پەرمۇدە
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
1.سېمىز لوق گۆشنى قوناقتەك چوڭلۇقتا توغراپ، ئۇنىڭغا بىر دانە تۇخۇم چېقىپ، سوققان قارىمۇچ، زىرە، تۇز سېلىپ، ئازراق سۇ قۇيۇپ ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئۇششاق چانالغان پىيازنى قوشۇپ قىيما تەييارلىنىدۇ.
2. ئۇنغا بىر دانە تۇخۇم چېقىپ، خېمىرتۇرۇچ، تۇز سېلىپ خېمىر يۇغۇرۇپ، ياخشى ئىشلىنىدۇ. خېمىرنى ئازراق تىندۇرغاندىن كېيىن 80 دانە زوۋۇلا ئۈزۈپ تاۋلاپ، پوزىدا ئالىقاندەك چوڭلۇقتا نېپىز جىلتا ئېچىپ تەييارلىنىدۇ.
3. جىلتنى سول ئالىقىنىمىزغا قويۇپ، ئىچىگە قىيما سېلىپ مانتا شەكلىدە تۈگىمىز. ئاندىن ئوڭ قولنىڭ چوڭ بارمىقى بىلەن خېمىرنىڭ تۈگۈلگەن تەرىپىدىن بېسىپ، سول قولىنى موشتۇمنى تۈگكەن ھالەتكە كەلتۈرۈپ، پەرمۇدىنى سىقىمىز. ئاستىدىكى ئۈچ قولنىڭ ئارىلىقىدىن خۇددى تۆگىنىڭ لوكىسىدەك خېمىر ئۆسۈپ چىقىدۇ.
4. قىزىتىلغان تونۇرنىڭ ھاۋىسىنى تەڭشەپ، تۈگۈلگەن پەرمۇدىلەرنى ئازراق ئاچچىقسۇ، ئېرىتىلگەن شولتا سۈيىگە تەگكۈزۈپ، تونۇرغا يېقىپ، يۈزىگە سۇ ئۇرۇپ، تونۇرنىڭ ئاغزىنى چىڭ ئېتىپ، 20-15 مىنۇت ئەتراپىدا خۇيلىنىدۇ. خېمىرنىڭ يۈزى قۇرۇغاندا، خۇينى ئېچىپ، داپخاننى ئېچىپ، 20 مىنۇت ئەتراپىدا قاقلاپ، پەرمۇدە ئالتۇن سېرىق رەڭگە كىرگەندە يۈزىگە قۇيرۇق ماي سۈرتۈپ، سويۇپ
ئېلىنىدۇ (يۈزىگە تۇخۇم سۈركەپ خۇيلىسىمۇ بولىدۇ) .
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.