ئەقلىي قابىلىيەت

ئەقلىي قابىلىيەت

ئەقلىي قابىلىيەت بولسا تۈزىتىش قابىلىيىتى، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى، تەسەۋۋۇر قىلىش قابىلىيىتى، تىل قابىلىيىتى، تەپەككۇر قابىلىيىتى، مەشغۇلات ئىقتىدارى قاتارلىق ئاساسىي تەركىبلەردىن تەركىب تاپقان.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئەقلىي قابىلىيەتئەقلىي قابىلىيەت بولسا تۈزىتىش قابىلىيىتى، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى، تەسەۋۋۇر قىلىش قابىلىيىتى، تىل قابىلىيىتى، تەپەككۇر قابىلىيىتى، مەشغۇلات ئىقتىدارى قاتارلىق ئاساسىي تەركىبلەردىن تەركىب تاپقان. ئۇنىڭ ئىچىدە، تەپەككۇر بولسا ئەقلىي قابىلىيەتنىڭ يادرولۇق تەركىبى. ئەقلىي قابىلىيەت مۇشۇ ئالتە خىل ئاساسىي تەركىبتىن تەركىب تاپىدۇ. بىراق، ئەقلىي قابىلىيەت مۇشۇ ئاساسىي تەركىبلەرنىڭ ئاددىي ھالەتتىكى قوشۇلۇشى بولماستىن، بەلكى مۇشۇ تەركىبلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال جەھەتتە بىرلىشىپ بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە بولۇشىدىن ئىبارەت. شۇڭا، بۇنىڭ ئىچىدىكى مەلۇم بىر جەھەتكە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىپ، باشقا تەرەپكە سەل قارىماسلىق كېرەك. بۇ خۇددى بىر ماشىنىغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ئىقتىدارى پۈتۈن ماشىنىنىڭ قۇرۇلمىسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ھەرگىزمۇ مەلۇم زاپچاس ئىقتىدارىنىڭ قانداق بولۇشى بىلەن بەلگىلەنمەيدۇ. ئەگەر ھەربىر زاپچاسنىڭ ئىقتىدارى ياخشى بولسا، بىراق زاپچاسلار ئوتتۇرىسىدىكى ماسلىشىشتا مەسىلە بولسا، ئۇنداقتا، بۇ ماشىنىنىڭ ئىقتىدارىدا مەسىلە بولىدۇ، ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ ياخشى-يامان بولۇشىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشايدۇ. پەقەت مەلۇم بىر ياكى بىر قانچە تەرەپنىڭ ئېلېمېنت سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرىلىشى يېتەرلىك بولسا، ئۇ ئېھتىياجلىق بولغان ھەربىر ئېلېمېنت مەلۇم سەۋىيىگە يېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزئارا بىر خىل ياخشى قۇرۇلما شەكىللىنىدۇ. 

 مەكتەپكە كىرگۈچە بولغان مەزگىل بالىلارنىڭ ئوڭ مېڭىسىنى ئاچىدىغان ئالتۇن مەزگىل. ئاتا-ئانىلار قالغان ۋاقىتتا بالىنىڭ ئوڭ مېڭىسىنى چېنىقتۇرسا بولىدۇ. ئادەم بەدىنىدىكى ھەربىر پارچە مۇسكۇلنىڭ چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىدە مۇناسىپ بولغان «ۋەكىللىك قىلغۇچى رايون» ى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە بارماق ھەرىكىتى مەركىزىنىڭ چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىدە ئىگىلىگەن رايونى ئەڭ كەڭ. شۇڭا قولنىڭ ھەرىكىتى، بولۇپمۇ بارماقنىڭ ھەرىكىتى ئەڭ مۇرەككەپ، ئەڭ ئەپچىل، ئەڭ پىششىق بولۇپ، چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىدىكى نۇرغۇنلىغان نېرۋىلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، چوڭ مېڭە تېخىمۇ ئەقىللىق بولىدۇ. شۇڭا بالىنىڭ قول ئىقتىدارىنى مەشىق قىلدۇرۇش بولسا ئەقلىي قابىلىيىتىنى ئېچىشقا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم. تاش، قۇملارنى ئويناش ئارقىلىق بالىنىڭ قولىدىكى نېرۋا رېفلېكسىنى چېنىقتۇرۇپ، چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. بۇ خىل پائالىيەتلەر ھەم قۇلايلىق بولۇپ، مەشىق قىلدۇرۇشتا ئەڭ ئەپلىك ئۇسۇل. ئەپسۇس بەزى ئاتا-ئانىلار بۇ نەرسىلەرنى مەينەت دەپ قارايدۇ ياكى بارماقلارنى يارىلاندۇرىدۇ دەپ قاراپ، دائىم بالىلارنىڭ ئوينىشىنى چەكلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بالىلارنىڭ مەشىق قىلىش پۇرسىتىنى بىر-بىرلەپ تارتىۋالىدۇ. بارماقلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش، كۆزىنى يۇمۇپ تۈگمىنى ئېچىش ۋە ئېتىش، خەت يېزىشنى مەشىق قىلىش، رەسىم سىزىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بارماقلارنىڭ ئېلاستىكلىقىنى كۈچەيتىدۇ. چوڭ مېڭىنىڭ پائالىيەت ئۈنۈمدارلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. يامىشىشمۇ ئەقلىي قابىلىيەتنى مەشىق قىلدۇرۇشتىكى پايدىلىق ئۇسۇل، بولۇپمۇ بوۋاقلىق، بالىلىق مەزگىلىدە ئىنتايىن پايدىلىق. بىراق نۇرغۇنلىغان بالىلارنىڭ يەردە ئۆمىلىشىنى خالىمايدۇ. كىيىملىرىنى مەينەت قىلىۋېتىشىدىن، يىقىلىپ چۈشۈپ يارىلىنىشىدىن قورقىدۇ. 

