شىنجاڭ خۇسۇسىي گۇاڭخۇا مەكتىپى

1998-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتىنىڭ تەستىقى بىلەن قۇرۇلغان پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى خەلق باشقۇرۇشىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ.

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ خۇسۇسىي گۇاڭخۇا مەكتىپى
قۇرۇلغان ۋاقتى 1998-يىلى 8-ئاي
تۈرى ياتاقلىق خەلقئارا مەكتىپى
خەنزۇچە نامى 新疆私立光华学校
مەكتەپ تەلىمى مەن ئەڭ قالتىس، مەن بىرىنچى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىنجاڭ خۇسۇسىي گۇاڭخۇا مەكتىپى1998-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتىنىڭ تەستىقى بىلەن قۇرۇلغان پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى خەلق باشقۇرۇشىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ. قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە مەكتەپ ئەسلىدىكى شىنجاڭ بانكا مەكتىپىنىڭ مەكتەپ بىناسى ئىجارىگە ئالغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلىرى 100 گىمۇ يەتمەيتتى. ئوقۇتقۇچىلىرى 30 نەپەردىن ئارتۇق ئىدى. مەكتەپ ۋاقىتقا بۆلۈپ 120 يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئۈرۈمچى يېڭىشەھەر رايونى دىۋوپۇ رايونىدا كۆپ ئىقتىدارلىق زامانىۋىلاشقان، باغچىلاشقان. 4000 نەپەردىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى سىغدۇرالايدىغان، زامانىۋى مەكتەپ قۇرۇپ چىقىشنى پىلانلىغان. بىرىنچى قارارلىق قۇرۇلۇشتا ئوقۇتۇش بىناسى، ئىلىم-پەن مەركىزى، سەنئەت مائارىپ مەركىزى، ئوقۇغۇچىلار، ئوقۇتقۇچىلار ياتاق بىناسى، ئاشخانا قاتارلىقلار سېلىنغان بولۇپ، 2000-يىلى كۈزدە رەسمىي ئىشلىتىلىشكە باشلىغان. مۇئاۋىن رەئىس ۋاڭ خۇۋەييۈ مەكتەپ نامىنى يېزىپ بەرگەن. 2000-يىلى 95 ئوقۇتۇش سىنىپى، 2700 نەپەردىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، نۆۋەتتە شىنجاڭدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئوقۇغۇچىلىرى ئەڭ كۆپ، خۇسۇسىي ئوتتۇرا مەكتەپ بولۇپ قالدى. ساپا مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مەكتەپ ئۆزىنىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن كىچىك سىنىپلىق ئوقۇتۇش، دەرىجىگە ئايرىپ ئوقۇتۇش، قاتلامغا ئايرىپ مەشىق قىلدۇرۇش، قاتلاملار بويىچە ئىمتىھان ئېلىشتەك ئالاھىدە مائارىپنى يولغا قويۇپ، ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ نىشانىنى باشقۇرۇش، تۈزۈمىنى باشقۇرۇش، جەريانىنى باشقۇرۇش ۋە دائىملىق باشقۇرۇشقا ئەھمىيەت بەردى. ياتاقلىق تۈزۈمدىكى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپتىكى ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن بولۇشتەك ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ دەرستىن سىرتقى پائالىيەت ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى بېيىتىپ ۋە كۆپ خىللاشتۇرۇپ، پىئانىنو، ئېلېكترونلۇق رويال، ئىسكىروپكا، ئاككوردىيون، ئۇسسۇل، مۇزىكا، خەتتاتلىق، رەسىم، قورشاۋ شاھمات، ۋاسكېتبول، پۇتبول، تىكتاك توپ، پەي توپ، ۋالىبول، يېنىك ئاتلېتكا، كومپيۇتېر، ئىنگلىز تىلى، ناتىقلىق، ئاسترونومىيىلىك كۆزىتىش، نۇسخا يىغىش قاتارلىق كۆپ خىل ھەۋەسكارلار كۇرۇژۇكىنى ئاچتى.

