رۇكاۋا كائېدى
«ۋاسكېتبول ماھىرى»دىكى ئاساسلىق پېرسۇناژ. ياپونىيە كاناگاۋا ناھىيەسى شوخوكو ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تولۇق 1-يىللىق ئوقۇغۇچىسى. شوخوكو كوماندىسىنىڭ كوزۇرى ، ۋەزىپىسى كىچىك ئالدى ھۇجۇمچى . ناھىيىدىكى بەش ماھىر توپچىلارنىڭ بىرى ، ياپونىيە ياشلار كوماندىسىنىڭ ئەزاسى . ئۇنىڭ توپ ماھارىتى كامالەتكە يەتكەن بولۇپ ، نۇرغۇن توپ مەستانىلىرى بار .
ئۇ تولىمۇ كېلىشكەن ، ساددا ، گېپى ئاچچىق بولغان بىلەن ئۆزى ياخشى ، مەغلۇبىيەتكە تەن بەرمەيدىغان ، دادىل ھالدا جەڭ ئېلان قىلالايدىغان كوماندا ئەزاسى .
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
رۇكاۋا خۇشاللىقى ياكى قايغۇسىنى يوشۇرۇپلا يۈرىدىغان كەيپىياتىنى ئىپادىلەشكە ئادەتلەنمىگەن، گەرچە سوغۇققاندەك كۆرۈنسىمۇ ، لېكىن كۆڭلى بەك ياخشى . خاراكتېرى ئاددىي ، ئۇخلاشنى ياخشى كۆرىدۇ ، ساكوراگىغا ئوخشاش يالغۇز ھۈجەيرىلىك جانلىق ھېسابلانسا بولىدۇ ئەلۋەتتە ئىپادىلەش ئۇسۇلى ساكوراگى بىلەن پەرىقلىنەرلىك
.تۇرىدۇ
قىلىمەن دېگەننى قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى سەۋەبلىك دائىم باشقىلار تەرىپىدىن ھاكاۋۇر ،ئۆزىنىلا ئويلايدىغان شەخسىيەتچى دېگەندەك گەپلەر بىلەن باھالىنىدۇ . ئۇ جىمغۇر بولغاچقا دائىم كىشىلەرنىڭ خاتا چۈشىنىگە ئۇچرايدۇ ، لېكىن ئۇ بۇلارغا پەرۋا قىلىپ كەتمەيدۇ .گەرچە گەپ-سۆزلىرى سەل قوپال بولسىمۇ لېكىن ئۆزى ھۆرمەتلەيدىغان كىشىلەر ئالدىدا تولىمۇ راھىش بولۇپ كېتىدۇ .ھۆرمەتلىك ئۇستازلارغا گەپ قىلغاندا تولىمۇ يولىدا ، ئەدەپلىك گەپ قىلىدۇ .پەقەت ساكوراگىنى مەسخىرە قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن چېقىشقاندىلا گەپلىرى ئالاھىدە جىق ئىشلەتكەن جۈملىلىرىمۇ ئالاھىدە مۇرەككەپلىشىپ كېتىدۇ .
مۇناسىۋىتى | ئىسمى | ئەسكەرتىش |
---|---|---|
تېرنىر | ئانزاي | بۇرۇن ياپونىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئەزاسى |
كوماندا باشلىقى | تاكىنارو
| ئوتتۇرا ھۇجۇمچى 4-نومۇر |
بىر كوماندىدىكى ئەزا | كوگورى | ئالدى ھۇجۇمچى 5-نومۇر |
بىر كوماندىدىكى ئەزا | مىتسۇئى | نومۇر ئالغۇچى بېك 7-نومۇر |
بىر كوماندىدىكى ئەزا | كاكۇتا ساتورۇ | ئوتتۇرا ھۇجۇمچى 9-نومۇر
|
بىر كوماندىدىكى ئەزا | ئىشى كېنتارۇ
| ئالدى ھۇجۇمچى 12- نومۇر
|
بىر كوماندىدىكى ئەزا | ساسوۋكا ساتورۇ | ئالدى ھۇجۇمچى 13-نومۇر
|
بىر كوماندىدىكى ئەزا | كۇۋاتا توكى | توپنى كونتىرول قىلغۇچى بېك 15- نومۇر |
بىر كوماندىدىكى ئەزا | مىياگى | توپنى كونتىرول قىلغۇچى بېك 7-نومۇر |
بىر كوماندىدىكى ئەزا | ياسۇدا | توپنى كونتىرول قىلغۇچى بېك 6-نومۇر |
بىر كوماندىدىكى ئەزا
| شىئوزاكى | بېك 8-نومۇر |
بىر كوماندىدىكى ئەزا& كۈشەندە | ساكوراگى | چوڭ ئالدى ھۇجۇمچى 10-نومۇر |
مەكتەپداش | ئاياكو | توپ كوماندىسى باشقۇرغۇچىسى |
دەسلەپكى كەچۈرمىشلىرى
رۇكاۋا كائېدى ئىلگىرى تومىكورو ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ كوماندا باشلىقى ئىدى .ماھارىتىنىڭ ئەتراپلىقلىقى ھەم ئېسىللىكى سەۋەبلىك ناھىيە ئىچىدە خېلى نامى بار ئىدى .«ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى ماھىر »دېگەن نامى بار .كاناگاۋا ناھىيەسى شوخوكو ئوتتۇرا مەكتىپىگە كىرگەن دەسلەپكى ۋاقىتقا ، خاروكونىڭ يوشۇرۇن ياخشى كۆرىشى سەۋەبلىك ساكوراگىنىڭ ئۆچمەنلىكىگە ئۇچرىغان .
