جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاماكا مونوپول تىجارىتى قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاماكا مونوپول تىجارىتى قانۇنى

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاماكا مونوپول تىجارىتى قانۇنى» 1991-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى، 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 20-يىغىنىدا ماقۇللانغان.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاماكا مونوپول تىجارىتى قانۇنى
ئېلان قىلغان ئورگان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمي كومىتېتى
يولغا قۇيۇلغان ۋاقتى 1992-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى
پىنيىنچە يېزىلىشى zhōng huá rén mín gòng hé guó yān cǎo zhuān mài fǎ
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国烟草专卖法
تۈزتىلگەن ۋاقتى 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى
ماقۇللانغان ۋاقتى 1991-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاماكا مونوپول تىجارىتى قانۇنى» مەخسۇس تاماكا تىجارىتىنى باشقۇرۇش، مەخسۇس تاماكا تىجارىتى بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە باشقۇرۇشنى پىلانلىق تەشكىللەپ، تاماكا مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئىستېمالچىلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش، دۆلەتنىڭ مالىيە كىرىمىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تۈزگەن قانۇندىن ئىبارەت.

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاماكا مونوپول تىجارىتى قانۇنى» 1991-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى، 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 20-يىغىنىدا ماقۇللانغان.

2009–يىلى 8–ئاينىڭ 27–كۈنى 11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 10– يىغىنىنىڭ «بىر قىسىم قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن 1–قېتىم تۈزىتىلگەن.

2013–يىلى 12–ئاينىڭ 28–كۈنى 12–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 6–يىغىنىنىڭ «(جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېڭىز–ئوكيان مۇھىتىنى ئاسراش قانۇنى) قاتارلىق يەتتە قانۇنغا تۈزۈتۈش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن 2–قېتىم تۈزىتىلگەن.

2015–يىل 4–ئاينىڭ 24–كۈنى 12–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 14–يىغىنىنىڭ «(جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆلچەم قانۇنى) قاتارلىق بەش قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن 3–قېتىم تۈزىتىلگەن.

1–باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

 1–ماددا بۇ قانۇن تاماكا مونوپول تىجارىتىنى باشقۇرۇش، تاماكا مونوپول بۇيۇمى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارىتىنى پىلانلىق تەشكىللەش، تاماكا مەھسۇلاتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئىستېمالچىلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش، دۆلەتنىڭ مالىيە كىرىمىگە كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

2–ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان تاماكا مونوپول بۇيۇمى تاماكا، سىگارت، تاماكا قەلەمچىسى، قايتا قاقلانغان كۆك تاماكا، كۆك تاماكا، تاماكا قەغىزى، تاماكا سۈزگۈچى، تاماكا مەشۈتى ۋە تاماكا ماشىنىسىنى كۆرسىتىدۇ.

تاماكا، سىگارت، تاماكا قەلەمچىسى، قايتا قاقلانغان كۆك تاماكىلار تاماكا بۇيۇمى دېيىلىدۇ.

3–ماددا دۆلەت تاماكا مونوپول تىجارىتى بۇيۇمىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، ئىمپورت–ئېكسپورت قىلىش ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە مونوپۇل تىجارىتى ئاساسىدا باشقۇرىدۇ ھەمدە تاماكا مونوپول تىجارىتى ئىجازەتنامىسى تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

4–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ تاماكا مونوپول تىجارىتى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مەملىكەت بويىچە تاماكا مونوپول تىجارىتى خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك تاماكا مونوپول تىجارىتى مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى ئۆزىگە قاراشلىق رايوننىڭ تاماكا مونوپول تىجارىتى خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ تاماكا مونوپول تىجارىتى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىلەن ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قوش رەھبەرلىكىدە بولىدۇ، گوۋۇيۈەننىڭ تاماكا مونوپول تىجارىتى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ رەھبەرلىكىنى ئاساس قىلىدۇ.