ئويۇنچۇقلارنى ئوينىتىش 

ئويۇنچۇقلارنى ئوينىتىش ئەقلىي قابىلىيىتىنى ئاچىدىغان ئويۇنچۇقلارنى تىزىش، ۋارتاغا توپ تاشلاش، توپ ئۇرۇش، چوت سوقۇشنى ئۆگىنىش، بارماق مەشغۇلاتى قىلىش قاتارلىق نەپس پائالىيەتلىرى بارماقنىڭ ئەپچىللىكىنى چېنىقتۇرىدۇ. چوڭ مېڭە ۋە بارماق ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇر يەتكۈزۈشنى كۈچەيتىدۇ. كۇبىك، سېغىز لايلار قاتارلىقلارنى ئويناش قولنىڭ ھەرىكەتلىنىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرىدۇ. دائىم بالىلارغا ئوڭ، سول قولنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتكۈزگەندە چوڭ مېڭە ئىككى يېرىم شارچىسىدىكى ئەقلىي قابىلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئاچقىلى بولىدۇ.

ئوڭ مېڭىنى غىدىقلاشتىكى ئۇسۇلى 

ئەمەلىيەتتە ئوڭ مېڭىنى غىدىقلاشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ ئۆمىلەشنى مەشىق قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇ بالىلارنىڭ تەڭپۇڭلۇق تۇيغۇسى ۋە ھەرىكەت قىلىشىغا ئىنتايىن پايدىلىق. ئوڭ مېڭىنىڭ ھەرىكەت جەريانىدا ئېرىشىدىغان ئېنىق ئوبرازچانلىقى ۋە ھۈجەيرىلەرنىڭ غىدىقلىنىشى جىم تۇرغان ۋاقىتتا قارىغاندا ناھايىتى تېز بولىدۇ. بوكس ئويۇنى ياكى گىمناستىكا ئوينىغان ۋاقىتتا مەقسەتلىك ھالدا سول قولىنى قايتا-قايتا بىر قانچە قېتىم ھەرىكەتلەندۈرگەندە، ئوڭ مېڭىنى غىدىقلاپ ئىلھامنى قوزغايدۇ.

ئەقلىي قابىلىيەتئىنسانلارنىڭ ھۈجەيرە يادرولىرى ئىچىدە ئىككى خىل ماددا بولىدۇ، بىرخىلى ئوكسىدسىزلانغان رىبو يادرو كىسلاتاسى بولۇپ، قىسقارتىلىپ DNA دېيىلىدۇ. يەنە بىرخىلى رىبو يادرو كىسلاتاسى بولۇپ، قىسقارتىلىپ RNA دېيىلىدۇ. DNA بولسا كۆپ مىقداردىكى «ئىرسىي مەخپىي نومۇرى» نىڭ بەدەنگە توپلىنىشى بولۇپ، بىرقانچە مەخپىي نومۇر بىر گېننى تەشكىل قىلىدۇ، بىر گېن بىرخىل ئىرسىيە ئۇچۇرىنى بىلدۈرىدۇ. نۇرغۇنلىغان گېنلار بىر DNA مۇلىكۇلىلىرىنى تەشكىل قىلىدۇ. شۇڭا، DNA بولسا ئەمەلىيەتتە ئىرسىي ئۇچۇرىدىن تەركىب تاپىدۇ، ئۇرۇق ۋە تۇخۇمنىڭ بىرىكىشى تۈپەيلىدىن ئۇرۇقلانغاندا، دادىدىكى يېرىم DNA، ئانىدىكى يېرىم DNA ئاتا-ئانىدىكى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكنى ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ ئىككىسى بىرلەشكەندىن كېيىن بىر يېڭى ھاياتلىق پەيدا بولىدۇ، بۇ يېڭى ھاياتلىق ئاتا-ئانىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ساپا جەھەتتىكى خاراكتېر ئالاھىدىلىكىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئاتا-ئانىسىنىڭ مېڭىسى تەرەققىي قىلغان، تەپەككۇرى ئۆتكۈر بولسا، يەنى بىر خىل ئىرسىي ئۇچۇر بولسا، كۆپىيىش ھۈجەيرىلىرىدىكى DNA غا تەسىر قىلىپ، كېيىنكى ئەۋلادقا قالىدۇ. شۇڭا ئىرسىيەت ئارقىلىق ئەقلىي ساپاغا ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ، گېن تەتقىقات قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇرلاپ قانات يايدۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، گېن، ئىرسىيەت ۋە ئەقلىي قابىلىيەت توغرىسىدىكى سىرلار تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېچىلماقتا.

