تاشقى جىنسىي ئەزا ياللۇغى

تاشقى جىنسى ئەزا ياللۇغى

بۇ، ھەر خىل سەۋەبلەردىن تاشقى جىنسىي ئەزالاردا ياللۇغلىنىش يۈز بېرىپ، كلىنىكىدا يەرلىك ئورۇن قىزىرىش، قىزىش، ئىششىش، ئاغرىش، ئېچىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.

غەرب تېبابىتى نامى تاشقى جىنسىي ئەزا ياللۇغى
كېسەللىك سەۋەبى جىنسىي يول ياللۇغى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
تەۋە بۆلۈم ئاياللار بۆلۈمى
ئاساسلىق ئالامىتى سوزۇلما خاراكتېرلىك تاشقى جىنسىي ئەزا ياللۇغىدا يەرلىك ئورۇن تېرىسى قىچىشىدۇ، قىزىرىدۇ، ئىششىيدۇ، ئاغرىيدۇ، كۆيۈشىدۇ، يۇمشاق قاپارتمىلار پەيدا بولىدۇ.
خەنزۇچە نامى 外阴炎
كېسەللىك ئورنى جىنسى ئەزا

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە «ئىلتىھابى ئەزائى تەناسىلى خارىجى» دەپ ئاتىلىدۇ. تاشقى جىنسىي ئەزا ياللۇغى كېسەللىكنىڭ تەرەققىيات جەريانىغا ئاساسەن ئۆتكۈر خاراكتېرلىك تاشقى جىنسىي ئەزا ياللۇغى ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك تاشقى جىنسىي ئەزا ياللۇغى دەپ ئىككى تۈرگە، كېسەللىك پەيدا بولۇش ھەم يېشىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن بوۋاقلاردىكى تاشقى جىنسىي ئەزا ياللۇغى ۋە چوڭلاردىكى تاشقى جىنسىي ئەزا ياللۇغى دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

1.  ئوفۇنەتلەنگەن قان خىلىتى تاشقى جىنسىي ئەزا شىللىق پەردىلىرىنى تەكرا غىدىقلاپ ھەم تەبىئەت كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 2. باشقا كېسەللىكلەر تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 1) جىنسىي يول ياللۇغى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭدا كۆپىنچە تامچە قۇرت، تەسۋىسىمان جاراسىملىق جىنسىي يول ياللۇغى، ئاميوبالىق جىنسىي يول ياللۇغى كېسەللىكلىرىدىكى جىنسىي يول ئاجرالما ماددىلىرى تاشقى جىنسىي ئەزا تېرىسى ۋە شىللىق پەردىلىرىنى غىدىقلاپ، تاشقى جىنسىي ئەزا ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 2) دىئابېت كېسىلى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. دىئابېت كېسىلىدە ئورگانىزمنىڭ جۈملىدىن ئاياللار جىنسىي ئەزالىرىنىڭ تەبىئىي قوغدىنىش ئىقتىدارى ئاجىزلىغانلىقتىن جىنسىي يول ئاسانلا كۆكەرتكۈچى تاياقچە جاراسىمى بىلەن يۇقۇملىنىپ، تاشقى جىنسىي ئەزا ياللۇغى كېلىپ چىقىدۇ. 3. پارازىت قۇرت تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. پارازىت قۇرت ۋە ئۇلارنىڭ لىچىنكىلىرى تاشقى جىنسىي ئەزالار شىللىق پەردىلىرىنى تەكرار غىدىقلاش نەتىجىسىدە تەدرىجىي ياللۇغلىنىش ۋە شەلۋەرەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 4. سىرتقى زەخىملىنىشتىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭدا ئاساسلىقى، تار ئىچ كىيىملەرنىڭ سۈركىلىشى، ھەيز دەۋرىدىكى ئىشلەتكەن تازىلىق بۇيۇمىنىڭ زەخىملىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