5–ماددا دۆلەت تاماكا مونوپول بۇيۇمى جەھەتتىكى پەن تەتقىقاتى ۋە تېخنىكا يارىتىشنى كۈچەيتىپ، تاماكا مەھسۇلاتى سۈپىتىنى ئۆستۈرىدۇ، ئۇنىڭدىكى سىمولا ۋە باشقا زىيانلىق تەركىب مىقدارىنى ئازايتىدۇ.

دۆلەت ۋە جەمئىيەت تاماكىنىڭ سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى تەشۋىق–تەربىيەنى كۈچەيتىپ، جامائەت قاتناش قوراللىرى ۋە جامائەت سورۇنلىرىدا تاماكا چېكىشنى مەنئى قىلىدۇ ياكى چەكلەيدۇ، ياش–ئۆسمۈرلەرنى تاماكا چەكمەسلىككە دەۋەت قىلىدۇ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تاماكا چېكىشىنى مەنئى قىلىدۇ.

6–ماددا دۆلەت مىللىي ئاپتونوم جايلاردا تاماكا مونوپول تىجارىتىنى باشقۇرۇشتا، مۇشۇ قانۇن ۋە مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن،مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ مەنپەئىتىگە ئېتىبار بېرىدۇ، مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ تاماكا تېرىقچىلىقى ۋە تاماكا مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىشىغا ئېتىبار بېرىدۇ.

2–باب كۆك تاماكا تېرىش، سېتىۋېلىش ۋە يۆتكەش

7–ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان كۆك تاماكا تاماكا مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىشقا كېرەكلىك قاقلانغان كۆك تاماكا ۋە يېيىپ قۇرۇتۇلغان داڭلىق تاماكىنى كۆرسىتىدۇ. يېيىپ قۇرۇتۇلغان داڭلىق تاماكىنىڭ تىزىملىكىنى گوۋۇيۈەننىڭ تاماكا مونوپول تىجارىتى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەيدۇ.

يېيىپ قۇرۇتۇلغان باشقا تاماكىلاردىن يېيىپ قۇرۇتۇلغان داڭلىق تاماكا تىزىملىككە كىرگۈزۈلمىگەنلىرىنى سودا بازىرىدا سېتىشقا بولىدۇ.

8–ماددا تاماكا تېرىقچىلىقىدا شۇ جاينىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، سۈپەتلىك سورتلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە كېڭەيتىش كېرەك. سۈپەتلىك سورتنى مەملىكەتلىك ياكى ئۆلكە دەرىجىلىك تاماكا سورتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش كومىتېتى تەكشۈرۈپ تەستىقلىغاندىن كېيىن، شۇ جايدىكى تاماكا شىركىتى تەمىنلەيدۇ.

9–ماددا كۆك تاماكا سېتىۋېلىش پىلانىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ پىلان تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ پىلان تارمىقى چۈشۈرگەن پىلانغا ئاساسەن چۈشۈرىدۇ، باشقا ئورۇنلار ۋە شەخسلەر ئۇنى ئۆزگەرتسە بولمايدۇ.

تاماكا شىركەتلىرى ياكى ئۇلار ھاۋالە قىلغان ئورۇنلار كۆك تاماكا تېرىغۇچىلار بىلەن سېتىۋېلىش توختامى تۈزۈشى كېرەك. كۆك تاماكا سېتىۋېلىش توختامىدا كۆك تاماكا تېرىلغۇ كۆلىمى، كۆك تاماكا سېتىۋېلىش باھاسىنى پۈتۈشۈش كېرەك.

10–ماددا كۆك تاماكىنى تاماكا شىركىتى ياكى ئۇلار ھاۋالە قىلغان ئورۇن دۆلەت بەلگىلىگەن سېتىۋېلىش ئۆلچىمى بويىچە بىر تۇتاش سېتىۋالىدۇ، باشقا ئورۇن ۋە شەخسلەر سېتىۋالسا بولمايدۇ.

