خەتلىك فىلىم
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
خەتلىك فىلىم دېگىنىمىز، ھەرخىل تىلدىكى خەتلىك قىلىپ تەرجىمە قىلىنغان ئۆز تىل فىلىملەرنى كۆرسىتىدۇ. جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ يېڭى كىنو-فىلىملەرگە بولغان ئېھتىياجىمۇ كۈنسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلمەكتە. يېڭى چىققان فىلىملەرنىڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىغا ئوخشاش مۇنتىزىم ئورگانلار تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىشى ئىنتايىن ئاستا. شۇ سەۋەبلىك شەخسىيلەر ئۆزى ياقتۇرغان فىلىمنى تەرجىمە قىلىپ، كۆرۈرمەنلەرگە سۇنۇش ئۈچۈن فىلىمنىڭ خېتىنى تەرجىمە قىلىپ، فىلىمگە پىرىسلاش ئارقىلىق ھەرخىل تىلدىكى خەتلىك فىلىم گۇرۇپپىلىرى كۈنسېرى كۆپەيدى.
2006-يىلى ئىنتىل سەيناسى تورىدا«بىلىك-ئىنتىل گۇرۇپپىسى» قۇرۇلۇپ دەسلەپكى پىداكارلار بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ ئۇيغۇرچەخەتلىك فىلىملەرنى روياپقا چىقىرىشقا باشلىدى. ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىملەر شۇندىن بېرى پەيدا بولۇشقا باشلىدى.
فىلىم مەنبەسى ئىزدەش : ئەڭ دەسلەپتە تەرجىمە قىلماقچى بولغان فىلىمنىڭ يۇقىرى سۈزۈكلۈكتىكى نۇسخىسى ھەرقايسى فىلىم تەمىنلەش تور بەتلىرى ئارقىلىق تەييارلىنىدۇ
ۋاقىت ئوقى ياساش : ۋاقىت ئوقى بولسا فىلىمدىكى پىرسوناژلار گەپ قىلىشقان ۋاقىتتا ئاستىدا چىقىپ تۇرىدىغان يېزىقنىڭ ۋاقتىنى بەلگىلەيدۇ. ناۋادا مۇۋاپىق يېزىق ھۆججىتى تېپىلماي قالغان شارائىتتا ۋاقىت ئوقى ياساش كېرەك بولىدۇ.
تەرجىمە قىلىش : تەييارلانغان يېزىقىتىكى دېئالوگنى ئۇيغۇر تىلى قائىدىسى بويىچە جانلىق، ئىملانى توغرا قىلغان ئاساستا فىلىمنى بىرتەرەپتىن كۆرۈپ، بىر تەرەپتىن تەرجىمە قىلىپ چىقىشنى كۆرسىتىدۇ
تەھرىرلەش : تەرجىمە قىلىنىپ بولۇنغان يېزىق ھۆججىتىتەھرىرنىڭ نەزىرىدىن ئۆتۈپ، تەرجىمە خاتالىقى، لوگىكىلىق خاتالىق، ئىملا خاتالىق قاتارلىقلار تۈزىتىلىدۇ.
ئالاھىدە ئۈنۈم : تەھرىرلىنىپ بولغان يېزىققا فىلىمدا خەتلەرنىڭ ئالاھىدە، كۆركەم چىقىشى ئۈچۈن ھەرخىل كودلار قوشۇلىدۇ.
پىرىسلاش : ئاخىرىدا دەسلەپتە تەييارلاپ قويغانفىلىم بىلەن يېزىق ھۆججىتى پىرىسلىۋىتىلىدۇ. خەتلىك فىلىم پۈتۈپ چىقىدۇ ۋە كۆرۈرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا تاپشۇرىلىدۇ.
خەتلىك فىلىم گۇرۇپپىلىرى ئىچىدە دۆلىتىمىز ئىچىدە خەتلىك فىلىم گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئىچىدە بىر قەدەر ئالدىدا مېڭىۋاتقىنى بولسا yyets گۇرۇپپىسى. بۇ گۇرۇپپىنىڭ فىلىم مەنبەسى ئىنتايىن كۆپ، تەرجىمە سۈرئىتى تېز تور بىكەت بولۇپ كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى بىمالال قاندۇرۇپ كەلمەكتە.
ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم 2006-يىلى باشلانغاندىن بۇياننۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقلارنى باشتىن كەچۈردى. كۆپىنچە خەتلىك فىلىم گۇرۇپپىلىرى تارقىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئاز بىر قىسىم بىكەتلەر يەنىلا بۇ يولدا بوشاشماي قەدەم تاشلاپ ماڭماقتا.
تۆۋەندىكىسى ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم گۇرۇپپىلىرى(بەزىلىرى ئاللىبۇرۇن تاقالغان )
بىلىك-ئىنتىل گۇرۇپپىسى
قۇتيار تەرجىمە گۇرۇپپىسى
ئاقبۈركۈت تەرجىمە گۇرۇپىپسى
شاھ ئۇيغۇر بىلوگى
ئوغۇلچاق تەرجىمە گۇرۇپپىسى
تۇرانىم تەرجىمە فىلىم تورى
كۆۋرۈك تورى
مەستانە بىلوگى
دولقۇن كارتون تورى
كۆزنەك تەرجىمە گۇرۇپپىسى
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.