فوتو ئاپپارات

فوتو ئاپپارات

پىليونكىلىق ئاپپارات ھازىرقى ئاپپاراتلارنىڭ بىر خىل شەكلى بولۇپ، ئۇنىڭ پىرىنسىپى ھازىرقى بىز ئىشلىتىۋاتقان ئاپپاراتلارغا ئوخشاپ كېتىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى فوتو ئاپپارات
خەنزۇچە نامى 老相机

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پىليونكىلىق ئاپپارات ھازىرقى ئاپپاراتلارنىڭ بىر خىل شەكلى بولۇپ، ئۇنىڭ پىرىنسىپى ھازىرقى بىز ئىشلىتىۋاتقان ئاپپاراتلارغا ئوخشاپ كېتىدۇ. بۈگۈنكىدەك زامانىۋى دەۋردە سەيلە–ساياھەت، ھەرخىل يىغىن، ئولتۇرۇش، پائالىيەت، شۇنداقلا باشقا بارلىق پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسىدە فوتو ئاپپاراتى ئۆزىنىڭ مىسىلسىز رولىنى نامايان قىلماقتا.

بۇنىڭدىن 2000 يىللار ئىلگىرى، موزى يازغان «موزى تەپسىرلىرى» ناملىق ئەسەردە، يىڭنە سانجىپ سۈرەت ھاسىل قىلىش ھەققىدە خاتىرە قالدۇرۇلغان. 13–ئەسىردە، ياۋرۇپادا يىڭنە سانجىپ ھاسىل قىلىش پىرىنسىپى ئاساسىدا سۈرەت قۇتىسى ياساپ چىققان ھەمدە ھەرخىل ئوبرازلارنى سىزىپ چىققان.

1550–يىلى ئىتالىيەلىك كاردانو قوش كۆپۈنكى لېنزىنى ئەسلىدىكى يىڭنە سانجىپ سۈرەت ھاسىل قىلىشنىڭ ئورنىغا دەسستىپ، سۈرەت ھاسىل قىلىش ئۈنۈمىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگەن.

1558–يىلى ئىتالىيەلىك باربالو يەنە كاردانونىڭ مېخانىزمىغا يورۇقلۇق چەمبىرى تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، سۈرەتنىڭ سۈزۈكلۈك دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن.

1665–يىلى گېرمانىيەلىك روھانىي يوھان بىر كىچىك تىپتىكى ئاددىي لېنزىلىق رېفلىكىسلىك، ياندا ئېلىپ يۈرگىلى بولىدىغان سۈرەت قۇتىسىنى ياساپ چىققان. چۈنكى ئەينى ۋاقىتتا يورۇقلۇققا سەزگۈر ماتېرىياللار يوق بولۇپ، پەقەت رەسىمدىنلا پايدىلانغىلى بولغان.

1882–يىلى فىرانسىيەلىك نايپىس يورۇقلۇققا سەزگۈر ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ، دۇنيا بويىچە تۇنجى سۈرەتنى ياساپ چىققان. ئەمما ئۇنىڭدىكى تەسۋىر تۇتۇق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە نۇر ئۆتكۈزۈشكە سەككىز سائەت ۋاقىت كېتەتتى.

1839–يىلى 8–ئاينىڭ 19–كۈنى فىرانسىيەلىك رەسسام لويى داگېر دۇنيادىكى تۇنجى ھەقىقىي ئاپپاراتنى كەشىپ قىلغان. ئۇنىڭ شەكلى ياغاچ ساندۇققا ئوخشايدىغان بولۇپ، ھەرقاچان ياندا ئېلىپ يۈرگىلى بولغان.

1841–يىلى ئوپتىكا ئالىمى يېگېلاند پۈتۈنلەي مېتالدىن ياسالغان، ياندا ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك بولغان ئاپپاراتنى كەشىپ قىلغان.

1845–يىلى گېرمانىيەلىك فون ماتىس دۇنيادىكى تۇنجى 150 گىرادۇس ئايلاندۇرغىلى بولىدىغان ئاپپاراتنى كەشىپ قىلغان.

1849–يىلى داۋى بىرسىت سىتېرېئولۇق ئاپپارات بىلەن قوش لېنزىلىق سىتېرېئولۇق كۆزىتىش ئەينىكىنى كەشىپ قىلغان. 

1861–يىلى فىزىكا ئالىمى ماكسۋېل دۇنيادىكى تۇنجى رەڭلىك سۈرەتنى كەشىپ قىلغان. 

1866–يىلى گېرمانىيەلىك خىمىيە ئالىمى ئوتتو سىكوت بىلەن ئوپتىكا ئالىمى كارل زېس ئىككىيلەن زېس شىركىتىدە ئوپتىكىلىق ئاپپارات كۆزىنى كەشىپ قىلغان.

1888–يىلى ئامېرىكا كوداك شىركىتى يېڭى تىپتىكى نۇر ئۆتكۈزۈشچان پىليونكىنى ئىشلەپچىقارغان. شۇ يىلى، كوداك شىركىتى يەنە دۇنيادىكى تۇنجى نىگاتىپ سالغىلى بولىدىغان، ياندا ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك ئاپپاراتنى ئىشلەپچىقارغان. 

1906–يىلى ئامېرىكىلىق مۇھاجىر جورجى شىلاس ئاپپاراتتا تۇنجى بولۇپ چاقماق لامپا ئىشلەتكەن. 

1948–يىلى 11–ئاينىڭ 26–كۈنى ئامېرىكا پولارويد شىركىتى دۇنيادىكى تۇنجى ۋاقىت ھېسابلاپ سۈرەتكە تارتىدىغان تېلېكامېرانى بازارغا سالغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    100%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#