تاماكا شىركىتى ۋە ئۇلار ھاۋالە قىلغان ئورۇنلار تاماكا تېرىغۇچىلارنىڭ كۆك تاماكا سېتىۋېلىش توختامىدا پۈتۈشكەن تېرىلغۇ كۆلەمدە تېرىغان كۆك تاماكىسىنى دەرىجە ۋە باھاسىنى چۈشۈرمەي، توختامدا پۈتۈشۈلگەن سېتىۋېلىش باھاسى بويىچە تولۇق سېتىۋېلىشى ھەمدە يۈز بەرگەن ماجىرالارنى مۇۋاپىق ھەل قىلىشى كېرەك.

11 – ماددا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ئارا كۆك تاماكا، قايتا قاقلانغان كۆك تاماكىلارنى يۆتكەش پىلانىنى گوۋۇيۈەننىڭ پىلان تارمىقى چۈشۈرىدۇ، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر تەۋەسىدە كۆك تاماكا، قايتا قاقلانغان كۆك تاماكا يۆتكەش پىلانىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك پىلان تارمىقى چۈشۈرىدۇ، باشقا ئورۇنلار ۋە شەخسلەر ئۇنى ئۆزگەرتسە بولمايدۇ.

كۆك تاماكا، قايتا قاقلانغان كۆك تاماكىنى يۆتكەشتە توختام تۈزۈش شەرت.

3–باب تاماكا مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش

12–ماددا تاماكا مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى قۇرۇشتا، گوۋۇيۈەننىڭ تاماكا مونوپول تىجارىتى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈش، تاماكا مونوپول تىجارىتى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى ئىجازەتنامىسى ئېلىش ھەمدە سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا تەستىقلىتىپ، تىزىمغا ئالدۇرۇش شەرت؛ ئۇنى ئايرىۋېتىش، قوشۇۋېتىش، ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى گوۋۇيۈەننىڭ تاماكا مونوپول تىجارىتى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىش ھەمدە سودا–سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىدا تىزىم ئۆزگەرتىش، تىزىمدىن ئۆچۈرۈش رەسمىيىتىنى ئۆتەش شەرت. تاماكا مونوپول تىجارىتى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى ئىجازەتنامىسى ئالمىغانلارنى سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى تىزىملىسا بولمايدۇ.

13–ماددا تاماكا مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، ئاساسىي قۇرۇلۇش قىلىشتا ياكى تېخنىكا ئۆزگەرتىشتە گوۋۇيۈەننىڭ تاماكا مونوپول تىجارىتى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈشى شەرت.

14–ماددا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ تاماكا ۋە سىگارت يىللىق ئومۇمىي مەھسۇلات پىلانىنى گوۋۇيۈەننىڭ پىلان تارمىقى چۈشۈرىدۇ. تاماكا ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ تاماكا ۋە سىگارت يىللىق ئومۇمىي مەھسۇلات پىلانىنى ئۆلكە دەرىجىلىك تاماكا مونوپول تىجارىتى مەمۇرىي تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ پىلان تارمىقى چۈشۈرگەن پىلانغا ئاساسەن، بازاردىكى سېتىلىش ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ چۈشۈرىدۇ. يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تاماكا مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىغا مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش ۋەزىپىسى چۈشۈرسە بولمايدۇ. تاماكا مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى بازاردىكى سېتىلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن يىللىق ئومۇمىي مەھسۇلات پىلانىدىن ئاشۇرۇپ تاماكا ۋە سىگارت ئىشلەپچىقىرىشنى زۆرۈر تاپسا، گوۋۇيۈەننىڭ تاماكا مونوپول تىجارىتى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈشى شەرت.

