يۇلتۇزباغ بازىرى

يۇلتۇزباغ بازىرى

 يۇلتۇزباغ بازىرى توقسۇ ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان، پۈتۈن بازارنىڭ ئوتتۇرىچە دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1009 مېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 866.67 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى يۇلتۇزباغ بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 866.67 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى چوڭ قۇرۇقلۇق مۆتىدىل بەلباغ خاراكتېرىدىكى مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرغاق كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 尤鲁都斯巴格镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون توقسۇ ناھىيەسى
نوپۇسى 19167 ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يۇلتۇزباغ بازىرىيۇلتۇزباغ بازىرى توقسۇ ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان تۈز سىزىقلىق ئارىلىقى 17 كىلومېتىر، شەرق تەرىپى توقسۇ ناھىيەسى ئۆگەن يېزىسى بىلەن قوشنا، جەنۇبتا ئۈچقات يېزىسى بىلەن چېگرالىنىدۇ، غەربى ئونسۇ ناھىيەسى بىلەن، شىمال تەرىپى چۆلتاغ تېغى ۋە باي ناھىيەسى بىلەن چېگرىلىنىدۇ. پۈتۈن بازارنىڭ ئوتتۇرىچە دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1009 مېتىر، ئەڭ ئېگىز نۇقتىسى 2212 مېتىر ئەڭ تۆۋەن نۇقتىسى 1980 مېتىر، بازار شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 90 نەچچە كىلومېتىر. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 30 كىلومېتىر كېلىدۇ .ئومۇمىي كۆلىمى 866.67 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. كىلىمات جەھەتتىن چوڭ قۇرۇقلۇق مۆتىدىل بەلباغ خاراكتېرىدىكى مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرغاق كىلىماتىغا كىرىدۇ. 2004 يىلىدىكى نوپۇسى 19167 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 18907 ئادەم، شەھەر-بازار نوپۇسى 2482 ئادەم.

يۇلتۇزباغ بازىرىيۇلتۇزباغ بازىرىنىڭ 2004 يىلىدىكى نوپۇسى 19167 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 18907 ئادەم، شەھەر-بازار نوپۇسى 2482 ئادەم. قاراشلىق 14 مەمۇرىي كەنت، 3 ئاھالىلەر كومىتېتى، 17 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار : بازار كەنتى، تاغئېرىق كەنتى، ئاچال كەنتى، توپا شەھەر كەنتى، تېرەكبوستان كەنتى، چولاقتۇر كەنتى، شەنبە بازار كەنتى، ئوچىلان كەنتى، سۇپا دۆڭ كەنتى، توپاقئېرىق كەنتى، چوڭكۆۋرۈك كەنتى، گۈلباغ كەنتى،تۇر ئېرىق كەنتى ،بەگلىكئېرىق كەنتى، ئۈجمەئېرىق كەنتى، ئاقئۆستەڭ كەنتى، شورلۇق كەنتى.

يۇلتۇزباغ بازىرىيۇلتۇزباغ بازىرىنىڭ كىلىماتى قۇرۇقلۇق تىپىدىكى مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرغاق كىلىماتىغا كىرىدۇ، ھاۋاسى قۇرغاق، سۇنىڭ پارغا ئايلىنىش مىقدارى زور، ھۆل-يېغىن ئاز، كۈن نۇرى يېتەرلىك، يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃ 10.5، يىللار ئارا ئۆزگىرىشى ℃11.3-9.8 قىچە، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 40.1 گىرادۇس، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى ℃26.8-، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا پەرقى ℃ 33.4 ، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 63.7 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1992.7 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرىچە كۈن نۇرى چۈشۈش ۋاقتى 2894.6 سائەت، قىروسىز مەزگىلى 201 كۈن.

