شاقاقۇل مىسرى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
گۇل سامساق ئائىلىسىدىكى ئېگىزلىكى 30- 60 سانتىمېتىر ئۆسىدىغان، كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك.
مەملىكىتىمىزنىڭ شىمالى رايۇنلىرىدىن چىقىدۇ ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىـيا، ئىـران مىسىـر، قاتارلـىـق چـەت ئەلـلـەردىـن چـىقىـدۇ. بـۇ ئۆسـۈمـلۈكـنىڭ يىلتىزسىمان غولى دورا سۈپۈتىدە ئىشلىتىلىدۇ.
يىلتىز غولى توغرىسىغا ئۆسىدۇ، سۇس سارغۇچ ئاق رەڭلىك، گۆشلۈك، غولى تىك، بىر تال، سىلىق تۈكسىمان، قىرلىق كېلىدۇ،،
ئۇزۇنلۇقى 5 – 15 سانتىمېتىر ئەتراپىدا، توملۇقى كىچىك بارماقچىلىك، بوغۇملۇق يىلتىزدىن ئىبارەت.
يىلتىزسىمان غولى
بەدەننى ۋە باھنى قۇۋەتلەش، مەنى پەيدا قىلىش ۋە قويالتىش،سۇت پەيدا قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
باھ ئاجىزلىقى كۇپ ئېھتىلام بولۇش، مەنىي تېز يۈرۈپ كېتىش، سۈت كەملىك، ئاشقازان ۋە بۆرەك سوۋۇپ كېتىش قاتارلىق كىسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.
كونۋاللامارننىڭ روشەن ھالدىكى يۇرەكنى قۇۋۋەتلەش تەسىرى بار، شىلىمشىق ماددا تۇتقانلىقى ئۈچۈن بۇ كاناي ياللۇغىغا ئۈنۈمى ياخشى، كاناي شىللىق پەردىسىنى ئاسراش رولى بار، ھەمدە يۈتەلنى ئازايتىدۇ.
1. شاقاقۇل مىسىرىنى ھەسەل بىلەن مۇراببا قىلىپ ئىشلەتسە، نېرا ۋە بارلىق ئەزالارنى قۇۋۋەتلەيدۇ، بولۇپمۇ باھنى قۇۋۋەتلەپ، مەنىي كۆپەيتىدۇ.
2. 5 گرام شاقاقۇل سۇپۇ؛ىنى سۈت بىلەن ئىستېمال قىلسا، سۈت كۆپەيتىدۇ، چىلاپ ئىستېمال قىلسا، دىئابىت كېسەللىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىتىپ بەرسە چىراينى گۈزەللەشتۈرىدۇ.
3. شاقاقۇل، پىستە مېغىزى 10 گرامدىن، پىندۇق مېغىزى 30 گرام، نارجىل مېغىزى 7 گرام، تۇخۇم سېرىقى 3 دانە،
قائىدە بويىچە سوقۇپ تۇخۇم سېرىقى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يىسە، سۈت ۋە مەنىي كۆپەيتىدۇ، بۆرەك ۋە بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ.
ئەتىياز ۋە كۇز پەسلىدە كولاپ ئېلىنىپ غول يوپۇرمىقى ۋە چاچما يىلتىزلىرىنى ئېلىۋېتىپ يىغىۋېلىنىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.