چاي دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. چاي (دورا)
  2. چاي ()
دورا
چاي

بۇ چاي ئائىلىسىدىكى دائىم كۆكۈرۈپ تۇرىدىغان چاتقال ياكى ئۆسۈملۈك دەرەخ چاينىڭ بىخ يوپۇرمىقى، مىڭىنى قۇۋۋەتلەپ، كۆڭۈلگە خۇشلۇق يەتكۈزۈش، قىزىتما پەسەيتىش، ھەزىم ياخشىلاش، تۇسالغۇلارنى ئېچىش، تەرلىتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش رولى بار.

دورا نامى دورا
خەنزۇچە ئاتىلىشى 茶叶

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ چاي ئائىلىسىدىكى دائىم كۆكۈرۈپ تۇرىدىغان چاتقال ياكى ئۆسۈملۈك دەرەخ چاينىڭ بىخ يوپۇرمىقىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ بىخ يوپۇرمىقى ياكى پىششىقلاپ ئىشلەنگەندىن كېيىنكى مەھسۇلاتى تېبابىتىمىزدە ۋە خەلق ئارىسىدا «چاي» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

چاي تەركىبىدە %5 ~ 1 كوففىئىن (caffeine)، تىئوبرامىن (Theobromine)، تىئوفكىللىن (theophyline)، كىسانتىن (xahthine)، تاننىن ۋە Vitc بار.

1. مەركىزى نېرۋا سىستېمىسىغا بولغان تەسىرى: كوففىئىن ئالىي نېرۋا مەركىزىنى قوزغايدۇ.  2. قان ئايلىنىش سىستېمىسىغا بولغان تەسىرى: كوففئىن، تېئوفىللىن،  بىۋاسىتە يۈرەكنى قوزغىتىدۇ، تاجىسىمان قان تومۇرلارنى كېڭەيتىدۇ.  3. سىلىق مۇسكۇللارغا بولغان تەسىرى: سىلىق مۇسكۇللارنى بوشاشتۇرىدۇ.  4. تېئوفىللىن بۆرەك كانالچىلىرىنىڭ قايتا سۈمۈرۈشىنى تورمۇزلاپ، سۈيدۈك ھەيدەيدۇ.  5. چاي دەملىمىسى ياكى قايناتمىسى تەجرىبە نەيچىسىدە ھەر خىل تولغاق تاياقچە باكتېرىيەلىرىنى تورمۇزلاش تەسىرىگە ئىگە.  6. چاي تەركىبىدىكى تاننىن ماددىسىنىڭ ئاشقازان ئۈچەينى قورۇش تەسىرى بار.

ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

مىڭىنى قۇۋۋەتلەپ، كۆڭۈلگە خۇشلۇق يەتكۈزۈش، قىزىتما پەسەيتىش، ھەزىم ياخشىلاش، تۇسالغۇلارنى ئېچىش، تەرلىتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش.

مېڭە ۋە يۈرەك كېسەللىكلىرى، يۈرەك رىتىمسىزلىق (خەفقان)، يۆتەل، زىققا، كۆزگە سۇ چۈشۈش، سۈيدۈك تۇتۇلۇش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى] چاي تىرىپىنى پىشۇرۇپ، يەرلىك ئورۇننى ياغلاپ بەرسە، قاتتىق ئىششىقلارنىڭ تارقىتىدۇ، بوۋاسىرنىڭ ئاغرىقىنى توختىتىدۇ.

3 ~ 6 گىرام.

ئۇيقۇنى قاچۇرىدۇ، قۇرۇقلۇق پەيدا قىلىدۇ.

سۈت، شېكەر.

قەھۋە.

ئەسلىھە ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدىن چىقاتتى، ھازىر ئوتتۇرا ۋە غەربىي جەنۇبىي جۇڭگو، ھىندىستان، نېپال ۋە ياۋروپا قاتارلىق ئەللەردىن چىقىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#