- ئۈستىقۇددۇس (خام دورا )
- ئۈستىقۇددۇس ()
ئۈستىقۇددۇس
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
مېڭىنى تازىلاش، پەي نېرۋىلارنى قۇۋۋەتلەش ۋە قوزغىتىش، ماددىلارنى تارقىتىش، بەلغەم بوشىتىش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە يىغىۋېلىپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
ئۈستىقۇددۇس، ئاقىرقەرھا ۋە سىركەنجىۋىلنىڭ ھەر بىرىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، تۇتقاقلىق كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى ئۈستىقۇددۇسنى سەبرى (ئالوي) بىلەن قوشۇپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، تىترىمە كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۈستىقۇددۇستىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ئۇنىڭغا قارىمۇچ ۋە يۇمغاقسۈت قوشۇپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، باشنىڭ يېرىمى ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى ئۈستىقۇددۇسنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، پالەچ، لەقۋا، تىترىمە كېسەل، تۇتقاقلىق كېسەل، نەزلە، زۇكام، ئۇنۇتقاقلىق، بەدەن ئاجىزلىقى ۋە بوغۇم ئاغرىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.