ئەقلىي قابىلىيەتمېڭە بولسا ئىنساننىڭ مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئەقىل بۇلىقى. تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، مېڭە ئىقتىدارىنىڭ ياخشى-يامان بولۇش ئامىلى گەرچە ئىرسىيەت، مۇھىت، ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ چېنىقىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ، بىراق %80 تىن كۆپرەكى ئوزۇقلۇق ماددىلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. تېخىمۇ ئىلگىرىلگەن ھالدا قىلىنغان تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، سەككىز خىل ئوزۇقلۇق ماددىلار مېڭىنىڭ ساغلام يېتىلىشىدە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدىكەن، يېتەرلىك تولۇقلانغان ياغ مېڭە ئىقتىدارىنى ئەتراپلىق يېتىلدۈرىدۇ. يېتەرلىك تولۇقلانغان ۋىتامىن C مېڭىنى ئۆتكۈر قىلىدۇ، يېتەرلىك تولۇقلانغان كالتسىي چوڭ مېڭە خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ، شېكەر بولسا مېڭە پائالىيىتىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى. ۋىتامىن B تۈرىدىكى ماددىلار نېرۋا توسالغۇلىرىنى ئاچىدۇ، ۋىتامىن A چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ۋىتامىن E مېڭە پائالىيىتىنى ساقلايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا خىلمۇخىل ئوزۇقلۇق ماددىلار مەسىلەن: سۇلفات كىسلاتاسى، فوسفور كىسلاتاسى، يود، تۆمۈر، سىنك قاتارلىقلارمۇ مېڭىنىڭ يېتىلىشىدە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. بالىلارنىڭ مېڭىسى يېتىلىش مەزگىلىدە تۇرغاندا، ئەقلىي قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە مېڭىنىڭ ساغلام يېتىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، تەڭپۇڭ ھالدا ئوزۇقلۇق تولۇقلاشقا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

ئېيىغا توشقان يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئەقلىي قابىليىتىبوۋاق ئېيىغا توشقاندا ئەڭ ئېنىق ئىپادىسى ئۆزىنىڭ كىچىك قولىغا قاراشنى ياخشى كۆرىدۇ. كىچىك قولىنى كۆزىنىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ ئون سېكۇنتتىن ئارتۇق قاراپ تۇرىدۇ. ئاۋاز چىقىرىشى يەنىلا يىغلاشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، بەزىدە كۈلكە ئاۋازىنى چىقىرىدۇ؛ بوۋاق تاشقى دۇنياغا قىزىقىشقا باشلايدۇ. ئاۋاز چىققان تەرەپكە ۋە ھەرىكەتلىنىۋاتقان نەرسىگە قارايدۇ ھەم نەرسىلەرگە تىكىلىپ قاراشنى ياخشى كۆرىدۇ. نەرسىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا بوۋاق بەكرەك ئادەمنى ياخشى كۆرىدۇ، جىمجىت ھالدا ئادەمنىڭ يۈزىگە دىققەت قىلىدۇ. بوۋاقلار رەڭلىك رەسىملەرنى كۆرۈشنى، سېرىق، قىزىل، ھال رەڭ قاتارلىق رەڭلەرنى، تەكشىلىكتىكى رەسىمگە قارىغاندا ئادەمنىڭ ستېرېئولوق رەسىمىنى بەكرەك ياخشى كۆرىدۇ. تونۇشلۇق بولغان كونسېرتلاردىن بوۋاقلار خۇشاللىق ھېس قىلىدۇ ھەم قولىنى پۇلاڭلىتىش، پۇتىنى تېپىش قاتارلىق ئىنكاسلارنى قايتۇرىدۇ، شۇنداقلا ھەممىدىن بەكرەك ئاتا-ئانىسىنىڭ ناخشا ئېيتىپ بېرىشىنى، سىيلاپ قويۇشنى ياخشى كۆرىدۇ ھەم ئاۋازلارنى، ئادەمنى، تەم، پۇراقلارنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ، ئاچچىقلىنىش، خۇشاللىنىش قاتارلىق كەيپىياتلارنى ئىپادىلەشكە باشلايدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#