شىنجاڭ تېرىكى
شىنجاڭ تېرىكى يەنە ھاڭگا تېرەك دەپمۇ ئاتىلىدۇ. شىنجاڭ تېرىكى باشقا ھەر قانداق تېرەككە ئوخشىمايدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
شىنجاڭ تېرىكى يەنە ھاڭگا تېرەك دەپمۇ ئاتىلىدۇ. شىنجاڭ تېرىكى باشقا ھەر قانداق تېرەككە ئوخشىمايدۇ. غول قىسمىدىن تارتىپ شاخلىرىغا قەدەر خۇددى بامبۇك نوتىسىدەك بوغۇم-بوغۇم بۇلۇپ ئۆسىدۇ، بىر بوغۇم بىلەن يەنە بىر بوغۇم ئارلىقى تەخمىنەن 20 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. قوۋزاق غازاڭلىرىنىڭ رەڭگى قاپاق تېرەكنىڭكىگە ئوخشاش كۈمۈش رەڭدە.
شىنجاڭ تېرىكىنىڭ غول قىسمىنى باشقا تېرەكلەرنىڭكىگە ئوخشاش ئۆي جاھازىلىرىنى ياساشقا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. بوغۇملىرى كۆپ بولغاچقا سۈپەتلىك چىقمايدۇ. شىنجاڭ تېرىكىياغىچىنى پەقەت قىرىمچىىق، قول ھۈنەر -سەنئىتىدە ئاياق، كاسا، دۈشە ئاياق، تەڭلە قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ تېرىكى ياغىچىنىڭ تۇقۇلمىلىرى ئىنتايىن مۇستەھكەم، قاتتىق چىڭ بۇلۇپ قىرىمچىلىق سەنئىتىدە ئەڭ ياخشى خام ماتىريال ھېسابلىنىدۇ. باھاسىمۇ باشقا تېرەك ياغاچلىرىغا قارغاندا بەكلا قىممەت.
شىنجاڭ تېرىكىنىڭ تارقىلىشى كۆپ ئەمەس، قەلەمچە قىلىپ ئۆستۈرۈشمۇ تەس، ئاسان كۆكلىمەيدۇ، پەقەت يىلتىزىسىن ئاز ساندا نوتا كۆكلەپ چىقىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.