سوزۇلما خاراكتېرلىك تاشقى جىنسىي ئەزا ياللۇغىدا يەرلىك ئورۇن تېرىسى قىچىشىدۇ، قىزىرىدۇ، ئىششىيدۇ، ئاغرىيدۇ، كۆيۈشىدۇ، يۇمشاق قاپارتمىلار پەيدا بولىدۇ. بۇ خىل ئالامەتلەر كىچىك تەرەت قىلغاندا تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ. ئېغىرلىرىدا چات يېرىقى، لىمفا تۈگۈنچىلىرى يوغىنايدۇ (ئىششىيدۇ) ھەمدە باسقاندا ئاغرىيدۇ. ئۆتكۈر خاراكتېرلىك تاشقى جىنسىي ئەزا ياللۇغىدا يۇقىرىقى ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن باشقا يەنە قىزىش، پۈتۈن بەدەن يېقىمسىزلىنىش قاتارلىق ئۆتكۈر بولغان پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

1. كېسەللىك تارىخى ۋە تىپىك بولغان كېسەللىك ئالامىتىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. ئىلگىرى جىنسىي يول ياللۇغى، دىئابېت … قاتارلىق كېسەللىكلەر بىلەن ئاغرىغانلىق تارىخى بولۇش بىلەن بىرگە تاشقى جىنسىي ئەزادا قىزىرىش، ئىششىش، قىچىشىش، ئاغرىش، كۆيۈشۈش، چات يېرىقى لىمفا تۈگۈنچىلىرى ئىششىش، باسقاندا ئاغرىش، پۈتۈن بەدەن بىئارام بولۇش، قىزىتمىسى ئۆرلەش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. 2. قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. 1)سۇۋالما ئېلىپ تەكشۈرۈش: (1)ئاق خۇندىن سۇۋالما تەييارلاپ تەكشۈرگەندە نورمال چىقىدۇ ياكى ئاق خۇندىن جاراسىملار تېپىلىدۇ. مەسىلەن: كۆكەرتكۈچى جاراسىم، تامچە قۇرت قاتارلىقلار. (2)چوڭ تەرەتتىن سۇۋالما ئېلىپ تەكشۈرگەندە نورمال چىقىدۇ. 2) توقۇلما ئېلىپ تەكشۈرۈش: يەرلىك ئورۇندىن توقۇلما ئېلىپ تەكشۈرگەندە ؟؟؟ چىقىدۇ. 3) قاننى قائىدىلىك تەكشۈرۈش: قاننى قائىدىلىك تەكشۈرگەندە ئاق قان دانچىلىرى كۆپىيىپ كەتكەن بولىدۇ.

سىفلىس ئەسۋىسىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ. سىفلىس ئەسۋىسى كۆپىنچە سىرتقى جىنسىي ئەزا، مەقئەت قورۇغۇچى مۇسكۇلى، تىل، تامغاق، بۇرۇن، قول بارماقلىرى، ئەمچەك ئۇچى قاتارلىق ئورۇنلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. ئەسۋىسىنىڭ سىرتقى يۈزى شەلۋەرەپ كەتكەن سۆگەلسىمان تۈگۈنچە شەكلىدە ياكى ئەسۋە شەكلىدە بولۇپ ئاغرىش، قىچىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمەيدۇ. ئوتتۇرىسى ئولتۇرۇشۇپ كۈلرەڭگە كىرىدۇ. ئەتراپى كۆپۈپ قىزىلغا مايىللىشىپ قېتىپ قالىدۇ. قاپارتمىلارنىڭ بەزىلىرىدىن ئازراق يىرىڭلىق سۇيۇقلۇق ئاقىدۇ، بەزىلىرى قۇرۇق بولىدۇ، يەرلىك ئورۇن لىمفا تۈگۈنچىلىرىدە ئىششىش، ئاغرىش، قىزىرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. سىفلىس قان زەردابى كومپىلىمىت رېئاكسىيىسى مۇسبەت چىقىدۇ.

1. ئوفۇنەتلەنگەن قان خىلىتىدىن كېلىپ چىققان بولسا تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 2. باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا شۇ خىل كېسەللىككە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 3. ياللۇغ قايتۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

