بەدىيان ۋە ئۇنى تېرىپ ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى

بەدىيان بىر يىللىق سامان غوللۇق دورا ئۆسۈملۈكى بۇلۇپ، كۈنلۈكسىمان گۈللەر ئائىلىسى، بەدىيان ئۇرۇقدىشىغا مەنسۇپ، ئۇ شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىدە ئۆستۈرۈلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى بەدىيان ۋە ئۇنى تېرىپ ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بەدىيانبەدىيان بىر يىللىق سامان غوللۇق دورا ئۆسۈملۈكى بۇلۇپ، كۈنلۈكسىمان گۈللەر ئائىلىسى، بەدىيان ئۇرۇقدىشىغا مەنسۇپ، ئۇ شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىدە ئۆستۈرۈلىدۇ. غولى تىك ئۆسىدۇ، ئېگىزلىكى ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن 90-100 سانتېمىتېر ئەتراپىدا بۇلۇپ، ئوتتۇرا، يۇقىرى قىسىملىرى كۆپ شاخلايدۇ. چېچىكى شېخىنىڭ ئۇچىدا بۇلىدۇ، مۇرەككەپ كۈنلۈكسىمان گۈل رېتى بۇلۇپ، گۈلى ئاق ياكى سېرىق، مېۋىسى سوقىچاق كېلىدۇ.

بەدىيان بىر خىل دورا ئۆسۈملۈكى بۇلۇپ، دورا قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇقى پىشقاندا يىغۋېلىنىدۇ. تەبئىتى ئىسسىققا مايىل، زەھەرسىز، يەلنى تەڭشەپ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ.

بەدىيان ئۇششاق دانلىق دورا ئۆسۈملۈكى بولغاچقا، تۇپراق تاللىغاندا ئەت تۇپراق، قۇمساڭغۇ ئەت تۇپراقنى تاللاش، قىرنىڭ كۆلىمى ئەڭ ياخشىسى بىر مودىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، قىر ئىچى چوقۇم تەكشى، تۈز، پاكىز بۇلىشى لازىم.

بەدىيان تېرىلدىغان تۇپراقنى تۇپراقنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن مەھەللىۋى ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلاش لازىم.

ئەتيازلىقى توڭ ئېرىش بىلەنلا، سىيالكا بىلەن تېرىشقا، قول بىلەن چېپىپ تېرىشقا بۇلىدۇ. تۇپراقنىڭ تېمپىراتۇرسى 15 ~ 20 گىرادۇسقىچە بولغاندا بەدىيان ئۈنۈشكە باشلايدۇ. تېرىش مىقدارى : ھەر موغا 1.2-1.5 كىلوگىرام ئۇرۇق سېلىنىدۇ. تېرىش چوڭقۇرلۇقى 1-2 سانتېمىتېر، تۈپ-قۇر ئارلىقى 20-40 سانتېمىتىر ئەتراپىدا بۇلىدۇ.

بەدىيانبەدىيان تېرىلىپ 10-20 كۈندىن كېيىن ئۈنۈشكە باشلايدۇ. بىرىنچى سۈيى بىلەن ئىككىنچى سۈيىنىڭ ئارلىق 7-10 كۈندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى لازىم. تۆتىنچى سۈيىگە بىرلەشتۈرۈپ، ھەر موسىغا 10 كىلوگىرام ئەتراپىدا ئازوتلۇق ئوغۇتنى بېرىش لازىم. ئازوتلۇق ئوغۇت بەك كۆپ بۇلۇپ كەتسە، بەك ئۆسۈپ كېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن دان تۇتۇش بەك كېچىكىدۇ، شامال ئۆتۈشچانلىقى ياخشى بولمايدۇ. ئېتىزدىكى ئوت-چۆپلەرنى ئۆز ۋاقتىدا ئوتاپ مايسىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش لازىم.

بەدىياننىڭ دەسلەپكى چېچىكى 7-ئاينىڭ باشلىرىدىن باشلاپ ئېچىلىشقا باشلايدۇ. يان-شاخلار 40-60 سانتىمېتىر ئەتراپىدا ئۇزىراپ چېچەك ئېچىپ دان تۇتىدۇ. غولىنىڭ توملۇقى 4 سانتىمېتىر، ھەر بىر تۈپتە 9-10 غىچە يان شاخلار، ھەر بىر يان شاختا 5-6 دىن بەدىيان باشىقى، بۇنىڭ ھەر بىرىدە 15-16 تالغىچە ئۇششاق باشاقچىسى بۇلىدۇ. ھەر بىر ئۇششاق باشاقچىسىدا 20-22 تالغىچە دان بولىدۇ. ھەر بىر ئۇششاق باشاقچىسىنىڭ ساپاق ئۇزۇنلۇقى 2-4 سانتىمېتىرغىچە بولىدۇ. بەدىيان 9-ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ دەۋىرسىز پىشىشقا باشلايدۇ. بۇ ۋاقىتتا دەسلەپكى قەدەم پىشقانلىرىنى 1-2 قېتىم قايچا بىلەن قىيىپ يىغۋېلىپ، قالغانلىرىنى كۈزدە يىغۋالسا بۇلىدۇ.

بەدىياننىڭ ئۈندۈرمە سۈيىنىڭ ئارلىقىنى تۇپراق ئەھۋالىغا قاراپ بەلگىلەش، بەك ئۇزارتىۋەتمەسلىك، پۈتۈن ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدە جەمئىي 10-11 قېتىم سۇغىرىش لازىم.

بەدىيانبەدىياننى تېرىغاندا قىر ئۇچى تەكشى، سۇغىرىش مۇۋاپىق بولمىغاندا، يىلتىز چىرىش كېسىلى ۋە تىك تۇرۇپ قۇرۇش كېسىلى پەيدا بۇلىدۇ. يەر يولۋىسى ئۇنىڭ يىلتىزىغا زىيان سالىدۇ. 

يىلتىز چىرىش كېسىلىنىڭ، تىك تۇرۇپ قۇرۇش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، قىرنىڭ كۆلىمىنى مۇۋاپىق قىلىش، قىرنىڭ ئىچنى تەكشىلەش، سۇغىرىش ۋاقتىغا ۋە سۇنىڭ مىقدارىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم.

يەر يولۋىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، كۈزلۈكى يەر يۈزىنى چوڭقۇر ئاغدۇرۇپ توڭ سېلىش لازىم. ئەتيازلىقى مايسا ئۈنگەن ۋاقتىدا، قەرەللىك تەكشۈرۈپ، يەر يولۋىسىنىڭ زىيىنى كۆرۈلگەن ھامان بىيولوگىيەلىك ئۇسۇللارنى قوللىنىپ يەر يولۋىسىنىڭ لىچىنكىسىنى ئالداپ يوقىتىش لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن قىرنىڭ تۆت تەرىپىگە كەڭلىكى 20 سانتىمېتىر، چوڭقۇرلۇقى 20-30 سانتىمېتىرغىچە بولغان ئورەك كولاپ، ئۈجمە سېلىپ، ئۈستىگە ئوت-چۆپ يېپىپ قويۇپ ئالداپ يوقىتىش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

«بىلىم كۈچ» ژۇرنىلىنىڭ 2015-يىللىق 8-سانىدىن ئېلىندى

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#