مەملىكەتلىك تاماكا باش شىركىتى گوۋۇيۈەننىڭ پىلان تارمىقى چۈشۈرگەن يىللىق ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى پىلانىغا ئاساسەن، ئۆلكە دەرىجىلىك تاماكا شىركىتىگە دەرىجە ۋە تۈر بويىچە تاماكا مەھسۇلات كۆرسەتكۈچى چۈشۈرىدۇ. ئۆلكە دەرىجىلىك تاماكا شىركىتى مەملىكەتلىك تاماكا باش شىركىتى دەرىجە ۋە تۈر بويىچە چۈشۈرگەن تاماكا مەھسۇلات كۆرسەتكۈچىنى بازاردىكى سېتىلىش ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، تاماكا مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىغا دەرىجە ۋە تۈر بويىچە چۈشۈرىدۇ. تاماكا مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى بازاردىكى سېتىلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن تاماكا مەھسۇلات كۆرسەتكۈچىنى ئۆز كارخانىسىنىڭ يىللىق ئومۇمىي مەھسۇلات پىلانى دائىرىسىدە دەرىجە ۋە تۈر بويىچە مۇۋاپىق تەڭشىسە بولىدۇ.

4–باب تاماكا مەھسۇلاتىنى سېتىش ۋە توشۇش

15–ماددا تاماكا مەھسۇلاتىنى توپ ساتىدىغان كارخانىلار گوۋۇيۈەننىڭ تاماكا مونوپول تىجارىتى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ئۆلكە دەرىجىلىك تاماكا مونوپول تىجارىتى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىپ، تاماكا مونوپول تىجارىتى توپ سېتىش كارخانىسى ئىجازەتنامىسى ئېلىشى ھەمدە سودا–سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا تەستىقلىتىپ، تىزىملىتىشى شەرت.

16–ماددا تاماكا مەھسۇلاتىنى پارچە ساتىدىغان كارخانا ياكى شەخسلەرگە ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى بىر دەرىجە يۇقىرى تاماكا مونوپول تىجارىتى مەمۇرىي مەسئۇل تارماقنىڭ ھاۋالىسى بويىچە تەكشۈرۈپ تەستىقلاپ، تاماكا مونوپول تىجارىتى پارچە سېتىش ئىجازەتنامىسى بېرىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىك تاماكا مونوپول تىجارىتى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قۇرۇلغان جايلار تاماكا مونوپول تىجارىتى پارچە سېتىش ئىجازەتنامىسىنى ناھىيە دەرىجىلىك تاماكا مونوپۇل تىجارىتى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىپ بەرسىمۇ بولىدۇ.

17–ماددا دۆلەت تاماكا ۋە سىگارتنىڭ سمولا مىقدارى دەرىجە ئۆلچىمىنى چىقىرىدۇ. تاماكا ۋە سىگارتنىڭ قېپىغا سمولا مىقدارى دەرىجىسىنى ۋە «تاماكا چېكىش سالامەتلىككە زىيانلىق» دېگەن سۆزنى يېزىپ قويۇش لازىم.

18–ماددا رادىيو ئىستانىسى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە گېزىت–ژۇرناللاردا تاماكا مەھسۇلاتى ئېلانى بېرىش مەنئى قىلىنىدۇ.

19–ماددا تاماكا، سىگارت ۋە ئورالغان تاماكا قەلەمچىسىنىڭ ماركىسىنى ئىلتىماس قىلىپ رويخەتكە ئالدۇرۇش شەرت، رويخەتكە ئېلىنمىغانلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشقا، سېتىشقا بولمايدۇ.

ماركىسىنى باشقىلار رويخەتكە ئالدۇرغان تاماكا مەھسۇلاتىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

20–ماددا تاماكا مەھسۇلاتىنىڭ ماركا بەلگىسىنى ئۆلكە دەرىجىلىك سودا–سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى بېكىتكەن كارخانا بېسىش شەرت؛ بېكىتىلمىگەن كارخانىلار باسسا بولمايدۇ.