- ناھىيە مۇسابىقىسى
رۇكاۋا تولۇق ئوتتۇرا ھاياتىدىكى تۇنجى مۇسابىقىنى كۈتىۋالدى .ناھىيە مۇسابىقىسى باشلىنىشتىن بۇرۇن ناھىيەدىكى تۆت كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرسى بولغان رىئونان كوماندىسى بىلەن دوستانە ھالدا مەشىق مۇسابىقىسى ئېلىپ باردى .دەسلەپتە شوخوكو رىئوناننىڭ كۈچلۈك ھۇجۇمىدا قالايمىقان بولۇپ كەتكەن .بۇنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ئاساسلىق سەۋەبچى دەل رىئونان كوماندىسىنىڭ كوزۇر ئەزاسى سىندو ، بۇ ھەمدە رۇكاۋانىڭ كۈرەش ئىرادىسىنىڭ كۈچىيىش سەۋەبى بولدى .رۇكاۋ تولىمۇ چىرايلىق بىر قېتىملىق يانداشما زەربە بىلەن بۇخىل ۋەزىيەتنى بۇزۇپ تاشلاپ ، تاكىنارو بىلەن ھەمكارلىشىپ ئالدىنقى مەيداندا دەھشەت ھۇجۇم باشلاپ قارشى تەرەپنى قوغلىشىشقا باشلىدى . كېيىنكى مەيداندا ساكوراگىنىڭ قوشۇلىشى بىلەن ،مۇسابىقا ئاخىرىدا رىئوناندىن ئېشىپ كەتتى ئەمما سىندونىڭ بىر توپى بىلەن ئۇتتۇرپ قويدى .
كاينان جېڭى
تۆت كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرسى بولغان شويو كوماندىسىنى يەڭگەندىن كېيىن ، شوخوكو بىر يول زەپەر قۇچۇپ ، ناھىيىدىكى ئەڭ كۈچلۈك كوماندا كاينان بىلەن جەڭ قىلىش سەرەپىگە مۇيەسسەر بولدى . بۇ مۇسابىقىدە ئالدىنقى مەيداندا 15نومۇر كېيىن قالغانلىق ھەم تاكىنارونىڭ يارلىنىپ مەيداندىن ئايرىلغانلىقى سەۋەبلىك ، مەيداندا رۇكاۋا مۇداپىئە قىلىش ھەم نومۇرنى قايتۇرۇپ كېلىشتىن ئىبارات ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىپ نومۇرنى تەڭلەشتۈردى . مۇشۇ سەۋەبتىن بەك ھېرىپ كەتكەچكە ،كېيىنكى مەيداندا تەن-قۇۋىتى يار بەرمەي ، مەيداندىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى . ئەڭ ئەخىرىدا رۇكاۋا ئۆزىنى كاينان كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇشنىڭ سەۋەبچىسى دەپ قارىدى .
رىئونان جېڭى 2
دۆلەتلىك مۇسابىقىگە قاتنىشىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پۇرسىتىنى تالىشىش ئۈچۈن ، شوخوكو بىلەن رىئونان يەنە بىر قېتىم جەڭگە چۈشتى . رۇكاۋا ئالدىنقى يېرىم مەيداندا ھېچقانداق ھۇجۇم باشلىمىدى ، بارلىق كۈچىنى ساقلاپ قېلىپ كېيىنكى يېرىم مەيداندا سىندونى يەڭمەكچى بولدى . ئەڭ ئاخىرىدا ھەممەيلەننىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئۇتۇپ چىقىپ ،دۆلەتلىك مۇسەبىقىگە كىرىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى .
ناھىيىلىك مۇسابىقىدىن كېيىن ، MVP بولۇپ تاللىنىپ ، ئەڭ مۇنەۋۋەر يېڭى ماھىر بولۇپ قالدى . ھېسابلاپ كەلسە ھەر مەيداندا 30نومۇر ئېلىپ ، پەقەتلا0.3 نومۇر بىلەن كاينان كوماندىسىنىڭ نومۇر ئېلىش شاھى سوئىچىرو جىنغا ئۇتتۇرۇپ قويدى .
مۇداپىئە قىلىش
رۇكاۋانىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارىنى ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىغا سېلىشتۇرغاندا ئۇنچە بەك يېتەرلىك دېگىلى بولمايدۇ . قائىدىگە خىلاپلىق قىلىشى ئۇنچە كۆپ ئەمەس ، قارشى تەرەپنىڭ ئاساسىي كۈچى بىلەن دائىم يۈزمۇيۈز مۇسابىقىگە چۈشىدۇ . لېكىن بۇ ئۇنى مۇداپىئە قىلالمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس . گارنىڭ ئەتراپىدا ساكوراگى بىلەن تاكىنارو بولغاچقا ئۇنىڭ مۇداپىئە قىلىشى كەتمەيدۇ ، يەنە كېلىپ ئۇ قارشى تەرەپنىڭ كوزۇرى بىلەن يۈزمۇيۈز دوئىلغا چۈشۈشنى ياخشى كۆرىدۇ . ئەلۋەتتە پاس بېرىشنى ياخشى كۆرمەسلىك ھەرگىز پاس بېرىشنى ئۇقماسلىق ئەمەستە .
ئۇنىڭ مۇداپىئە ئېڭىنىڭ ياخشىلىقى تېخى كارتون فىلىم قىلىپ ئىشلەنمىگەن دۆلەتلىك مۇسابىقىدىكى مۇسابىقىلەردە ئاشكارلىنىدۇ .
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.