ئوفۇنەتلەنگەن قان خىلىتىدىن بولغان بولسا قان تازىلاش، قاننىڭ ھارارىتىنى پەسەيتىش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ. كاسىنە ئۇرۇقى، چىلان، شاھتەررە، بىنەپشە، نېلۇپەر، شاتۇت، ئەينۇلا، سەرسىبىل، قەسبۇزەرىرە، چۆپچىن، قارا ھېلىلە، ئىتئۈزۈمى قاتارلىقلاردىن تاللاپ ئېلىپ، قايناتما ياكى شەربەت تەييارلاپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىشكە بېرىلىدۇ. چىلان شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن؛ ئەرقى شاھتەررە كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن؛ ئەرقى چۆپچىن كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن؛ ئۆشبە شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن؛ ئەرقى ئۆشبە كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن؛ ئىترىفىل شاھتەررە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ ئىترىفىل چۆپچىن كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن تاللاپ ئىستېمال قىلىنىدۇ. ياللۇغ قايتۇرۇش ۋە ئىششىق ياندۇرۇش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ. ئىترىفىل شاھتەررە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ مەجۈنى ئۆشبە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ مەجۈنى چۆپچىن كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن؛ ئۆشبە شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن؛ ئەرقى شوخلا كۈندە ئۈچ ق−ېتىم، ت−اماقتىن كېيى−ن، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردى−ن تاللاپ ئىستېمال قىلىنىدۇ. سېرىقچېچەك، ئىتئۈزۈمى، كاكىنەچ، كاۋاۋىچىن، سەرسىبىل قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 20 گرام ئېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى قاينىتىپ، ئابىزەن تەييارلاپ، كۈندە بىر قېتىم ئولتۇرغۇزۇلىدۇ. ئوسما قاينىتىلمىسى تەييارلاپ، كۈندە بىر قېتىم يۇيۇشقا بېرىلىدۇ. ئاق لەيلى، زىغىر ئۇرۇقى، ئوغرىتىكەن، ئادراسمان ئۇرۇقى قاتارلىقلاردىن 15 گرامدىن ئېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ، سۈيىدە يۇيۇشقا بېرىلىدۇ ياكى ۋاننا قىلىنىدۇ. داكىنى گۈل يېغى، بابۇنە يېغى ياكى ئەرقى گۈلدە نەمدەپ يەرلىك ئورۇن پاكىز سۈرتۈپ بېرىلىدۇ. ئەگەر تاشقى جىنسىي ئەزادا قاپارتچۇق شەكىللەنگەن بولسا ئېغىز ئالدۇرۇش مەقسىتىدە قىچا، ئەنجۈر، پىياز ئۇرۇقى، تازىلانغان تۇز قاتارلىقلاردىن بەش گرامدىن ئېلىپ، قائىدە بويىچە مەلھەم تەييارلاپ، يەرلىك ئورۇنغا چېپىلىدۇ. ئەگەر تاشقى جىنسىي ئەزادىكى قاپارتچۇق ئېغىز ئېلىپ يىرىڭلىق ئاجرالمىلار چىقسا مائۇلھەسەل بىلەن يەرلىك ئورۇننى پاكىز يۇيۇپ، ئوسما قاينىتىلمىسى بىلەن يۇيۇلىدۇ ياكى قىچا مەلھىمى يەرلىك ئورۇنغا چېپىلىدۇ.

1. تەستە ھەزىم بولىدىغان، يەل پەيدا قىلغۇچى، زىيادە سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ. 2. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يېمەك-ئىچمەكلەر بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇلىدۇ. مەسىلەن: كەپتەر گۆشى، توخۇ گۆشى، ئۈگرە، سەۋزە، بېدە، كەرەپشە، پالەك، چامغۇر، بادام، ئالما، نەشپۈت، چۈچۈمەل ئانار، چىلان، كۆك ئۈزۈم قاتارلىقلار. 3. شەخسىي تازىلىققا دىققەت قىلىش، يەرلىك ئورۇننىڭ پاكىز، قۇرغاق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، يەرلىك ئورۇننىڭ زىيادە غىدىقلىنىشىدىن ساقلىنىش، ئىچ كىيىملەر يۇمشاق بولۇش، ھەيز مەزگىلىدە يەرلىك ئورۇننى ئىلمان سۇ بىلەن يۇيۇپ بېرىش لازىم.

كېسەللىكنى ۋاقتىدا بايقاپ، مۇۋاپىق داۋالاش ئېلىپ بارغاندا تېزلا ياخشىلىنىپ كېتىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا داۋالاش ئېلىپ بارمىغاندا تاشقى جىنسىي ئەزا ئاق داغ كېسىلىگە ئۆزگىرىپ كېتىش ئېھتىمالى بولىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1263

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#