21–ماددا تاماكا مونوپول تىجارىتى بۇيۇملىرىنى توشۇتۇش ياكى توشۇشتا، مونوپول تىجارىتى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ئۇ ھوقۇق بەرگەن ئاپپاراتنىڭ توشۇش ئىجازەتنامىسى بولۇشى شەرت. توشۇغۇچى توشۇش ئىجازەتنامىسى ئالماي توشۇسا بولمايدۇ.

22–ماددا پوچتىدىن ئەۋەتىدىغان، باشقا جايغا ئالغاچ بارىدىغان كۆك تاماكا ۋە ئۇنىڭ مەھسۇلاتىنىڭ مىقدارى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىگەن چەكتىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.

23–ماددا شەخسلەر جۇڭگو چېگراسى ئىچىگە ئالغاچ كىرگەن تاماكا مەھسۇلاتىنىڭ مىقدارى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىگەن چەكتىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.

5–باب تاماكا قەغىزى، سۈزگۈچ، تاماكا مەشۈتى، تاماكا ماشىنىسىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش

24–ماددا تاماكا قەغىزى، سۈزگۈچ، تاماكا مەشۈتى، تاماكا ماشىنىسى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى گوۋۇيۈەننىڭ تاماكا مونوپول تىجارىتى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىپ، تاماكا مونوپول تىجارىتى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى ئىجازەتنامىسى ئېلىشى شەرت.

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان تاماكا ماشىنىسى يۈرۈشلەشكەن ماشىنىنى كۆرسىتىدۇ.

 25–ماددا تاماكا قەغىزى، سۈزگۈچ، تاماكا مەشۈتى، تاماكا ماشىنىسى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى ئىشلەپچىقىرىشنى گوۋۇيۈەننىڭ تاماكا مونوپول تىجارىتى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ پىلانى ۋە تاماكا ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى بىلەن تۈزگەن توختام بويىچە ئۇيۇشتۇرىدۇ.

26–ماددا تاماكا قەغىزى، سۈزگۈچ، تاماكا مەشۈتى، تاماكا ماشىنىسى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى مەھسۇلاتىنى تاماكا شىركىتىگە ۋە تاماكا مونوپول ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى ئىجازەتنامىسى ئالغان تاماكا كارخانىلىرىغىلا سېتىپ بەرسە بولىدۇ.

6–باب ئىمپورت–ئېكسپورت سودىسى ۋە تاشقى ئىقتىساد–تېخنىكا ھەمكارلىقى

27–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ تاماكا مونوپول تىجارىتى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تاماكا ساھەسىدىكى ئىمپورت–ئېكسپورت سودىسى ۋە تاشقى ئىقتىساد–تېخنىكا ھەمكارلىقىنى گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە باشقۇرىدۇ.

7–باب قانۇن جاۋابكارلىقى

28–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، كۆك تاماكىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن سېتىۋالغانلارغا تاماكا مونوپول تىجارىتى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە قانۇنغا خىلاپ سېتىۋالغان كۆك تاماكىسىنى قولغا چۈشۈرگەن جايدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك تاماكا مونوپول تىجارىتى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قويغان ئالدىنقى يىلدىكى كۆك تاماكىنى سېتىۋېلىش ئوتتۇرىچە باھاسىنىڭ 70 ى بويىچە سېتىۋالىدۇ، مىقدارى بەك كۆپ بولغانلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ سېتىۋالغان كۆك تاماكىسىنى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ.

29–ماددا تاماكا مونوپول تىجارىتى بۇيۇملىرىنى توشۇش ئىجازەتنامىسى يوق تۇرۇپ ياكى توشۇش ئىجازەتنامىسىدە بەلگىلەنگەن نورمىدىن ئاشۇرۇپ توشۇتقان ۋە ياكى ئۆز ئالدىغا تاماكا مەھسۇلاتى توشۇغانلارغا تاماكا مونوپول تىجارىتى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى جەرىمانە قويىدۇ، قانۇنغا خىلاپ توشۇغان كۆك تاماكىسىنى قولغا چۈشۈرگەن جايدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك تاماكا مونوپول تىجارىتى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قويغان ئالدىنقى يىلدىكى كۆك تاماكىنى سېتىۋېلىش ئوتتۇرىچە باھاسىنىڭ 70 ى بويىچە سېتىۋالسا، قانۇنغا خىلاپ توشۇغان كۆك تاماكىسىدىن باشقا تاماكا مەھسۇلاتلىرىنى بازار توپ باھاسىنىڭ 70 ى بويىچە سېتىۋالسا بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ توشۇغان تاماكا مەھسۇلاتلىرىنى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ.

