پىيالما يېزىسى
پىيالما يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى نىڭ گۇما ناھىيەسى گە جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
پىيالما يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى نىڭ گۇما ناھىيەسى گە جايلاشقان. ئۇنىڭ قارىمىقىدا يەتتە كەنت بۇلۇپ، جايتاش كەنتى، لەڭگەركۆل كەنتى، قۇمبويى كەنتى، ئۆتەڭ كەنتى، تاۋۇز ئۆستەڭ كەنتى، قاتار دۆڭ كەنتى، پىيالما يېزىسى قاراشلىق ئورگان ۋە ئورۇنلار بار. ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ شەرقىگە 99.8 كىلومېتىر كېلدىغان جايغا جايلاشقان، شەرقتە قاراقاش ناھىيەسى، غەربتە زاڭگۇي يېزىسى، شىمالدا مەكىت ناھىيەسى، جەنۇبتا ئاچا يوپۇرماقلىق تاشيولى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكە ئوتتۇرىچە كەڭلىكى تەخمىنەن 18 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 240 كىلومېتىر كېلىدۇ، نوپۇس سانى 5148 ئادەم.
بۇ يېزىنىڭ شىمالىي تەرىپى تارىم ئويمانلىقى، جەنۇبى تەرىپى ئاچا يوپۇرماقلىق تاشيول بۇلۇپ، تۆت ئەتراپىنى چۆل، قۇملۇق ئوراپ تۇرىدۇ، قۇرغاقچىلىق، قۇم-بوران كۆپ؛ يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا ℃11.6 بولىدۇ، ئەڭ ئىسسىق مەزگىلى 7-ئاي بۇلۇپ تېمپىراتۇرسى ℃24.9، ئەڭ سوغۇق مەزگىلى 1-ئاي بۇلۇپ تېمپىراتۇرسى ℃6-، قىروسىز مەزگىلى 215 كۈن ئەتراپىدا بولىدۇ.
يېقىندىن بېرى پىيالما يېزىسى باشتىن-ئاخىر تەرەققىياتنى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە دەپ قاراپ، يېڭى يېزا قۇرۇلۇش فاڭجېنىنىڭ تەلىپى بويىچە، بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى تولۇق ئىشقا سېلىپ، يېزىدىكى خەلق ئاممىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما زىچ ئۇيۇشۇپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، دېموكراتىيە، قانۇنچىلىق ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرلۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش مەقسىتىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، «ئەلسۆيەرلىكنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، خەلقنى خاتىرجەم قىلىش» ئىدىيسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلغان. يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ۋە يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇللۇق ئورنىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىگەن ۋە كۈچەيتكەن. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.