كالكولارىيە گۈلى

كالكولارىيە گۈلى

كالكولارىيە گۈلى بۆرتمىگۈل دەپمۇ ئاتىلىدۇ، چۇقا ئائىلىسى كالتسېئولارىيە ئوتى ئۇرۇقدىشىدىكى بىر كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى تۇخۇمسىمان ياكى تۇخۇم شەكىللىك بولۇپ، يوپۇرمىقى يۇمشاق، سارغۇچ يېشىل رەڭلىك.

ئۇيغۇرچە نامى كالكولارىيە گۈلى
تارقالغان رايونلار مىكسىكا جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىگە، پېرو، چىلى ئەتراپى
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
ئۇرۇقداشلىرى بۆرتمىگۈل ئۇرۇقدىشى
لاتىنچە نامى Dicentra spectabilis (L.) Lem.
خەنزۇچە ئاتىلىشى 荷包花
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
ئائىلىسى ماگنولىيە ئائىلىسى
باشقا نامى بۆرتمىگۈل، بېلىق مودەنگۈل، كالتسېئولارىيە ئوتى، ياپون كلېرودېندرون ئوتى
كەنجى سىنىپى جۇخارگۈل كەنجى سىنىپى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كالكولارىيە گۈلىكالكولارىيە گۈلى بۆرتمىگۈل دەپمۇ ئاتىلىدۇ، چۇقا ئائىلىسى كالتسېئولارىيە ئوتى ئۇرۇقدىشىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى تۇخۇمسىمان ياكى تۇخۇم شەكىللىك بولۇپ، يوپۇرمىقى يۇمشاق، سارغۇچ يېشىل رەڭلىك. تەرتىپسىز توپ كۈنلۈكسىمان گۈل رېتى بولۇپ، گۈلى ئىككى كالپۇكسىمان، كالپۇكى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، شەكلى قاپچۇقسىمان، دىئامېتىرى 3 ~ 4 سانتىمېتىر، يۇقىرىغا قاراپ ئاستا-ئاستا كىچىكلىگەن. رەڭلىرى مول، سارغۇچ، سۈتتەك ئاق، ئاچ قىزىل، قىزىل، سارغۇچ قىزىل قاتارلىق رەڭلەردە بولىدۇ، ھەمدە قوڭۇر ياكى قىزىل رەڭلىك داغلىرى بولىدۇ.

ئۆستۈرۈلگەن بۆرتمىگۈل ئەينۇلىنىڭ ئارىلاشما سورتى ھېسابلىنىدۇ. ئەسلىي ئۇرۇقى 1822-يىلى ياۋروپاغا كىرگەن، 1830-يىلى ئەنگلىيە نۇرغۇن شالغۇت بۆرتمىگۈل يېتىشتۈرۈپ چىققان. 20-ئەسىر ئەنگلىيە چوڭ گۈللۈك قىلىپ كالكولارىيە گۈلىنى يېتىشتۈرۈپ چىققان، كېيىن گېرمانىيە كۆپ گۈللۈك پاكار سىستېمىسىنى يېتىشتۈرۈپ چىققان. بۆرتمىگۈلنىڭ گۈل مەزگىلى ئۇزۇن، رەڭگى چىرايلىق، شەكلى ئاجايىپ-غارايىپ، گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغاندا خۇددى سانسىزلىغان كىچىك ھەميان ئېسىلغاندەك، رەڭ ۋە ھەر خىل داغلىرى بولۇپ، ئىنتايىن كۆركەم. چېچەكلەش مەزگىلى دەل چاغاننىڭ ئالدى-كەينىدە. قىش ۋە ئەتىياز پەسلىدىكى مۇھىم تەشتەك گۈلى.

كالكولارىيە گۈلىكۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، باغلاردىكى كۆپىنچە بىر يىلدا ئۆسۈپ يېتىلىدىغان گۈل، تۈپ ئېگىزلىكى 30 سانتىمېتىردىن ئارتۇق، پۈتۈن تۈپى غوللۇق بولۇپ، چىۋىق تاللىق، يوپۇرماق ئۈستىدە ئۇششاق تۈكچىلىرى بار.

يوپۇرمىقى تۇخۇم شەكلىدە جۈپ ئۆسىدۇ. گۈل شەكلى ئۆزگىچە، گۈل تاجىسى قوش كالپۇكسىمان، ئۈستۈنكى كالپۇك ياپراقچىسى تىك كىچىكرەك، يوغىناپ خۇددى يېكەن قاپلىق شەكىلگە ئۆزگەرگەن، ئوتتۇرىسىدا ئانىلىق ئۆسىدۇ، غول بېشى ئىككى خالتىسىمان نەرسە ئوتتۇرىسىدا ئۆسىدۇ.

رەڭ ئۆزگىرىشى مول، بىر خىل سورتلاردىن سېرىق، ئاق، قىزىل قاتارلىق سۇسلۇقى ئوخشاش بولمىغان رەڭگى بار، مۇرەككەپ رەڭگىدىن بولسا ھەر قايسى رەڭلىك يېپىشىپ ئۆسكەن ئاپېلسىن، ھال رەڭ، قوڭۇر قىزىل قاتارلىق داغلىرى بار. مېۋىسى كۆركەم، ئۇرۇقى ئۇششاق دېنى كۆپ بولىدۇ.

مىكسىكا جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىگە، پېرو، چىلى ئەتراپىغا تارقالغان.

كالكولارىيە گۈلىھوزۇرلىنىش-گۈلى ئالاھىدە، رەڭگى ئوچۇق، چېچەك مەزگىلى ئۇزۇن بولغاچقا تاماشا قىلىش قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#