شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈك بايلىقى

ئۆسۈملۈك بايلىقى _ئىنسانلارنىڭ ئۆزلەشتۈرۈپ پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىغىندىسى . شىنجاڭ مول ۋە خاس ئۆسۈملۈك بايلىقىغا ئىگە .

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈك بايلىقى
خەنزۇچە نامى 新疆植物资源

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار


ئۆسۈملۈك بايلىقى _ئىنسانلارنىڭ ئۆزلەشتۈرۈپ پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىغىندىسى . شىنجاڭ مول ۋە خاس ئۆسۈملۈك بايلىقىغا ئىگە .

1. ياۋا مېۋىلىك دەرەخلەر ۋە ۋىتامىنلىق ئۆسۈملۈكلەر ، مەسىلەن : ياۋا ئالما ، ياۋا ئۆرۈك ، گىلاس ،جىغان، مالىنا ، ئازغان ، بۆلجۈرگەن ، تىكەنلىك قارىغان ، قاغا جىگدىسى قاتارلىقلار .

2. كراخمال ، شېكەر ۋە ئاقسىل تەركىبلىك ياۋايى ئۆسۈملۈكلەر ، مەسىلەن : يىلانسىمان قامچا ئوت ( ئەنجىبار ) ، تاغ قامچا ئوتى ، قويانجىن ، چىڭگىلىكسىمان غاز تاپان ، ياۋا كۆك پۇرچاق ، خۇش بۇراق كۆك پۇرچاق ، بۇيا ، ئاق تىكەن ،شىنجاڭ سۇ ياڭىقى ، ئېيىق ئۇزۇمى ، ياۋروپا سۇ ئوقياسى قاتارلىقلار .

3. مايلىق ياۋايى ئۆسۈملۈكلەر ، مەسىلەن : ياڭاق ، بادام ، ياۋا بادام قاتارلىقلار .

 4. دورىلىق ياۋايى ئۆسۇملۇكلەر ، مەسىلەن : سوغىگۈل ،چۈچۈكبۇيا ، يەر مەدىكى ، شىنجاڭ ھىڭى ، لوپنۇر كەندىرى ، شىنجاڭ ئەڭلىك ئوتى ، تولۇق يوپۇرماقلىق مەرزەنجۇش، تاغ لەيلىسى ( قار لەيلىسى ) ، يىزىخو ئەمىنى ، قانتېپەر ، قىرىقبوغۇمسىمان چاكاندا قاتارلىقلار . 5 . خۇش پۇراقلىق ماي چىقىدىغان ياۋايى ئۆسۇملۇكلەر ، مەسىلەن : ياۋا قۇلماق ، جۇڭگو چىنىگۈلى ،سېرىق گۈللۈك قاشقابېدە ، ياۋا يالپۇز ، غۇژمەك گۈللۈك يالغان رەيھان ، جەمبىل ( كېيىك ئوتى ) ، چۆل رەيھىنى ، جۇلاغ ، سۇمبۇل ، ئىگىر قاتارلىقلار .

 6 . ياۋايى تاماشا ئۆسۈملۈكلىرى ، مەسىلەن : ئىلى ياۋا كۈركۈم گۈلى ، جۇڭغار شەھدىنى ، چاي ئوت ، شىنجاڭ بوۋانىسى ، تەڭرىتاغ گۈلەمبىرى ، چوڭ يوپۇرماقلىق بەھمەن ، قوڭۇر باش ، تۈگۈنەك يىلتىزلىق چۇغلۇق قاتارلىقلار .

 7 . يەم - خەشەك قىلىنىدىغان ياۋايى ئۆسۈملۈكلەر ، مەسىلەن : بېدە ئۇرۇقدىشى ، قاشقابېدە ئۇرۇقدىشى ، ئۈچ قۇلاق ئۇرۇقدىشى ، ياۋا كۆك پۇرچاق ئۇرۇقدىشى ، كەتىرا ئۇرۇقدىشى ، تىپچاق ئۇرۇقدىشى، يۈننەن شەھدىنى ئۇرۇقدىشى ، قوڭۇر باش ئۇرۇقدىشى، ئارپىغان ئۇرۇقدىشى ، زەۋرەك قاتارلىق ئۇرۇقداشلارغا تەۋە ئوت - چۆپلەر .

8 . ياۋايى تالالىق ئۆسۇملۇكلەر ، مەسىلەن : قومۇش ، چىغ ، چوڭ گۈللۈك ياۋا كەندىر ، تار يوپۇرماقلىق يېكەن ، كەڭ يوپۇرماقلىق يېكەن ، بىيدايىق قاتارلىقلار .

 9 . تېرە ئەيلەشكە ئىشلىتىدىغان ياۋايى ئۆسۇملۇكلەر ، مەسىلەن : شىنجاڭ بال قارىغىيى ، قارلىق چوققا شەمشادلىرى ، سۆگەت ، ئات قۇلاق قاتارلىقلار .

10 . دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىگە چېتىلىدىغان ياۋايى ئۆسۇملۇكلەر : بۇنىڭ ئىچىگە شال ، بۇغداي ، ئارپا ، تېرىق ، قىچا قاتارلىقلارنىڭ ياۋا تۇغقانلىرى كىرىدۇ .

 11 . پىگمېنتلىق ياۋايى ئۆسۈملۈكلەر ، مەسىلەن : ئوسما ، ئەڭلىك ئوت ، قىزىلگۈل قاتارلىقلار .

 12 . ھەسەل مەنبەسى بولىدىغان ئۆسۈملۈكلەر ، مەسىلەن : قىچا ، قاغا جىگدىسى ، ياۋا ئالما ، بېدە ، ئاپتاپپەرەس قاتارلىقلار .

13 . قۇرت ئۆلتۈرىدىغان ئۆسۈملۈكلەر ، مەسىلەن : ياڭاق ، يوپۇرماقسىز يالغان قىرىقبوغۇم ، ئېيىق تاپان ، بۇۋانە ، بۇيا قاتارلىقلار . شىنجاڭدا ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىنى ئېچىش ۋە پايدىلىنىشتا مۇئەييەن تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈلدى ، مەسىلەن ؛ چۈچۈكبۇيا ، تاغ لەيلىسى ( قار لەيلىسى ) ، سوغىگۈل ، ھىڭ ، ئازغان ، جىغان ، قىزىل مارال ، چاكاندا ، ئەڭلىك ئوت، توشقان زەردىكى قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بىئولوگىيىلىك خۇسۇسىيەتلىرى ئۇستىدىن ئومۇميۈزلۈك تەتقىقات يۈرگۈزۈلۈپ ، ئۇسسۇلۇق ، پەرداز بۇيۇملىرى ، ساقلىقنى ساقلاش بۇيۇملىرى ، يېمەكلىك ، دورا ، ھاراق-شاراب قاتارلىق كۆپ خىل مەھسۇلاتلار ئىشلەپ چىقىرىلدى.بەزى ئىقتىسادىي قىممىتى يۇقىرى ، پايدىلىنىش دائىرىسى كەڭ بولغان ياۋايى ئۆسۈملۈكلەرگە قارىتا كۆندۈرۈپ تېرىپ ئۆستۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلماقتا .[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#