شەربىتى ئەنجىباھار
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بۇ دوراقىزغۇچ جىگەر رەڭلىك سۇيۇقلۇق بولۇپ، تەمى تاتلىق،ئازراق قاڭسىق .
يۇقۇرىقى 5 خىل دورىنى چالا سوقۇپ، سۇ قوشۇپ 24~12 سائەت چىلاپ،بىر سائەتتىن 2 قېتىم قاينىتىپ،سۈزۈپ، سۈزۈلگەن ئېرىتمىنى بىرلەشتۈرۈپ، مۇۋاپىق شېكەر قوشۇپ ئېرىتىپ سۈزۈپ 1000 مىللىلېتىر سۇيۇقلۇق تەييارلىنىدۇ.
ئەنجىباھار 160 گرام، قىزىل سەندەل 120 گرام ،ئاق سەندەل 120 گرام ، ھەببۇلئاس 48 گرام ،زىرىق 80 گرام .
چوڭلار كۈندە 3 قېتىم ھەر قېتىمدا 30 مىللىلېتىر دىن ئىچىلىدۇ؛ئۈچ ياشتىن يۇقىرى بالىلارغا 10 مىللىلېتىردىن،كۈندە 1 قېتىم ئىچكۈزۈلىدۇ.
ئۈچەيدىن قان كىلىش، خۇن توختىماسلىق ۋە ھەر خىل قاناش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.
نىسپى زىچلىقى 1.10 دىن تۆۋەن بولماسلىق (جوڭگو دورا قامۇسى بىرىنجى بۆلۈم قوشۇمچە Ⅶ A) كىرەك. PHقىممىتى 5.5 ~ 4.5 گىچە بۇلۇشى(جوڭگو دورا قامۇسى بىرىنجى بۆلۈم قوشۇمچە Ⅶ G) كىرەك. باشقا تەكشۈرۈشلەر شەربەت دورىلار ياسالمىسىغا ئالاقىدار ھەر خىل بەلگىلىمىلەر (جوڭگو دورا قامۇسى بىرىنچى بۆلۈم 2010-يىل، قوشۇمچە IH) گە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم.
بۇ دورىدىن 20 مىللىلېتىر ئېلىپ، 20مىللىلېتىردىن 2 قېتىم ئېتىل ئاتسىتات قوشۇپ چالغىىتىپ چەكىلەپ،ئېتىل ئاتسىتاتنى بىرلەشتۈرۈپ،قىزدۇرۇپ پارلاندۇرۇپ، قالدۇغىنى 1 مىللىلېتىر مېنتانول بىلەن ئېرىتىپ،سىناق ئېرىتمىسى تەييارلىنىدۇ.موزا كىسلاتاسى سېلىشتۇما دورىسىدىن ئېلىپ، مېنتانول قوشۇپ ھەر 1 مىللىلېتىر سۇيۇقلۇقتا 1mg دورا تۇتقان سېلىشتۇرما ئېرىتمىسى تەييارلىنىدۇ. نېپىز قەۋەتلىك رەڭ سىپېكتىر ئۇسۇلى (قوشۇمچە Ⅵ B) سىنىقى بويىچە يۇقۇرىقى ئىككى خىل سىناق ئېرىتمىسىدىن µl5 دىن شۈمۈرۈپ ئېلىپ، نېپىز قەۋەتلىك سىلىكاگىل G لىق تاختا ئۈستىگە ئايرىم-ئايرىم نوختا تېمىتىپ خلوروفورم-ئېتىلئاتسىتات-فورمات كىسلاتا(6∶4∶1)نى يېيىلدۇرغۇچى قىلىپ يېيىلدۇرۇپ، شامالدىتىپ قۇرتۇپ، %2 لىك تۈمۈر (Ⅲ)خلورىد ئېتانول ئېرىتمىسى بىلەن %1 لىك كالىي فېررى سىئانىد ئېرىتمىسىنى (1:1)ئارىلاشتۇرۇپ (يېڭىدىن تەييارلاش كېرەك) ،تاختا ئۈستىگە پۈركۈپ كۈزۈتىلىدۇ. سىناق قىلىنغۇچى دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىردا ھەم سېلىشتۇرۇلغۇچى ئېرىتمىنىڭ رەڭ سىپىكتىردىكى مۇناسىپ ئورۇندا ئوخشاش رەڭلىك داغ توچكىلىرى كۆرۈنىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.