- كاكتۇس (خام دورا)
- كاكتۇس ()
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
كاكتۇس ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق گۆشلۈك ئۆسۈملۈك كاكتۇسنىڭ يىلتىزى ۋە غولىدىن ئىبارەت.
1. قان قەنتىنى تۆۋەنلىتىدۇ: ھايۋان تەجرىبىسىدە ئىسپاتلىنىشچە كاكتۇس تالقىنى ئاللوكسان (alloxar) كەلتۈرۈپ چىقارغان چوڭ چاشقاننىڭ قان قەنت مىقدارىنى تۆۋەنلەتكەن ھەم قان قەنتى تۆۋەنلىشىش تەسىرى دورا دوزىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان. 2.كاكتۇسنىڭ ئېكستىراكىتلاپ ئېلىۋېلىنغان ماددىسى ئىممۇنىت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتىرىش رولىغا ئىگە. تەجرىبىدە ئىسپاتلىنىشىچە كاكتۇسنىڭ ئىكستراكتلاپ ئېلىۋېلىنغان ماددىسىنى كىچىك چاشقانغا بەرگەندە تال كۆرسەتكۈچىنى، قورساق بوشلۇقى زور يۇتقۇچى ھۈجەيرىنىڭ يۇتۇش، ئاق قان ھۈجەيرىسىنىڭ ئومۇمىي سانىنى كۆپەيتىش رولىنى بەرگەن.
3. كاكتۇسنىڭ ئىكستراكتلاپ ئېلىۋېلىنغان ماددىسى باھنى قۇۋۋەتلەش رولىغا ئىگە.
4. كاكتۇسنىڭ ئىكستراكتلاپ ئېلىۋېلىنغان ماددىسى ھارغىنلىقىنى پەسەيتىش، ئوكسىگىن كەملىككە بولغان چىدامچانلىقنى ئاشۇرۇش تەسىرىنى بەرگەن.
5. ئۆتكۈر باكتېرىيىلىك تولغاقنى داۋالاش تەسىرىگە ئىگە.
ئاشقازان ئاغرىقى، ئاشقازان يارىسى، تولغاق، گال ئاغرىقى، بوۋاسىر، كۆيۈك، ھۆل تەمرەتكە، گۆرەن بەز ياللۇغى، ئۆتكۈر سۈت بېزى ياللۇغى، چاقا، جاراھەت قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
1. كاكتۇستىن 20 گرام ئېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا 20~15 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىپ ئىچسە، ئاشقازان ئاغرىقى، گال ئاغرىقى ۋە ئاشقازان يارىسىغا شىپا بولىدۇ، يەل ھەيدەيدۇ.
2. بابۇنە،ئىكلىلمىلىك، كاكتۇسلاردىن10 گرامدىن ئېلىپ مۇۋاپىق مىقداردىكى ئەرىقى گۈل بىلەن زىماد تەييارلاپ، گۈرەنبەز ياللۇغى ھەم ئۆتكۈر سۈت بېزى ياللۇغىدا يەرلىك ئورۇنغا چاپسا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.