى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇلارنى بېقىپ كۆپەيتىش كەڭ ئىستىقبالغا ئىگە.
ئوسيوتر بېلىقى گۆشلۈك بولۇپ، گۆشى يۇمشاق، مايلىق كېلىدۇ، گۆشىنىڭ تەمى ياخشى، ئوزۇقلۇق قىممىتى ئۈستۈن؛ بولۇپمۇ ئۇنىڭ تۇخۇمى قىممەتلىك؛ ئۇنىڭ پۈۋىكى ۋە خوردىسىدىن بېلىق يىلىمى ياسىغىلى بولىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.