گۋادېلۇپا
شىمالىي ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي ئامېرىكا ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرى ئىچىدىكى كىچىك ئانتىل ئاراللار گۇرۇپپىسىدىكى ئارال.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
گۋادېلۇپاشىمالىي ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي ئامېرىكا ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرى ئىچىدىكى كىچىك ئانتىل ئاراللار گۇرۇپپىسىدىكى ئارال. بۇ ئارالنى كولومبو 1493-يىلى ئامېرىكا قىتئەسىگە قىلغان سەپىرىدە تاپقان ھەم ئىسپانىيىنىڭ ئاتاقلىق چېركاۋسى «گۋادېلۇپا» نامىغا گۋادېلۇپا ئارىلى دەپ نام بەرگەن. بۇ ئارال 1635-يىلى فرانسىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان، كېيىن بىر مەزگىل ئەنگلىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. 1815-يىلى فرانسىيە قايتا ئىگىلگەن، 1946-يىلى «فرانسىيىنىڭ سىرتقى ئۆلكىسى» دەپ ئېلان قىلغان. ھازىر بۇ ئارالنى يەنىلا فرانسىيە تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن ۋالى باشقۇرىدۇ. گۋادېلۇپا ئارىلى مادىگالانت، دېسىراد قاتارلىق ئالتە كىچىك ئارالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يەر مەيدانى 1780 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ ئارالنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىن كېسىپ ئۆتىدىغان سالىې دەرياسى ئارالنى شەرق ۋە غەرب دەپ ئىككىگە ئايرىپ تۇرىدۇ. غەربىي قىسمى باسسىتررى، شەرقىي قىسمى گراندې تېررى ئارىلى دەپ ئاتىلىدۇ.
ئەڭ بۇرۇنقى خەلقلىرى كارىب ئىندىئانلىرى ھېسابلىنىدۇ.
گۋادېلۇپا ھازىر ئاھالىسىنىڭ كۆپىنى نېگىرلار، نېگىرلار بىلەن ئاق تەنلىكلەردىن بولغان ئارىلاش قان سىستېمىسىدىكى خەلقلەر تەشكىل قىلىدۇ، يەرلىك خەلق كىلئور تىلىنى(فرانسۇز، ئىسپان، ئىنگلىز تىللىرى ئاساسىدا شەكىللەنگەن يەرلىك تىل) قوللىنىدۇ. ھۆكۈمەت ئەمەدارلىرى فرناسۇز تىلىنى قوللىنىدۇ. ئاھالىنىڭ كۆپى كاتولىك دىنىغا، ئاز قىسمى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
ئىقلىمى تروپىك بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمان ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. ھاۋاسى يىل بويى يۇقىرى، نەم ئىسسىق بولىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃25 قا يېتىدۇ، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 2000-3000 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. ھەممە جاينى ياپيېشىل ئورمانلار، ئوت-چۆپلە قاپلاپ تۇرىدۇ، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى % 25گە يېتىدۇ. تېرىشقا بوللىدىغان يەر %35 نى تەشكىل قىلىدۇ.
گۋادېلۇپا ئارىلى ئىقتىسادىي جەھەتتە شېكەر قومۇشى، بانان، كاكائو، كوفى ئۆستۈرۈشنى ئاساس قىلىدۇ. يىلىغا 140 مىڭ توننا ئەتراپىدا نانان ئېكسپورت قىلىدۇ، بۇ جايدا 20 دىن ئوشۇق شېكەر زاۋۇتى بار.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.