تاماكا مونوپول تىجارىتى مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى توشۇغۇچىلاردىن توشۇش ئىجازەتنامىسى ئالمىغان ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ تاماكا مونوپول تىجارىتى بۇيۇمى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ توشۇغانلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ.

كۆك تاماكا ۋە تاماكا مەھسۇلاتلىرىنى دۆلەت بەلگىلىگەن چەكتىن ئاشۇرۇپ باشقا جايغا ئالغاچ بارغانلاردىن مىقدارى كۆپرەك بولغانلىرى 1 – تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

30–ماددا تاماكا مونوپول تىجارىتى مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى تاماكا مونوپول تىجارىتى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى ئىجازەتنامىسى ئالمىغان كارخانىلاردىن تاماكا مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقارغانلىرىنى تاقىۋېتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ.

تاماكا مونوپول تىجارىتى مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى تاماكا مونوپول ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى ئىجازەتنامىسى ئالمىغانلاردىن تاماكا قەغىزى، سۈزگۈچ، تاماكا مەشۈتى ياكى تاماكا ماشىنىسى ئىشلەپچىقارغانلىرىنىڭ يۇقىرىدىكى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ. قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

31–ماددا تاماكا مونوپول تىجارىتى مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى تاماكىنى مونوپول توپ سېتىش كارخانىسى ئىجازەتنامىسى ئالمىغانلاردىن تاماكا مەھسۇلاتلىرىنى توپ ساتقانلىرىنى تاقىۋېتىشكە ياكى تىجارىتىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ.

32–ماددا سودا–سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى تاماكىنى مونوپول پارچە سېتىش ئىجازەتنامىسى ئالمىغانلاردىن تاماكا مەھسۇلاتلىرىنى پارچە ساتقانلىرىنىڭ تاماكا بۇيۇملىرىنى پارچە سېتىش كەسپىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ.

33–ماددا سودا–سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى ماركىسى رويخەتكە ئالدۇرۇلمىغان تاماكا، سىگارت، ئورالغان تاماكا قەلەمچىسى ئىشلەپچىقارغان، ساتقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ.

سودا–سانائەت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ماركىسىنى باشقىلار رويخەتكە ئالدۇرغان تاماكا مەھسۇلاتىنى ئىشلەپچىقارغان، ساتقانلارنىڭ ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشىنى توختىتىشقا، ھوقۇقى چېقىلىنغۇچىنىڭ زىيىنىنى تۆلەپ بېرىشكە بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

34–ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 21–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تاماكا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ماركا بەلگىسىنى قانۇنسىز باسقانلارنىڭ ماركا بەلگىسىنى سودا–سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى كۆيدۈرۈۋېتىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويىلىدۇ.

35–ماددا تاماكا مونوپول تىجارىتى بۇيۇملىرىنى ھايىنىغا ساتقانلاردىن جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ، قىلمىشى يېنىك بولۇپ، جىنايەتكە توشمايدىغانلىرىنىڭ ھايىنىغا ساتقان تاماكا مونوپول بۇيۇملىرى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى سودا–سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

تاماكا مونوپول تىجارىتى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە تاماكا شىركىتى خادىملىرىدىن ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە قانۇن بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.