ھەر يىلى 3-ئايدىن باشلاپ، بازار دائىرىسىدە، قىيپاش شىمال شامىلى ۋە غەربىي شىمال بورىنى چىقىدۇ، 7–ئايدا ئاخىرلىشىدۇ؛ شامال كۈچى كۈچلۈك، ۋاقتى ئۇزۇن، ئايرىم يىللاردا ئەڭ چوڭ بولغاندا 12-11 بال، بوراندىن كېيىن دائىم توزانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلىدۇ، داۋاملىشىش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 35 كۈن. بۇ بازاردا تەبىئىي ئاپەتلەردىن ئاساسلىقى مۆلدۈر ئاپىتى ئەڭ كۆپ، ئېغىر مۆلدۈر ئاپىتى ھەر 10يىلدا بىر  قېتىم يۈز بېرىدۇ، ئادەتتىكى مۆلدۈر ئاپىتى ئاساسەن ھەر يىلى دېگۈدەك يۈز بېرىدۇ. بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ بالدۇر بولغاندا 4 -ئايدا، ئەڭ كېيىن بولغاندا 10-ئايدا يۈز بېرىدۇ؛ 6-،7-،8-ئايلاردا ئەڭ كۆپ يۈز بېرىپ، دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا خېلى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. 

يۇلتۇزباغ بازىرىيۇلتۇزباغ بازىرى ئاساسلىق يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ، ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن : بۇغداي، كېۋەز، قوناق، شال، پۇرچاق تۈرىدىكىلەر، مايلىق دان، مېۋە-چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار؛ چارۋىچىلىقتا قوينى ئاساس قىلىدۇ، ياۋايى ھايۋانات بايلىقى تەخمىنەن 31 ئائىلە ، 78 ئۇرۇقداش، 87 تۈر، بۇنىڭ ئىچىدە چۈچۈكبۇيا، ئېفېدرا، پاقا يوپۇرمىقى، مامكاپ قاتارلىق 30 نەچچە خىلىنىڭ بىر قەدەر يۇقىرى بولغان دورىلىق  قىممىتى بار. ياۋايى ھايۋانلار بايلىقى بىر قەدەر مول، مەسىلەن، قارا تۇرنا،بۆرە، تۈلكە، موڭغۇل جەرىنى، ياۋا چوشقا قاتارلىقلار. يۇقىرىدىكى ياۋا ھايۋانلار ئىچىدە، قارا تۇرنا دۆلەت تەرىپىدىن بىرىنچى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ئەتىۋارلىق قۇش. يۇلتۇزباغ بازىرىنىڭ نېفىت زاپىسى، تەبىئىي گاز بايلىقى زاپىسى مول. ناھىيىنىڭ شىمالىدىكى چۆلتاغ تېغىدا، تۇزلۇق تاغلار بار. زاپىسى بىر مىليون توننىدىن ئارتۇق، باشقا قېزىلما بايلىق بىر قەدەر ئاز. بۇ بازارنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى مول، يېزا ئىگىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىدىن ئاساسلىقى : مۇناقى ئۈزۈم، نەشپۈت، قەغەز ياڭاق، ئالما، قارائۆرۈك، ئۆرۈك، زىرە قاتارلىقلار. يېزا ئىگىلىكىنىڭ تۈۋرۈك كەسپى تېرىقچىلىق، ئاساسلىقى ئاشلىق، پاختىنى ئاساس قىلغان.

يۇلتۇزباغ بازىرىيۇلتۇز باغ بازىرى مۇھىم قاتناش يولىغا جايلاشقان، دۆلەت يولى 314 ـ لىنيىسى بازارنى كېسىپ ئۆتىدۇ، قاتناش ئىنتايىن قولايلىق، پۈتۈن بازاردا 10 ھەر خىل مەكتەپ بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرا مەكتەپ بىر، باشلانغۇچ مەكتەپ 9؛ مەدەنىيەت يۇرتى، بىر سىياسىي خىزمەت پائالىيەت مەركىزى، بىر پېشقەدەم كادىرلار مەركىزى؛ بىر دېھقانلار ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشتىن سىرتقى ئويۇن قويۇش ئەترىتى؛ بازار دەرىجىلىك رادىئو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن بىرسى؛ بازارلىق شىپاخانىدىن بىرسى، 4 كەنت شىپاخانىلىرى، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش پونكىتىدىن بىرسى، پىلانلىق تۇغۇت ، كۆپىيىش ساغلاملىقى مۇلازىمەت مەركىزىدىن بىرسى بار. كېسەل كارىۋىتى ئومۇمىي سانى 20 دانە. كەسپىي سەھىيە تېخنىكا خادىمى 36 ئادەم. بازاردا پەن- تېخنىكا جەمئىيىتى، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش پونكىتى بار، 14 كىشى بۇ يەردە خىزمەت قىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرا دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئۇنۋانى بارلار ئۈچ كىشى، بازار،كەنتلەردە پەن-تېخنىكا تورى مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#