شىنجاڭ خۇسۇسىي گۇاڭخۇا مەكتىپىمەملىكەت بويىچە « ئىلغار خەلق باشقۇرۇشىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ »، مەملىكەت بويىچە « تەلەپچان بولۇش ۋە سەمىمىي بولۇش قۇرۇلۇشىدىكى ئىلغار ئورۇن »، « مەملىكەت بويىچە ئىلغار خەلق تەشكىلات »، مەملىكەت بويىچە « سەنئەت مائارىپىدىكى ئالاھىدە ئورۇن »، مەملىكەت بويىچە « سەنئەت تەربىيەسىدىكى ئىلغار ئورۇن »، مەملىكەت بويىچە « ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشىدىكى ئىلغار ئورۇن »، « مەملىكەتلىك قىزىل بايراق چوڭ ئەترىتى »، ش ئۇ ئا ر « ئەخلاق تەربىيىسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش مەكتىپى »، ش ئۇ ئا ر « تەلەپچان بولۇش ۋە سەمىمىي بولۇش قۇرۇلۇشىدىكى ئىلغار ئورۇن »، ش ئۇ ئا ر « خەنزۇ تىلىنى خەلقئارادا كېڭەيتىش ئوتتۇرا مەكتەپ بازىسى »، ئاپتونوم رايوننىڭ « ئارخىپلارنى نىشانلىق باشقۇرۇشتا ئىككىنچى دەرىجىلىك ئورۇن » بولۇپ باھالاندى؛ سانجى ئوبلاستى « ئىلغار مەكتىپى »، سانجى ئوبلاستى « 1 - دەرىجىلىك مەكتەپ »، سانجى ئوبلاستى « ئاساسىي مائارىپ بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش مەكتىپى »، ئۈرۈمچى شەھىرى بويىچە « مەدەنىيەتلىك ئورۇن »، ئۈرۈمچى شەھىرى « باغچىلاشقان ئورۇن »، ئۈرۈمچى شەھىرى « ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرى بويىچە ئۈلگىلىك ئورۇن »، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە ئۆلچەمگە يەتكەن ئورۇن » دېگەن ناملارغا ئېرىشكەن. 

2008 - يىلى ئاساسىي ئېقىم ئاخبارات ۋاستىلىرى تەرىپىدىن « شىنجاڭ خەلق رايى ئون مۇنەۋۋەر خەلق باشقۇرۇشىدىكى ئاساسىي مائارىپ ئاپپاراتى »، 2009 - يىلى « شىنجاڭ خەلق باشقۇرۇشىدىكى مائارىپ خەلق رايىنى باھالاش ئەڭ قارشى ئېلىنىدىغان ئاساسىي مائارىپ 

ئاپپاراتلىرى » دېگەن نامغا ئېرىشتى، ھەمدە «شىنجاڭ مائارىپقا تۆھپە قوشۇش مۇكاپاتى » باھالاشتا چېمپىيون بولدى. 2010 - يىلى « ئون چوڭ داڭلىق مەھسۇلات سەمىمىي تىجارەت ئورۇنلىرى » بولۇپ باھالاندى، ھەم « يېڭىلىق يارىتىپ، خەلق باشقۇرۇشىدىكى مائارىپ ئاپپاراتلىرى مۇكاپاتى » غا ئېرىشتى. 

▲ كىچىك سوممىلىق تۈزۈلمىسى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ھەر بىر سىنىپتا 40 تىن ئاشماسلىقى كېرەك . 

▲ خۇاڭگاڭ شەكلىدىكى ئوقۇتۇش تولۇق ئوتتۇرا خۇبېي ئۆلكىسى خۇاڭگاڭ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتۇش ئەندىزىسى بويىچە، مەشىق سىستېمىسى ئارقىلىق ئۇقۇتۇش ئېلىپ بېرىش؛ 

▲ يېپىق باشقۇرۇش ھالەتتىكى باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، ئامانلىق ساقلاش ۋە ھەربىيلەر 24 سائەت چارلاش، دىجورنىلىق، ئوقۇغۇچىلار جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. 

▲ ئىچكىرىدىكى داڭلىق ئوقۇتقۇچىلىرىدىن باشقا  % 90 تىن يۇقىرى ئوقۇتقۇچىلار بېيجىڭ، شاڭخەي، جاڭسۇ، كوخوگۇ، شەندۇڭ، خۇنەن، خېبېي، ئەنخۇي، سىچۇەن، جياڭشى قاتارلىق مەملىكەت بويىچە مائارىپى تەرەققى قىلغان ئۆلكە ۋە رايونلاردىن كەلگەن. 

▲ دەرسلىك بىرىكتۈرۈش دەرسلىك مەكتەپلەرنى بىرلەشتۈرۈپ مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش تۈزۈلگەن خەلق مائارىپ نەشرىياتى نەشر قىلغان دەرسلىك، ھەمدە يېڭىدىن مەكتەپكە بىر ئاي ئىچىدە كىرگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئەسلىدىكى دەرسلىك بىرلەشتۈرۈپ، دەرسلىك پەرقلىق ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىش.  [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#