36–ماددا مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن تاماكا مونوپول ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى ئىجازەتنامىسى، تاماكا مونوپول تىجارىتى ئىجازەتنامىسى قاتارلىق ئىجازەتنامە ۋە توشۇش ئىجازەتنامىلىرىنى ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغان، ئېلىپ ساتقانلار جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

تاماكا مونوپول تىجارىتى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە تاماكا شىركىتى خادىملىرىدىن ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە قانۇن بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.

37–ماددا تاماكا مونوپول تىجارىتى بۇيۇمى ئەتكەسچىلىكى قىلغانلاردىن جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ، تاماكا مونوپول تىجارىتى بۇيۇمى ئەتكەسچىلىكى قىلغانلاردىن مىقدارى كۆپ بولمىغان، ئەتكەسچىلىك جىنايىتىگە توشمايدىغانلىرىنىڭ ئەتكەس مال–بۇيۇملىرىنى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى تاموژنا مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

تاماكا مونوپول تىجارىتى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە تاماكا شىركىتى خادىملىرىدىن ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە قانۇن بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.

38–ماددا تاماكا مونوپول تىجارىتى مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى بۇ قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە ھوقۇقلۇق، تاماكا مونوپول تىجارىتىنى تەكشۈرگۈچى خادىملارنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى بىلەن توسقۇنلۇق قىلغانلار قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ، تاماكا مونوپول تىجارىتىنى تەكشۈرگۈچى خادىملارنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىنى رەت قىلغان ۋە ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلغان بولسىمۇ زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلىنى قوللانمىغانلارغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن جازا بېرىدۇ.

39–ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى خادىملىرى ۋە قانۇنغا خىلاپ دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئالاقىدار تارماقلارنىڭ خادىملىرىدىن مۇسادىرە قىلىنغان تاماكا مەھسۇلاتلىرىنى ئاستىرتىن بۆلۈشۈۋالغانلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

خەلق سوت مەھكىمىسى خادىملىرى ۋە قانۇنغا خىلاپ دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئالاقىدار تارماقلارنىڭ خادىملىرىدىن مۇسادىرە قىلىنغان تاماكا مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالغانلىرى قايتۇرۇشقا بۇيرۇلىدۇ، مەمۇرىي چارە كۆرۈلسە بولىدۇ.

40-ماددا تاماكا مونوپول تىجارىتى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە تاماكا شىركىتى خادىملىرىدىن خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە – كەلمەس پايدىلانغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغان ياكى خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغانلىرىغا مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولۇپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

41–ماددا ئالاقىدارلاردىن تاماكا مونوپول تىجارىتى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ مەمۇرىي جازا قارارىغا قايىل بولمىغانلىرى جازا ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە جازا قارارى چىقارغان ئورگاندىن بىر دەرىجە يۇقىرى ئورگانغا قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، ئالاقىدارلار ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ.

قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە قايتا قاراپ چىقىش قارارى چىقىرىشى كېرەك. ئالاقىدارلاردىن قايتا قاراپ چىقىش قارارىغا قايىل بولمىغانلىرى قايتا قاراپ چىقىش قارارىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ، قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان مۆھلىتى ئۆتكىچە قايتا قاراپ چىقىش قارارى چىقارمىسا، ئالاقىدارلار قايتا قاراپ چىقىش مۆھلىتى توشقان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.

ئالاقىدارلار قايتا قاراپ چىقىشنى مۆھلەت ئۆتكىچە ئىلتىماس قىلمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسىگىمۇ دەۋا قىلمىسا، جازا قارارىنىمۇ ئىجرا قىلمىسا، جازا قارارى چىقارغان ئورگان خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

8–باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

42–ماددا گوۋۇيۈەن يولغا قويۇش نىزامىنى مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن چىقىرىدۇ.

43–ماددا بۇ قانۇن 1992–يىلى 1–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. گوۋۇيۈەن 1983–يىلى 9–ئاينىڭ 23–كۈنى ئېلان قىلغان «تاماكا مونوپول تىجارىتى نىزامى» بىكار قىلىنىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/88061.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#