ئالەم بوشلۇقىدا تۇنجى قېتىم سەيلە قىلغان ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سوۋېت ئىتتپاقىنىڭ پودپولكوۋنىكى ئا. لېئونوپ(1934-يىلى 30-مايدا تۇغۇلغان) ئالەم بوشلۇقىدا تۇنجى قېتىم سەيلە قىلغان. ئۇ 1965-يىلى 81-مارتتاپ. بېليايېپ بىلەن بىللە ئالەم كېمىسى «يۇقۇرىغا كۆتۈرۈش-2» گە چۈشۈپ، بېكنۇردىن ھاۋاغا كۆتۈرىلدۇ. لېونۇپ كىرىنۋېچ ۋاقتى سائەت 8 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ئورۇندۇقتىن تۇرۇپ ئالەم كېمىسىنى كىيىپ، دۈمبىسىگە ئوكسىگېن قاچىسىنى ئارتىپ، ئالەم كېمىسىنىڭ ئۇچىغا تۇتىشىدىغان ھاۋا چۈشۈرگە بۆلۈمى ئارقىلىق كېمە بۆلۈمىدىن چىقىپ، ئالەم بوشلۇقىغا قەدەم باسىدۇ. ئۇنىڭ ھەركىتى غەۋۋاسنىڭ سۇ ئاستى كېمىسىدىن دېڭىز ئاستىغا چۈشۈشىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. غەۋۋاس چۈشۈرگىدىن ئۆتىدۇ. بىراق لېونوپنىڭ ئالەم بوشلۇقىغا قەدەم بېسىشى بولسا ئىنتايىن خەتەرلىك.

 ئالەم كېمىسىمۇ، ئالەم ئۇچقۇچىسىمۇ ئۆز ئېغىرلىقىنى يوقاتقان ھالەتتە تۇرغاچقا، بوشلۇقتا سەيلە قىلىش مېڭىش ئەمەس، بەلكى لەيلەشتىن ئىبارەت بولىدۇ. ئالەم ئۇچقۇچسىنىڭ ھەركىتىدە بىر ئاز بىپەرۋالىق كۆرۈلسىلا، ئۇ ئالەم كېمىسىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ-دە، مەڭگۈ قايتىپ كېلەلمەيدۇ. بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئۇچقۇچى بەش مېتىرلىق ئارغامچا بىلەن چىڭ باغلاپ قۇيۇلىدۇ. ئارغامچىدىكى تېلېفۇن سىمى ئالەم كېمىسىنىڭ ئىچى بىلەن سىرتىدىكى ئۇچقۇچىنىڭ سۆزلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئارغامچىدىكى توك سىمى ئالەم كېمىسىنىڭ ئىچى بىلەن سىرتىدىكى ئۇچقۇچىلارنىڭ سۆزلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئارغامچىدىكى توك سىمى سىرتىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىكى بارلىق فىزولوگىيىلىك سېزىمى، بىئولوگىيىلىك ئىقتىدارى ئۆلچەنگەن سانلىق مەلۇماتلارنى ئالەم كېمىسىنىڭ ئىچىگە ۋە يەرشارىغا مەلۇم قىلىپ تۇرىدۇ. لېئونۇپ بوشلۇقتا 20 مىنۇت تۇرغاندىن كېيىن بۇرۇنقى يول بىلەن ئالەم كېمىسىگە قايتىپ كىرىدۇ. 20 ئىچىدە ئۇ 12 مىنۇت 9 سېكۇنت لەيلەپ يۈرىدۇ. يەر شارىغا تارقىلىدىغان تېلېۋىزورغا قارىغاندا، ئۇنىڭ ھەركىتى كۈلىكىلىك دەرىجىدە قوپال بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئادەملەرنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا تۇرالايدىغانلىقى ۋە ھەرىكەت قىلالايدىغانلىقنى ئىسپاتلىدى، كېيىنكى ئالەم قاتنىشى ئۈچۈن تەجرىبە توپلاپ بەردى. (تەن دېتۇڭ) 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#